ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
توخۇ گۆشى. توخۇ گۆشىدە ئاقسىل، فوسفور ۋېتامىن مول، ماي تەركىبى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ. دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇپ سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بېلىق گۆشى. بېلىق گۆشىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل ماددىسى مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ماي مىقدارىنى تولۇقلايدۇ. ئاقسىل بەدەندىكى ھۈجەيرە ئىشلەپچىقىرىشتا زۆرۈر بولغان ماددا، بېلىقنى كۆپ يەپ بەرسە، چاچ قويۇق، پارقىراق، تېرە يۇمشاق، سىلىق بولىدۇ.
جىگەر. ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرى تۆمۈر ماددىسىنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسى. تۆمۈر ماددىسى كەم بولسا كىشىلەر روھىي جەھەتتىن چارچاپ، چىرايى سارغىيىپ، چېچى شالاڭشىپ، پارقىراقلىقى يوقايدۇ. بىراق جىگەردە خولىستېرىن ماددىسى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، ئادەتتە ھەپتىدە بىر قېتىم يىسە بولىدۇ.
دۇفۇ. دۇفۇ تەركىبىدە ئاقسىل، كالتسىي، تۆمۈر، ۋېتامىن مول بولۇپ، ماي مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن، ئەڭ ياخشى گۈزەللەشتۈرگۈچى يېمەكلىك. ئۇ كۆز تېرىسىگە پايدىلىق بولۇپ قالماي بەلكى يەنە سەمرىپ كەتكەنلەرنى ئورۇقلىتىدۇ، دۇفۇنى دائىم ئىستېمال قىلسا كىشى ئۆزىنى يەڭگىل ھېس قىلىدۇ.
پۇرچاق. پۇرچاق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل، ۋىتامىن، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ماددىلار ئىنتايىن مول، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇندىن باشقا تەركىبىدە يەنە يىرىك تالا بولۇپ ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەم بېرىدۇ. پۇرچاقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، تەننى ساغلام، يەڭگىل قىلىدۇ.
پالەك. پالەك تەركىبىدە ۋىتامىنA،C،ئاقسىل مىقدارى باشقا كۆكتاتلاردىن كۆپ. يەنە تۆمۈر ماددىسى ئىنتايىن مول، تېرە ۋە چاچنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.
قايمىقى ئېلىۋېتىلگەن سۈت. سۈت كالتسىينىڭ ئەڭ زور كېلىش مەنبەسى. كالتسىي سۆڭەك ۋە چىشنىڭ ساغلاملىقىنى كۈچەيتىپ، مۇسكۇلنىڭ رولىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. سۈتتە يەنە ماددا ئالمىشىشقا پايدىلىق بولغان كالتىسىي، فوسفور مىقدارى كۆپ بولۇپ، سۆڭەك قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، فىگۇرا گۈزەللىكىنى ساقلاشتا ئىنتايىن زور رولى بار.
قوي بۆلدۈرگىنى. قوي بۆلدۈرگىنى تەركىبىدە ۋىتامىنA، كالىي ئېلېمېنتى مول بولۇپ، چاچنى ئاسراش، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىش، كۆزنى نۇرلاندۇرۇش، روھنى كۆتۈرۈش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.