ئەي، مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى بولغان ئەر، شۇنى بىلگىنكى، بىر ئىشنى يولغا قويۇش ۋە ئۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا تىرىشچانلىق ۋە غەيرەت كۆرسىتىپ ئىرادە باغلىغانىكەن، ئېھتىياتچان، توغرا ۋە ئەتراپلىق ئويلاش، ئەقىلسىزلىق ۋە قابىلىيەتسىزلىكنى تاشلاپ ھەرقانداق ئەھۋالدا ۋە ھەرقانداق ئىشتا تولۇق قەيسەرلىك بىلەن جاسارەت كۆرسىتىش، مۇھىم بىر ئىش يۈز بەرگەندە ئۇنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن غەيرىتىنى سەرىپ قىلىپ، ئالدىغا ئۇچرىغان توسالغۇلاردىن ئىككىلەنمەي ئۆتۈش...مانا بۇلار پىداكارلىق مەيدانىدا قىلىنغان شۇنداق بىر مۇسابىقىدۇركى، پەقەت ئۇ مەيدانىنىڭ يېگانىلىىلا بۇ مۇسابىقىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالايدۇ.