تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
iOS 8 ئاندىرويىدتىن «كۆچۈرگەن» بەش چوڭ ئىقتىدار

iOS 8 ئاندىرويىدتىن «كۆچۈرگەن» بەش چوڭ ئىقتىدار

 

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
iOS ۋە ئاندىرويىد ئوتتۇرىسىدا «بىر-بىرىدىن كۆچۈرۈش» مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ئەزەلدىن توختاپ باققىنى يوق، ھالبۇكى، ھەرقېتىم بۇ ئىككى سىستېمىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىنغاندا، بۇ تېما ھەققىدىكى مۇنازىرە ئەۋجىگە چىقىدۇ. iOS ۋە ئاندىرويىدتىن ئىبارەت بۇ ئىككى سىستېمىنىڭ "يىلتىزى تۇتاش" بولسىمۇ(ئاندىرويىدنىڭ ئىجاتچىسى ھازىر ئالما شىركىتىدە خىزمەت قىلىدۇ)، بىراق، كومپىيۇتېر تېخنىكىسى پېشىپ-يېتىلگەن بۇ يېڭى دەۋىردە، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئارا يۈز لايىھەسى ھامان بىر مۇقىم ئۆلچەمگە ئىگە بولۇپ قالىدۇ، ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا، «ھەرقانچە ئۆزگەرسىمۇ ماھىيىتى ساقلىنىپ قالىدۇ». شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز يېڭىدىن ئېلان قىلىنغانiOS8  سىستېمىسىدا ئاندىرويىد ئاللىقاچان ھازىرلاپ بولغان بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئۇقۇملارنى ئۇچرىتالايمىز، تۆۋەندىكىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان بەش خىل ئىقتىدار:
بىرىنچىسى: «ھەي، siri»

 

ئايفوننىڭ ئاۋازلىق ياردەمچىسىنى قوزغىتىش بۇيرۇقى «ھەي، siri» بىر قاراشتىنلا گۇگېلنىڭ «OK,Google» نى تەقلىد قىلغانلىقىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ، بۇ MOTO X ۋە باشقا ئاندىرويىد 4.4 سىستېمىلىق يانفونلاردىكى گۇگېل ئاۋازلىق بۇيرۇق ياردەمچىسىنى قوزغىتىش ئىقتىدارى بولۇپ، ئاۋاز ئارقىلىق Google Now نى ئىجرا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئەمدىلىكتە سىز پەقەت iOS8  سىستېمىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاۋازلىق بۇيرۇق ئىقتىدارىنى ئاكتىپلاشتۇرغاندىن كىيىن، يۇقارقى «بۇيرۇق» نى بەرسىڭىز، ئۇنىڭ siri ئىقتىدارىنى ئاچالايسىز، گەرچە بۇ ئىقتىدار چەكلىمىلىككە ئىگە بولسىمۇ، بىراق، Home كۇنۇپكىسىنى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا ياخشىراق.
ئىككىنچىسى، مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان ئۇقتۇرۇش مەركىزى ئىقتىدارى

 

ئاندىرويىد 4.1 سىستېمىسىدا، ئابونتلار ئۇقتۇرۇش مەركىزىدە تۇرۇپلا ئېلخەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپ ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدۇ، ئەمدى iOS8  سىستېمىسىمۇ بۇ خىل ئىقتىدارنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. ئۇنىڭدا ئابونتلار ئۇقتۇرۇش مەركىزىدە تۇرۇپ، يەنى ئالاقىدار ئەپكە كىرمەي تۇرۇپلا، ئۇچۇر قايتۇرۇش ياكى كالىندارنى تەڭشەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدۇ.
ئۈچىنچىسى، پۈتۈنلەي يېڭىچە ئەپ سىناش مىخانىزىمى

 

ئاندىرويىد ئۈسكۈنىسىدە، پىروگراممىرلار Google Play ئارقىلىق بىر ئىجتىمائىي ئالاقە بېتىنى قۇرۇپ، باشقا دوستلىرىنى خالىغان بىر ئەپ ياكى ئويۇننى بىرلىكتە سىناشقا تەكلىپ قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يوللىغان ئىنكاسىنى يىغالايدۇ. ھازىر iOS8  سىستېمىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان كۆپ تۈرلۈك سىناق مىخانىزىمىغا ئىگە بولغان بولۇپ، پروگراممىرلار باشقا ئابونتلارغا سىناق نەشىردىكى ئەپلەرنى يوللاش ھوقوقىغا ئېرىشكەن. بۇندىن باشقا، App Store غا ئەپ سىناش ۋىدىيولىرىنى قىستۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان، ھالبۇكى، بۇ ئىقتىدارلار ئاندىرويىد سىستېمىسىدا خېلى بۇرۇنلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
تۆتىنچىسى، بۇلۇت ساقلاش سۇپىسى

 

ئالما شىركىتى iCloud  مۇلازىمىتىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تېخى مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، iCloud Driveنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، بۇ خۇددى ئادەتتىكى تور دېسكىىسغا ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ،ئايفون، ئالما كومپىيۇتېرى شۇنداقلا باشقا ئۈستەل كومپىيۇتېرلىرى ئوتتۇرىسىدا خالىغانچە ماتىرىيال ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، گۇگېل ئوتتۇرىغا چىقارغان Google Drive ۋە DriveBOX قاتارلىق تور دېسكىلىرى ئاللىقاچان بۇ ئىقتىدارغا ئىگە بولغان.
بەشىنچىسى، ئۈچىنچى تەرەپ خەت كىرگۈزگۈچنى قوللاش

 

ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ ئېچىۋىتىلگەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ مول مىقداردىكى ئۈچىنچى تەرەپ خەت كىرگۈزگۈچ ئەپلىرىگە ئىگە بولۇشىغا شارائىت ياراتقان، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئابونتلارنى ئۆزلىرى خالىغان خەت كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان، iOS  سىستېمىسى بۇندىن ئىلگىرى بۇ خىل ئىقتىدارنى ھازىرلىمىغانىدى، مانا بۈگۈن، ئالما شىركىتى iOS8  سىستېمىسىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ خەت كىرگۈزگۈچنى قوللىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى، ئۇزۇنغا قالماي، ئايفون ئابونتلىرى يانفونىنى «تۈرمىدىن قاچۇرماي» تۇرۇپلا، بەيدۇ، سوگو، تېڭشۈن قاتارلىقلارنىڭ مودا ۋە ئىقتىدارى كۈچلۈك يېزىق كىرگۈزگۈچلىرىنى خالىغانچە ئىشلىتەلەيدۇ.

 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز