ئالمىدا ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇق، بىراق ھازىر ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، بەزىلەر سوغۇقتىن قورقۇپ ئالما يېمەيدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماق ناھايىتى ئاددىي، يەنى ئالمىنى قىزىتىپ، سۇدا پىشۇرۇپ ياكى دۈملەپ يېسىمۇ بولىدۇ.
تېۋىپلار مۇنداق دەيدۇ:«بەزىلەر ئالمىنى سۇدا پىشۇرۇپ ياكى دۈملەپ يېسە، ئالمىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىگە زىيان يېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. دېمىسىمۇ ۋىتامىن C بىلەن ۋىتامىن B، بولۇپمۇ ۋىتامىن B2 ئىسسىقتىن قورقىدۇ، بىراق ئالمىدىكى ئىسسىقتىن قورقىدىغان بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز، شۇڭا ئالمىدا بار باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ».
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى