تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بۇ كىچىك رىتسىپلارنى بىلىۋېلىڭ

   ◆ 120 گىرام ياڭاق مېغىزىنى 30 - 60 گىرام ساپ كۈنجۈت يېغى بىلەن قورۇپ، 90 گىرام ناۋات ئارىلاشتۇرۇپ، بىر كۈندە ئۈچكە بۆلۈپ يېسە، ئۆتتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.

◆ 50 گىرام كۆممىقۇناق پۆپۈكىنى قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، ئۆتتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.

◆ گۈرۈچ ھارىقىغا تەڭ مىقداردا سۇ ئارىلاشتۇرۇپ، 30 گىرام تاشيارغاننى سېلىپ قاينىتىپ، شۇ تەرىقىدە كۈندە بىر قېتىم، ئۇدا ئۈچ - تۆت ھەپتە ئىچىپ بەرسە، ئۆتتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.

◆ 60 گىرام جۇڭگو ماڭدارىنىنى كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.

◆ 100 گىرام كاۋا پىلىكىنى چايداندىكى قايناق سۇغا چىلاپ، شۇ تەرىقىدە كۈندە چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، ئۆتتىكى تاش ئۈچ - تۆت كۈندە چۈشۈشكە باشلايدۇ، تاش چۈشۈشكە باشلىغاندا سۈيدۈك دۇغلىشىپ كېلىدۇ، سۈيدۈكتە سۇيۇقلۇق سۈزۈلۈپ ئاققاندا تاش چۈشۈپ كەتكەن بولىدۇ، شۇ چاغدا ئىچىشنى توختاتسا بولىدۇ. ئاچچىق نەرسىلەرنى يېمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، ياغلىق گۆشنى يېمەسلىك كېرەك.

◆ زۇكام يېڭى تەگكەندە بەش مىسقال زەنجىۋىلنى بىر تال غولپىياز (يىلتىزى بىلەن) بىلەن قاينىتىپ، قارا شېكەرنى مۇۋاپىق سېلىپ، قىزىقىدا ئىچىپ يېتىپ تەرلىسە، زۇكامغا شىپا بولىدۇ.

◆ باش ئاغرىسا ئاق تۇرۇپنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ كۈندە ئىككى قېتىمدىن بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئۈچ - تۆت كۈندە باش ئاغرىقىنى يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ. كاۋاۋىچىن، قارامۇچتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

◆ ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە يېرىم جاۋۇر قىزىق سۇغا ئىككى سەر ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ، پۇتنى 20 مىنۇت چىلىسا ۋە غول پىيازدىن بىر - ئىككى تالنى خام يەۋەتسە، ئۇيقۇ ياخشىلىنىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز