كۆڭلىدىكى قىزغا قانداق يىقىنلىشىشنى بىلەلمەيۋاتقانلارغا
چاخچاق ئارىلاش بىر قانچە ئۈنۈملۈك رىتسىپ
بىلىشىمچە بىر شىر ياكى يولۋاسنى كۆندۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور سەۋىرچانلىق بىلەن رەھىمسىز يۈرەك تەلەپ قىلىدۇ.
ئەمما بىر تەنتەك قىزنى كەلتۈرۈشكە بولسا ئۇنىڭدىنمۇ زور سەۋىر-تاقەت تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى تورخۇماردىكى شاكىچىكلەر يەنىلا ئۇنداق ئاسان ئەل بولمايدۇ. تۆۋەندە كەمىنە ئادىلجاننىڭ قىز كەلتۈرۈش تەجىربىلىرىدىن بىر-نەچچىنى سۆزلەپ ئۆتەي. كۆڭلىدىكى قىزغا قانداق يىقىنلىششىنى بىلمەيۋاتقان گۈدەكلەر پايدىلىناسىلەر.
يېگىت:ماڭا ئىشىنىڭ،مەن چوقۇم سىزنى دۇنيادىكى ئىككىنچى بەخىتلىك ئادەمگە ئايلاندۇرىمەن!
قىز:نېمىشقا بىرىنچىسىگە ئەمەس؟
يېگىت:سىزگە ئېرىشسەم ،ئەڭ بەخىتلىك ئادەم مەن بولۇپ قالىمەن-دە!
يېگىت:يامغۇرنىڭ نېمىشقا شۇنچە قاتتىق ياغىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
قىز:ياق،نېمىشقا؟!
يېگىت:سىزگە قاراپ بۇلۇتلارنىڭمۇ شۆلگىيى ئېقىۋاتىدۇ…
يېگىت:خانقىز خاپا بولماي 1يۇەن بېرىپ تۇرالارسىزمۇ؟
قىز:ئېلىڭ،نىمە قىلماقچى ئېدىڭىز؟
يېگىت:ئاپامغا تېلېفۇن بىرىپ،بۇگۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزنى كۆرگەنلىكىمنى دەي دېگەن!
قىز:ۋىيەي،نىمە دەيدىغاندۇ…
قىز: ئادەمگە نېمىشقا بۇنچىۋالا قارايسىز،خىجىل قىلىپ؟
يىگىت:كەچۇرۈڭ!…مەن بىر سەنئەتكار گۈزەللىكتىن زوق ئېلىش مېنىڭ مەڭگۈلۈك مېجەزىم…
قىز:…
يىگىت:خانقىز،مالال قىلىدىغان بولدۇم!
قىز:تۈزۈت قىلماڭ،نېمە ئىش ئېدى؟
يىگىت: بۇگۈن ئىشلىرىم ئوڭغا ماڭمىغاچقا كەيپىياتىم بەك ناچار.باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە،
گۈزەللەرنىڭ تەبەسسۇمى ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن،ماڭا قاراپ بىر قېتىم كۈلۈپ قويارلارسىزمۇ؟!…
يىگىت:تازا چارچىغانسىز ھە؟
قىز:نېمىشقا؟
يىگىت:چۈنكى بىر كۈن كاللامدا ئەگىپ يۈردىڭىز…
يىگىت:سىزدىن يول سوراي دېگەن، بولارمۇ؟
قىز:ئەلۋەتتە،نەگە بارماقچى ئىدىڭىز؟
يىگىت:قەلبىڭىزگە