مۇھەممەدجان راشىدىن
قوللىرىدا گۈلدەستە، يەنە كەلدى يېڭى يىل،
ھالقىپ ئۆتۈپ بىر تاغدىن، يۈكسىلىشنىڭ يولىدا.
يۈگۈرۈپ چىقتى ئالدىغا، تۈمەنلىگەن يۈرەكلەر،
ئەڭ ئالدىدا شائىرى، دەپتەر، قەلەم قولىدا.
يىللاردىكى يېڭىلىق – دىللاردىكى يېڭىلىق،
كىم ياقتۇرماس يىل ھالقىپ، يېڭى باغقا كىرگەننى؟
ياقتۇرمايدۇ يىللارمۇ غاپىللىقنى بىزدىكى،
تىللا تىلەپ تەقدىردىن، قۇرۇق خىيال سۈرگەننى.
يېڭىلىقتۇر يىللارنىڭ يېڭى ياغقان قارىمۇ،
قىزىلگۈل بار ئاستىدا، ئاق بۇغداي بار، ئاق نان بار.
توقلۇق بەرگەن زاماننىڭ ھەر كۈنىنى بىر توي دەڭ،
مەرىكىسىگە ھەر يىلنىڭ ئاتاپ قويغان پاقلان بار.
يېڭىلاندى ياقىمىز، يېڭىلاندى چاقىمىز،
چوققىلارغا تىكلەندى بىزنىڭ قويغان شوتىمىز.
قەدىمىدە ھەر يىلنىڭ كېلەر يەنە يېلىنجاپ،
يېڭى دۇنيا ئىشقىدا ياققان بىزنىڭ ئوتىمىز.
يېڭىلىقتىن ئۆزگىسى تۇيۇلمايدۇ ئۇز بىزگە،
ئەسقاتمىغاچ ئەزەلدىن كونا دۇنيا، كونا يول.
يىللار بىزگە ئىلكىدىن تەلەي تۆكۈپ ئۆتمەكتە،
يېڭى يىلنىڭ قوللىرى، چۈنكى ئەمەس كونا قول.
بىلەي دېسەڭ شۇلارنى، ئۆتۈپ باققىن تەلكىدىن،
ئەجەب ئەمەس، ئاسماندىن ئۇچۇپ ئۆتتۈم! دەپ قالساڭ.
ئەجەبلەنمە، پويىزغا ئۈرۈمچىدىن ئولتۇرۇپ،
ئىلى دەريا بويىغا بىر كېچىدە كەپ قالساڭ!
يېڭىلىقتا گۈزەللىك، يېڭىلىقتا يۈكسىلىش،
يارىشىدۇ بىزگىمۇ سائادەتنىڭ ئۇزلىقى.
يۈكسەلمىگەن دۇنيادا پاراغەتلىك ھايات يوق،
كەمبەغەللىك، قاششاقلىق بۇ دۇنيانىڭ مۇزلىقى.
بۇ ئالەمگە ھۆسندۇر يىللاردىكى يېڭىلىق،
ياسانغۇمىز كېلىدۇ، شۇڭا بىزمۇ باغلاردەك.
يۈكسەكلىكتە ئاسمانغا تەڭ بولغانغا يېتەمدۇ،
ئاستى – ئۈستى ئوخشاش باي، ئالتۇنى بار تاغلاردەك.
يىللاردىكى يېڭىلىق – دىللاردىكى يېڭىلىق،
قىلىۋالدى ئۆزىگە مەڭگۈ شەيدا مېنىمۇ.
تۆتنىڭ بىرى بولماقنىڭ ئورنى ئۇلۇغ تۆردىكى،
گەپ ئاچىدۇ دۇنيادىن، شۇڭا شائىر تىلىمۇ.
قوللىرىدا گۈلدەستە، يەنە كەلدى يېڭى يىل،
ھالقىپ ئۆتۈپ بىر تاغدىن، يۈكسىلىشنىڭ يولىدا.
يۈگۈرۈپ چىقتى ئالدىغا تۈمەنلىگەن يۈرەكلەر،
ئەڭ ئالدىدا شائىرى، دەپتەر، قەلەم قولىدا.