ئەي مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى بولغان ئەر، شۇنى بىلگىنكى، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، زۇلۇم ۋە ئىنساپسىزلىقتىن يۈز ئۆرىگىن. ھەممە ئىشتا ئوتتۇرا يولنى تۇت، چۈنكى خەيرى ئوتتۇرا يولدىدۇر. ھەمىشە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن تەركىدۇنيالىقنىڭ ئوتتۇرسىنى تاپ.
داۋۇت ئەلەيھىسسالام ئايرىم-ئايرىم ھالقىلارنى سەۋىر ۋە دىققەت بىلەن بىر-بىرىگە جۈپلەپ قانداق پۇختا ساۋۇت ياسىغان بولسا، سەنمۇ ئەمەللىرىڭگە قولدىن كىلىشچە سەۋىر ۋە ئېھتىياتچانلىق كۆرسەت. تائەت-ئىبادىتىڭنى كۈچۈڭنىڭ يىتىشىچە ۋە قولۇڭدىن كېلىشىچە قانائەتلىنەرلىك قىلغىنكى، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپ، باركۈچنى ئىبادەتكە سەرىپ قىلىش زېرىكىش پەيدا قىلىدۇ.