تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
گەپ قىلىشمۇ بىر سەنئەت

مېھرىگۈل تۇردى


    يېقىندا كۆرۈشمىگىلى خېلى بولغان بىر دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىم بولغاچقا، قىزغىن كۆرۈشۈپ:

    ــ يېقىندىن بۇيان قانداقراق تۇرۇۋاتىسەن؟ - دېدىم.

    ئۇ ئۇھ تارتىپ قويۇپ:

    ــ يامان ئەمەس، ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈم، ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن نەچچىسىنى ئۆيگە چاقىرىپ قويدۇم، سەنمۇ كەلگىن،- دېدى.

    مەن ئەتىسى دېگەن قەرەلىدە دوستۇمنىڭكىگە باردىم. دوستۇمنىڭ دېگىنىدەك، ئۆيگە كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداشلار ئىكەن، ھەممىمىز ئېچىلىپ – يېيىلىپ خۇشال – خۇرام ئولتۇردۇق. ئارىدا بىر دوستىمىز تۇيۇقسىزلا:

    ــ ئاداش، ئاڭلىسام ئاجرىشىپ كېتىپسەن، تېخى بالاڭغىمۇ ئىگە بولالماپسەن، - دېدى، ئۆي ئىگىسىگە ئۇدۇللا. ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن«قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغان» دەك ئارىنى جىمجىتلىق باستى. ھەممەيلەن ھەيرانلىق ئىلكىدە دوستۇمغا قاراشتى. ئۇنىڭ ئاجراشقىنىنى ھېچكىمگە بىلدۈرگۈسى بولمىسا كېرەك، بىردىنلا تاتىرىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىنى «بۇلۇت» قاپلىدى.

    ــ بولدىلا، ئۇ ئىشنى سۆزلەپ يۈرگۈم يوق، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان كۆرۈشەلمەي، ئاران دېگەندە يىغىلىپ خۇشال ئولتۇرغاندا ئۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېسىمگە سېلىپ نېمىمۇ قىلاتتىڭ؟، -دېدى ئۇ ھېلىقى دوستىمىزدىن رەنجىگەن ھالدا.

    قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان گەپنى قىلىپ كەيپىياتنى بۇزغان ئۇ دوستىمىز ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئورنىغا تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ، رەنجىگەن ھالدا سورۇندىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ھەممەيلەننى بىئارام قىلدى. شۇ پەيتتە مەن كەيپىياتنى ئوڭشاش مەقسىتىدە:

    ــ دوستلار، بىز بۇ يەرگە دوستىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئاز – تولا بولسىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن كەلدۇق، بايىقى دوستىمىزنىڭ قىلغىنى توغرا بولمىدى، بەلكىم ئۇمۇ بۇ گەپنى غەرەزسىز قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بولدى، ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كېلىپ، كۆڭۈللۈك ئولتۇرايلى، - دېدىم. بۇنىڭ بىلەن كەيپىيات سەل ئوڭشىلىپ، سورۇن خۇشال ئاخىرلاشتى. لېكىن، بايىقى دوستىمىزنىڭ سۆزى مېنى ئويغا سالدى.

    كونىلاردا «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە» دەيدىغان گەپ بار. ئېغىزدىن چىققان گەپ خۇددى يادىن چىققان ئوققا ئوخشايدۇ. گەپنى ئامال بار قارشى تەرەپنىڭ قوبۇل قىلىش – قىلالماسلىقىنى ئويلاشقان ئاساستا قىلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى چۆكۈرۈش، كەمسىتىش، مەنسىتمەسلىك، يېغىرىنى تاتىلاش مەقسىتىدە قىلماسلىق كېرەك. جايىدا، لايىقىدا قىلىنغان سۆز دىلنى سۆيۈندۈرسە، ئورۇنسىز سۆز گەرچە راست بولسىمۇ دىلنى رەنجىتىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، گەپنىڭ راست ياكى يالغان بولۇشى ئۇنىڭ قانداق تەسىر پەيدا قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ يالغان گەپ قىلىڭ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى شۇنداق بىر نۆۋىتى كەلگەندە، ئانچە – مۇنچە يالغان گەپ قىستۇرۇپ باشقىلارنى خۇشال قىلغىلى، مىسكىن كۆڭۈلگە تەسەللى بەرگىلى ۋە ياكى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. بىز گەپ قىلىشتىكى مۇنداق بىر ھېكمەتنى ئۆگىنىۋالايلى: «گېپىم راست دەپ سۆزلەۋەرمەڭ، ئورۇنسىز گەپنى قىلمايلا قويۇڭ».

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/29/content_494437.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز