جۇڭگو ئاخبارات تورى 19-مارت تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 18-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى ئىككى تۈرلۈك ئەر-ئاياللارنىڭ بالىلىق بولۇش ئارزۇسى سېلىشتۈرمىسى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ بالىلىق بولۇش ئارزۇسى ئاياللارغا قارىغاندا كۈچلۈكرەك بولىدىغان بولىدىكەن، ئەكسىچە، 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان كۆپ قىسىم ئاياللار بالىلىق بولۇشنى خالىمايدىكەن ياكى بۇ ھەقتىكى قارىشى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
لائورېن رانكىن ئوغۇل دوستى بىلەن بەش يىلغا يېقىن ئارلاشقان بولسىمۇ ئەمما بۇ يىل 3-ئايدا ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلغان، بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئۇلار ئوتتۇرسىدا بالىلىق بولۇش ياكى بولماسلىق توغرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكىدىن بولغان. ئادەتتە نۇرغۇن كىشلەر بالىلىق بولۇش ئارزۇسى كۆپ ھاللاردا ئاياللاردا كۈچلۈك بولىدۇ،-دەپ قارىشىدۇ. ئەرلەرنى بولسا بۇ جەھەتتە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ،-دەپ قارىشىدۇ. لېكىن لائورېننىڭ قېيىن مەسىلىسى بولسا بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان، يەنى، ئوغۇل دوستى بالىلىق بولۇشنى تەلەپ قىلغان، لائورېن بولسا بۇنى رەت قىلغان. شۇ سەۋەپتىن ئۇ ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كېتىش قارارىنى چىقارغان.
لائورېن بۇ يىل 29 ياشقا، ئوغۇل دوستى 34 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ 40 ياشتىن ئىلگىرى بالا تۇغۇشنى ئۈمىد قىلغان، ئۇ خىزمەت تېخىمۇ قۇلايلىق بىر جايغا كۆچۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلغان، ئەمما ئالدىنقى شەرت بولسا كېيىن بالىلىق بولۇش بولغان. بۇ ئوغۇل دوستىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قارارى بولغان.
2011-يىلى 5000 دىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق بويتاققا قارىتا زور كۆلەملىك ۋە ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىش ئارقىلىق 18 ياشتىن تۆۋەن پەرزەنتلىرى بولمىغان ئەر بويتاق ئىچىدە 24 پىرسەنت بويتاق بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە 16 پىرسەنت بويتاق ئايال بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا يەنە 2013-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە 80 پىرسەنتتىن ئارتۇق دادا ئۆزلىرىنىڭ بالا ئېلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن، ئاياللاردا بولسا بۇ سان 70 پىرسەنت بولغان.