تەرلەش ئادەم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدۇ، نورمال ئەھۋالدا ئادەم تېرىسىدە 2 مىليوندىن 5 مىليونغىچە تەر بېزى بولۇپ، ھەر كىۋادرات سانتىمېتىر تېرىدە تەخمىنەن 100 دىن 350 كىچە تەر بېزى بولىدۇ.
تەر بېزىنىڭ بەزىلىرى چوڭ، بەزىلىرى كىچىك. چوڭ تەر بېزى تېبابەتتە ئىچكى ئاجراتما بېزى دەپ ئاتىلىپ، قولتۇق، مەقئەت، كۆكرەك توپچىسى ۋە تاشقى قۇلاق قاتارلىق ئورۇنلاردا بولىدۇ. كىچىك تەر بېزى تېبابەتتە تاشقى ئاجراتما بېزى دەپ ئاتىلىپ، بەدەن تېرىسىنىڭ ھەممە يېرىدە بولۇپ، بىر قىسمى بەدەن قىزىغان ۋە ھەرىكەت قىلغاندا، يەنە بىر قىسمى ئادەم غىدىقلانغان، جىددىيلەشكەن ياكى ھاياجانلانغاندا تەر چىقىرىدۇ.
ھەممە ئادەم تەرلەيدۇ، بىراق تەرنىڭ مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ. تەرلەش ھاۋارايى، مۇھىت، ھەرىكەت ۋە روھىي ھالەت قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىناقلارغا ئاساسلانغاندا، راھەت ۋە تىنچ شارائىتتا چوڭ ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك سۇ چىقىرىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمى، يەنى تەخمىنەن 0.6 لىتىرى تەر بېزى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىدىكەن. ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە ياكى كۆپ ھەرىكەت ۋە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغاندا ئۈچ لىتىر ئەتراپىدا تەر چىقىدىكەن. ئۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشتىن باشقا، كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ بەدەن سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەيدىكەن.
تەرنىڭ پۇراقلىق بولۇشى ئەمەلىيەتتە تەردە پۇراق بولمايدۇ، پەقەت تېرە ۋە كىيىم – كېچەكلەردىكى تەر ۋاقتىدا تازىلانمىغاندا پۇراق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر تازىلانغاندىن كېيىنمۇ پۇراق تۈگىمىسە، بۇ چوقۇم ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىنىڭ جانلانغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە چوقۇم ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.
تەر رەڭگىنىڭ كۆرۈمسىز بولۇشى تەر ئەسلىي رەڭسىز ياكى سۇس سېرىق رەڭدە بولۇپ، رەڭلىك تەر بەزى كېسەللىكلەردىن بېشارەت بېرىدۇ. تەر رەڭگى سۇس كۆك رەڭدە بولسا مىستىن زەھەرلىنىشنىڭ ئىپادىسى بولۇپ مىس بىلەن ھەپىلەشكۈچىلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. تەر رەڭگى كۈلرەڭ، بىنەپشە (سۆسۈن) ۋە قارا رەڭلەردە بولسا مەلۇم دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىنكى رېئاكسىيەدىن بېشارەت بېرىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ئەھۋاللاردا چوقۇم تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش كېرەك.
كۆپ تەرلەشتىن بىئارام بولۇش ئادەتتە سېمىزلىك، ھەرىكەت ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن كۆپرەك تەرلىسە ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. بىراق، ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەرلىسە، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئوغرى تەر ئادەتتە ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى ئاغرىقلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئادەتتە قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ كۆپ تەرلىمەسلىكى ھەتتا پەقەت تەرلىمەسلىكى كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەمدە ھەر بىر لىتىر تەر چىققاندا 600 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق تارقىتىدىكەن. تەرلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ھەرىكەتتىن تەرلەش بولۇپ مۇسكۇللارنى چىڭىتىپ، نېرۋىلارنى بوشىتىپ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدىكەن. مۇنچىدا تەرلەشمۇ پايدىلىق بولۇپ سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولماسلىقى، ۋاقتى ئون مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك ئىكەن.
كۆپ تەرلىگەندە دەرھال سۇ تولۇقلاش كېرەك. ياخشىسى ئازراق تۇز قوشۇلغان ئىلمان قايناق سۇ ئىچىش، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى، يۈزىنى سوغۇق سۇدا، بەدەننى ئىلمان سۇدا، پۇتنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ تۇرۇش ساغلاملىق ئۈچۈن پايدىلىق.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى