تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى

  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى


بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

بىزگە توغرا يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن، كۆزىمىزدىن قايمۇقۇش پەردىسىنى كۆتىرىۋەتكەن اﷲ، سېنى مەدھىيلەيمىز. گۇۋاھچى، بىشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ بۇيرۇغۇڭ بۇيىچە دىنىڭغا دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە دۇئا ۋە سالام يوللايمىز. سېنىڭ رەھمىتىڭنى ئىزلەپ، رازىلىغىڭنى تىلەپ ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ساھابىلەر [مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا مۇسۇلمان بولۇپ، سۆھبىتىدە بولغان ۋە مۇسۇلمانلىق بىلەن دۇنيادىن ئۆتكەن كىشى،- ت] گە ۋە ئۇلارغا باشپانا، ياردەمچى بولغان، ئىسلام دىنىنى كۈچەيتىش يولىدا ھېچنىمىسىنى ئايىمىغان ئەنسار [مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ (كۆچۈپ) بارغاندا مۇسۇلمان بولۇپ، يار - يۈلەكتە بولغان مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار ئەنسارلار دېيىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشنىڭ ئالدى - كەينىدە تاكى ھىجىرىيىنىڭ 8 - يىلى مەككە پەتھى (ئىشغال) قىلىنغانغا قەدەر مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان مۇسۇلمانلار مۇھاجىرلار دىيىلىدۇ، - ت]لارغا دۇئا ۋە سالام يوللايمىز.
مەن كىچىگىمدىنلا ئۆتكەنلەرنىڭ تارىخىنى، قەدىمقىلارنىڭ ھىكايىلىرىنى ئوقۇپ، خۇشاللىقتىن يايراپ كېتەتتىم؛ ئۇلارنى ئىنسانلار ئەقلىنىڭ ئەڭ ياخشى تەربىيىچىسى، ئەڭ سادىق ئۇستازى دەپ قارايتتىمئ پەيغەمبىرىمىزنىڭ تارىخىدا ئۇ زاتنىڭ خەلقنى دىنغا دەۋەت قىلىش يولىدا تارتقان ئەرزىيەتلىرىنى، كۆرسەتكەن زور چىداملىقلىرىنى، ھەتتا ۋەتىنى، يۇرتىدىن ئايرىلىپ ھىجرەت قىلىشنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ زور روھىي تەربىيە دەپ قارىدىم، چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تارىخىدا مۇسۇلمانلارنى بۇرۇنقى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا ۋە ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ؛ بولۇپمۇ ھۆكۈمرانلارغا كىشىلەرنى جەلپ قىلىش، قارىمۇ - قارشى كىشىلەرنى ئۆز ئارا دوستلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار؛ ئەسكەر باشلىقلىرىغا كىشىلەرنى ئويۇشتۇرۇش، تەييارلىقلارنى پۇختا ئىشلەپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار؛ ئاۋامغا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. 
مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ ناھايىتى خوشاللىناتتىم، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنى تاشلاپ قويغانلىقىغا تولىمۇ ئەپسۇسلىناتتىم. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تارىخى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى ئاز ئۇچراتتىم. لېكىن بۇ ماۋزۇدا يېزىلغان كىتاپلار تولىمۇ ئۇزۇن بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇنى ئوقۇيالمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزرىسىنى قۇبۇل تۇتاتتىم. 
مەن مەنسۇرە (مىسىر) شەھرىگە كېلىپ، مەنسۇرە شەھەرلىك ئارىلاشما سود قازىسى مەھمۇد بەگ سالىم بىلەن سورۇنلاردا بىللە بولۇپ قالدىم. ئۇ شۇنداق بىر دىنىي ئالىم ئىدىكى، مەن - مەن دېگەن كىشىلەرمۇ، ئەللامۇلارمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيتتى، ئاندا - ساندا بىرەر دىنىي مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قالسا، ئۇ ناھايىتى ئېنىق ۋە توغرا جاۋاپ بېرەتتى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخى توغرىسىدا ھەقىقى بىلىمگە ئىگە ئىدى، ئۇشۇقچە سۆزلەردىن ۋە چىگىشلىكلەردىن خالى، مۇسۇلمانلار ئاممىسى پايدىلىنىدىغان بىر تەرجىمىھال ئىشلىنىشنى ئۈمىت قىلىدىغانلىغىنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن كۆپ قېتىم ئاڭلىغان ئىدىم. ئەجەبا، بۇ ھۆرمەتلىك تەقسىر مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك ئويلاپتۇ، دەيتتىم. بىراق، ئۇنىڭ كۈتكىنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئۈمىدىنى ئورۇنلاشقا بولغان ئىرادەمنى ئاجىز ھىساپلايتتىم، چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تارىخىي ئۈستىدە توختىلىش چوڭ ئىش، بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار تېخىمۇ چوڭ ئىدى. لېكىن مەنسۇرەدىكى چوڭ ئەرباپلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشتىن باش تارتىشقا بولمىدى. ئۇلار بۇنداق پايدىسى كۆپ ۋە ئومۇمى بولغان بىر كىتاپنىڭ ئىشلىنىپ چىقىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىشاتتى. شۇنىڭ بىلەن اﷲ غا سۆيۈنۈپ، اﷲ نىڭ رازىلىقىدىكى ئىشقا كىرىشتىم. كېچە - كۈندۈز تىرىشىش ئارقىسىدا مەقسەتكە يەتتىم. خۇداغا شۈكرى، بۇ كىتاپ چۈشىنىش ئوڭاي، ئاساسىي ساغلام، كۆپچىلىك پايدىلىنىدىغان، كەسىپ ئەھلى مۇراجات قىلىدىغان بىر كىتاپ بولۇپ چىقتى. 
كىتاپنى يېزىشتا ئاساسلانغان مەنبەلىرىم ئولۇغ قۇرئان ۋە ئىمام بۇخارى [تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئەبۇ ئابدۇللا، ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئىسمائىل. بۇ كىشى بۇخارادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن بۇخارى دەپ ئاتالغان. ئىمام بۇخارى تۈرك خەلقىدىن چىققان تەڭدىشى يوق مۇھەددىس (ھەدىسشۇناس) ئىدى. ئۇ ئىسلام دىنى كىتاپلىرى ئىچىدە قۇرئاندىن قالسىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ مۆتىۋەر كىتاپ «سەھىھۇلبۇخارى»نىڭ مۇئەللىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا داڭ چىقارغان. ئۇ ھىجىرىيىنىڭ 256 - يىلى (مىلادىنىڭ 870 - يىلى) 62 يېشىدا ۋاپات بولغان. قەۋرىسى سەمەرقەند شەھرىدىن تەخمىنەن 16 چاقىرىم كېلىدىغان خەرتەڭ دېگەن جايدا، - ت]، ئىمام مۇسلىم [ئىسمى ئوبۇل ھەسەن، ئاتىسىنىڭ ئىسمى ھەيياج. ئىمام مۇسلىم ئاتاقلىق مۇھەددىس. ئۇ ھىجىرىيىنىڭ 206 - يىلى (مىلادىنىڭ 831 - يىلى) نىشاپۇر شەھرىدە دۇنياغا كېلىپ، ھىجىرىيىنىڭ 261 - يىلى (مىلادىنىڭ 875 - يىلى ) 55 يېشىدا ۋاپات بولغان،- ت]لار رىۋايەت قىلغان سەھىھى (توغرا) ھەدىسلەر بولدى. ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايەتلىرىدىن پەقەت چۈشەندۈرۈشكە كېرەك بولغان سۆزلەرنىلا نەقىل كەلتۈردۈم. قازى ئىياز [شىمالى ئافرىقىلىق، مۇھەددىس. لەقىبى ئوبۇلفەزلى، ئاتىسىنىڭ ئىسمى مۇسا. ئۇ ھىجىرىيىنىڭ 544 - يىلى (مىلادىنىڭ 1149- يىلى) 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن،- ت]نىڭ «شىفا»، قەستالانى [ئىسمى ئەھمەد شاھابىددىن بولۇپ، مىسىرنىڭ قەستالانى دېگەن يېرىدە توغۇلغاچقا، قەستالانى دەپ ئاتالغان. قەستالانى داڭلىق ئىسلام ئالىملىرىدىن بىرى، ھىجىرىيىنىڭ 923 - يىلى (مىلادىنىڭ 1517- يىلى) 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن]نىڭ «ھەلەپتە يېزىلغان تەرجىمىھال»، ئىمام غەززالى [ھوججەتۇل ئىسلام ئەبۇ ھامىد ئىبنى مۇھەممەد غەززالى داڭدار ئىسلام ئالىملىرىدىن ۋە ئىسلام پەيلاسوپلىرىدىن بولۇپ، سالجۇقىلار دەۋرىدە ياشىغان. ئۇ سۇلتان مەلىك شاھ ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرى نىزامۇلمۇلۇكنىڭ ئالدىدا يۈز تاپقان. ئۇ ھىجىرىيىنىڭ 505 - يىلى (مىلادىنىڭ 1111 - يىلى) توس شەھرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن،

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز