ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئىممۇنىت كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسلىرى يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: بىز بىلىدىغان پايدىلىق باكتېرىيە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى يېيىش بىلەنلا ئىممۇنېتنى كۈچەيتكىلى بولمايدۇ، پايدىلىق باكتېرىيىلەر پەقەت ئۈچەيدىكى باكتېرىيىلەر توپىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا ئىممۇنېت كۈچى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ئادەتتە ئىممۇنىت كۈچى تۇغما ۋە كېيىن قوبۇل قىلىنغان دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، كېيىن قوبۇل قىلىنغان ئىممۇنىت كۈچى زۇكامغا ئوخشاش يۇقۇمچان كېسەللىكلەر، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ۋاكسىنا ۋە ئۈچەيدىكى پايدىلىق باكتېرىيىلىرىنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە كېسەل بولۇش بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەدبىرىدۇر.