قەدىمقىلەرنىڭ «قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ» دېگەن گېپى يىمەك-ئىچمەكنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇھىملىقىنى ناھايتى ياخشى ئىپادىلەپ بەرگەن. تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، تاماق يېيىش پەقەت قورساقنى تويغۇزۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى نېمە يېيىش، قانداق يېيىش كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بولىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.
1. ئەتىياز پەسلىدە يېمەك-ئىچمەكتە ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك
ئەتىياز پەسلىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى تېز بولغاچقا، بۇ چاغدا بەدەننىڭ ئاقسىل، ساخارىد، كاربون سۇ بىرىكمىسى، ۋىتامىن قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكنى چوقۇم مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئاساس قىلىپ، تاماق تاللىماسلىق كېرەك، بۇغداي، گۈرۈچ تاماقلىرى ۋە قارا ئاشلىقتىن باشقا، يەنە ئاز مىقداردىكى پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، سۈت قاتارلىقلارنى قوشۇپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2. ئەتىياز پەسلىدە يېمەك-ئىچمەكتە كۆكتاتلارنىڭ سەرخىل بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك
كۆكتات ئىزچىل تۈردە بەدەننى ئاسراش رولىغا ئىگە دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. كۆكتاتتا ماي، گۆشتە بولىدىغان پارازىت قۇرت، باكتېرىيە قاتارلىقلار يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە كۆكتات تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار ئادەم بەدىنىنىڭ مۇھىم ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مەھسۇلاتى. شۇڭلاشقا ئەتىياز پەسلىدە خۇش پۇرىقى بار، ھەرخىل رەڭلىك كۆكتاتلار، مەسىلەن: سەۋزە، يېسىۋىلەك، پالەك، يۇمغاقسۈت، كەرەپشە قاتارلىقلارنى كۆپرەك كۆكتات ئىستېمال قىلىش كېرەك.
3. ئەتىياز پەسلىدە يېمەك-ئىچمەكتە سىڭىشلىك تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك
يېمەك-ئىچمەكتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم تەرەپ شۇكى تاماقلارنىڭ مايسىز، سىڭىشلىك بولۇشى. سۇيۇق - سەلەڭ، سىڭىشلىك يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولغاچقا، ئوزۇقلۇق بەدەنگە تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. ئەتىيازدا كىشىلەرنىڭ تېرىسى قۇرغاقلىشىپ، ئاغزى قورۇپ، ئىسسىق تۇتۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېمەك-ئىچمەككە تېخىمۇ دىققەت قىلىپ، گۆشسىز تاماقلارنى ئاساس قىلىپ، مايسىز، سىڭىشلىك تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. بەك مايلىق، ئاچچىق يېمەكلىكلەر ئەتىياز پەسلىدە ئىسسىق تۇتۇپ قېلىشنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
4. ئەتىياز پەسلىدە سوغۇق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىش كېرەك
گەرچە ئەتىياز پەسلىدە ھاۋا خېلىلا ئىللىپ قالغان بولسىمۇ، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا سۈپەتلىك سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ئاشقازان، ئۈچەي بىئارام بولۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى پۈتۈن تۆۋەنلەيدىغان بولغاچقا، بەك سوغۇق ۋە خام نەرسىلەر ئاشقازان، ئۈچەينى غىدىقلاپ، ئادەم سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/01/content_503836.htm