(ماتېرىيال سۈرەت)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېگىز بىنالاردىكى تېمپېراتۇرا ساقلىغۇچى ماتېرىياللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپەتلىرى كىشىلەرنى چۆچۈتمەكتە. شۇڭا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى تام سىرتىغا ئاسان كۆيىدىغان تېمپېراتۇرا ساقلىغۇچى ئورگانىك ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشنى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئانئورگانىك تېمپېراتۇرا ساقلىغۇچى ماتېرىيال ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلدى، بۇ كۆپتۈرمە سېمونتتۇر.
كۆپتۈرمە سېمونت كۆپۈكلەشتۈرگۈچى ئاگېنتنى سېمونتقا ئارىلاشتۇرۇش ياكى يۇقىرى بېسىملىق ھاۋا بىلەن تۇمانلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپۈكچىلەر ھاسىل قىلىنىپ، سېمونت لايغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن قېلىپتا شەكىلگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىچىدە ھاۋا كۆپۈكچىلىرى بولغان تېمپېراتۇرا ساقلىغۇچى يەڭگىل بېتون بارلىققا كېلىدۇ.
كۆپتۈرمە سېمونتتىن ياسالغان تېمپېراتۇرا ساقلىغۇچى قەۋەت كۆيمەيدۇ، ئۇنىڭدا ناھايىتى كۆپ ھاۋا كۆپۈكچىلىرى ساقلانغان بولغاچقا، بېتوننى يەڭگىللىتىش، تېمپېراتۇرا ساقلاش ۋە ئاۋاز توسۇش ئۈنۈمى يۇقىرى. كۆپتۈرمە سېمونتنىڭ ئۆمرى ئۇزاق، چىدامچانلىقى يۇقىرى، پۇختا، شەكلى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، چىدامچانلىقى ئادەتتىكى بېتوننىڭ سەككىز ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
كۆپتۈرمە سېمونتنى ياساش جەريانىدا كۆپۈكلەشتۈرگۈچى ئاگېنتنى كېمەيتىشكە بولمايدۇ، ئۇنداقتا كۆپۈكلەشتۈرگۈچى ئاگېنت بىخەتەرمۇ؟ كۆپۈكلەشتۈرگۈچى ئاگېنتنىڭ خام ئەشياسى بولغان ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك ياكى ھايۋانات خاراكتېرلىك ماي كىسلاتاسىنىڭ بىرىكمىلىرى سۇدا ئېرىيدۇ، تەركىبىدە بېنزول ۋە فورمالدېھىد قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار يوق، شۇڭا كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ، مۇتلەق بىخەتەر ۋە مۇھىت ئاسرايدۇ.
كېرەمجان ئىبراھىم(ت)