تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يازغۇچىنى ئەدەبىيات ئۆزى ئىزدەپ تاپىدۇ

 

    يازغۇچىنى ئەدەبىيات ئۆزى ئىزدەپ تاپىدۇ

     

    (مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز بىلەن سۆھبەت)

    يېقىندا ياش شائىر ئابلەت ئەخمەت بىلەن يازغۇچى مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز <<ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت>> مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەھمىيەتلىك  بىر قېتىملىق سۆھبەتتە بولغان. سۆھبەتتە ئوتۇرغا قۇيۇلغان كۆزقاراش ۋە پىكىرلەر خېلىلا يېڭى ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن ژورنىلىمىزدا ئېلان قىلىشنى مۇئاپىق تاپتۇق.

    ئابلەت ئەخمەت : ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆسۈپ يىتىلىش تارىخى بولىدۇ. يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش تارىخى ۋە كەچمىشلىرى ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىزمۇ ھەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۆزىڭىز ھەققىدە تەرجىمىھال خارەكتىرىدە تەپسىلىراق سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز: مۆرۈۋەتلىك دادام سەيپۇللىراخۇن ھاجىمنىڭ ۋاسا جۈپ ئۆيىمىزنىڭ تۆر تام خەرىگە كۆمۈر قەلەم بىلەن يېزىپ قۇيۇشىغا قارىغاندا مەن 1966-يىل 22-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشكە يېقىن بۇ ئالەمگە مىھمان بولۇپ كەپتىكەنمەن. ئەينى چاغدا قىقىراپ تۇغۇلدۇممۇ، يىغلىماي تىپچەكلىدىممۇ مەن ئۈچۈن نائېنىق. قانداقلا بولمىسۇن ئانامنىڭ پات- پات ئېسىمگە سېلىپ تۇرۇشىدىن دىلىمغا ئورناشقىنى-ھامىلىنىڭ قانۇنىيەتلىك تۇغۇلۇشىدىكى ئاي كۈنۈم خېلىلا ئۆتۈپ كېتىپ، 11ئايلىقتىمۇ ياكى 12 ئاي كىرگەندىمۇ تۇغۇلۇپتىكەنمەن. بەلكىم، بۇ ئالەملىك قىسمىتىم تۇنجى تىنىقتىلا تىرەجەشتىن باشلانغان بولسا كېرەك. ۋە بەلكىم، ئەينى چاغدىكى جاھاننى بىر ئالغان مالىمانچىلىق ۋە بىر- بىرىدىن يۇقۇرى ئاۋازدا توۋلىنىۋاتقان شۇئاردىن تۇغۇلماي تۇرۇپلا چۆچۈگەن بولسام، بۇ ئالەمنىڭ غوۋغالىرىغا قېتىلىشتىن كۆرە ئانامنىڭ شاھانە قۇرسىغىدا ئۇزاقراق تۇرۇۋېلىشنى ئەلا بىلگەن بولسام كېرەك (چاخچاق).

    ئانام ھۆرمەتخان ھاجىمنىڭ دادام بىلەن سىر چىكىشكىنىدىن ئاڭلىغىنىمدا مەن ئانامنىڭ قۇرسىقىدا چاغدا دادام ئانامدىن ئوغۇرلۇقچە تۈگە گۆشى يەۋاپتۇدەك. ئەر كىشى ئايالى ئېغىرقات ۋاقتىدا مىھرىبانىدىن يۇشۇرۇنچە تۈگە گۆشى يەپ قويسا، ئايالىنىڭ تۇغۇتى قىيىن بۇلارمىش. ۋاقتى- سائىتى توشسىمۇ ھامىلە تۇغۇلماسمىش. ماڭا ئوخشاش 12ئايلىقتا تۇغۇلارمىش. دادام خېلى كىيىنگىچە ئۆزىنى ئاقلاپ <<ھاشار يىرىدە يىگەن ئۇ تۆگە گۈشىنى...>> دەپ قۇيۇدىغان.

    بۇ گەپلەرنىڭ ئىلمى ئاساسى قانچىلىك، باشقا ئانا- پەدەرلەر نىمە دەيدۇ، بۇنىڭغا تىلىم قىسلىق قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئانامنى ئۈچ كىچە- كۈندۈز تولغاق قىينىقىغا مۇپتىلا قىلغىنىم، ئايۋانلىق ئۆيىمىزنى بىر ئالغان زارلاشقا بەرداشلىغى ئۇپرىغان دادامنىڭ بىرەر ئامال ئىزدەپ تاڭ يۇرۇماستىلا سامپۇل يېزىلىق شىپاخانىغا چىققىنى راس ئىكەن. ئۇ چاغلاردا يېزىلىق شىپاخانىلاردا تۇغۇت دۇختۇرى بولمىغاچقا يېزىلىق شىپاخانىدىكىلەر دادامغا ناھيىلىك دۇخۇتۇرخانىنى شەرەتلەپتۇ. سامپۇل بىلەن لوپنىڭ ناھيىە بازىرىنىڭ ئارىلىغى 9 كىلومىتىرلىق يول. دادام چوڭ يول بويىدا ماشىنا ساقلاپتۇ. بەلكىم ئۆيگە قايتقۇسى، ئانامنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويغۇسىمۇ كەلگەندۇ. بەلكىم ئۆيدىكى چىقىراقتىن مۇشۇ توپىلىق يول بويىدا ماشىنا كۈتۈش راھەتراق بىلىنگەندۇ. قانداقلا بولمىسۇن دادام چۈشكە يېقىن لوپ تەرەپتىن چىققان بىر ماشىنىنى تۇسۇپتۇ.  شۇ كۈنى سامپۇلغا ئاياق باسقىنىمۇ، سامپۇلدىن ناھيىگە قاراپ ماڭغىنىمۇ شۇ بىرلا ماشىنا ئىكەن. دادام توسىغىنى شۇ چاغدىكى ناھيىلىك دۇختۇرخانىنىڭ بىردىن بىر كىسەل يۆتكەيدىغان بولكىۋاي ماشىنىسى بولۇپ، ناھيىلىك دۇختۇرخانىدا مەزگىلسىز قازا تاپقان سامپۇللۇق بىرىنىڭ جەسىدىنى يۆتكەپ چىققان ئىكەن. شوپىر توخىمۇھەممەت ئۇستام  ماشىنىنى توختىتىپتۇ. ئەھۋالنى ئاڭلاپتۇ. ماشىنىدىكى جەسەتنى ئۆيىگە يەتكۈزۈپ قۇيۇپلا قايتىدىغىنىنى، ئۇنىڭغىچە ئانامنى چوڭ يول بويىغا ئەچىقىپ تۇرۇشنى ئېيتىپتۇ. توۋا دەيمەن، ھېلىقى مەرھۇم مەنزىلىگە يەتكەن ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ مەن تۇغۇلغان بولسام كېرەك، دادام بۇ خوشخەۋەرنى توختىمۇھەممەت ئۇستامغا يەتكۈزگەچ رەھمەت ئېيتىپ قۇيۇش ئۈچۈن چوڭ يولغا كەلسە توختىمۇھەممەت ئۇستام دادام، ئاناملارغا خېلى ئۇزاق ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. (بۇ كىشى ھازىرمۇ ھايات. ئۆزىنى پاكىزە تۇتۇپ، ناھايىتى روھلۇق يۈرۈيدۇ. خېلىلا يېقىن سالام- سەھىتىمىز بار. كۆزۈمگىلا ئەمەس دىلخانەمگىمۇ باشقىچىلا يېقىشلىق تۇيۇلىدۇ)

    ئابلەت بۇرادەر، مانا بۇ سىز پاراڭلىشىۋاتقان كەمىنەنىڭ يۇرۇق دۇنياغا كېلىش تارىخى. كېيىنكى ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىم تەڭتۈش- قۇرداشلىرىم سىياق تولىمۇ جۇشقۇن يىللارغا توغرا كەلدى. راس، بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالسام بولمىغۇدەك. ئۇ يىللاردا بۇۋاققا تەگبىر ئېيتىلىپ ئىسىم قۇيۇش <<كونىلىق>> ھىساپلانغىنى ئۈچۈن، دادام پاتىھەچى موللامنى ئۆيىمىزگە ئوغۇرلۇقچە چاقىرتىپ كېلىپ، نامۇ- ئەمەلىمنى <<ئابدۇل مۇتەللىپ>> دەپ قويغۇزۇپتۇ. ئۈچ كۈن شۇ نامدا ئاتىلىپتىمەن. شۇ چاغلاردا كەنتىمىزگە ناھيىدىن بىر خىزمەت ئەترىتى چىققان بولۇپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىغى بىلەن شۇ چاغدا كەنتىمىزنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەۋاتقان دادام يېقىن ئۆتىدىكەن. ئىسمىم قۇيۇلۇپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ باشلىق ئۆيىمىزگە مىنى مۇبارەكلەپ كەپتۇ. بۇۋاققا ئىسىم قۇيۇلغان- قۇيۇلمىغىنىنى سۇراپتۇ. <<مۇتەللىپ>> دىگەن نامنىڭ مەنىسىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. دادامنىڭ دىگىنىنى ئاڭلاپ چۆچۈپتۇ. <<ئۇلۇق داھىمىزنىڭ سۆزلىرىدە بۇ ئىسىم يوق. شۇڭا ئۇلۇق ئىنقىلاپ ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ تۇغۇلغان بۇۋاققا داھىمىزنىڭ ئۈزۈندىلىرى ئىچىدىن ئىسىم تاپمىساق قانداق بولىدۇ؟!>> دەپ كايىپتۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى ۋە كەنت ئىنقىلاۋى كومتىتنىڭ ھەيئەتلىرىنى شۇ ھامان ئايۋىنىمىزغا جەملەپتۇ. ئۆزى مىنى قۇچىغىغا ئېلىپ <<.... باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىدىغان، قۇربان بىرىشتىن قورقمايدىغان، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلىبەسىرى ئالغا ئىلگىرلەيدىغان....>> دىگەن ئۈزۈندىنى يۇقۇرى ئاۋازدا ئۇقۇپتۇ. شۇ ئۈزۈندىدىن <<باتۇر>> دىگەن سۆزنى تاللاپتۇ. شۇ سائەتتىلا ئىسمىم ئالمىشىپتۇ. <<باتۇر>> ئىسمىمغا مۇبارەكلەر يېغىپتۇ!

    ئىسمىمغۇ ئالمىشىپتۇ، لېكىن دادامنىڭ بېشىدىكى <<مۇدىر>>لىق مەنسەپ كۇلايىمۇ ئانچە ئۆتمەيلا <<بۇزۇق ئۇنسۇر>>لۇق قالپاققا ئالمىشىپتۇ. بۇنداق <<كونا ئىدىيە>>دىكى كىشىلەر <<ئۇلۇق مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ ئاۋانگارت قۇشۇنى>>غا مۇناسىپ ئەمەسكەن! <<زەھەرخەندە>> بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن. شۇڭا <<پارتىيىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان بۇنداق <زەھەرخەندە>نى ئىنقىلاۋى خىزمەتتىنلا ئەمەس، پارتيىدىنمۇ قوغلاپ چىقىرىش كېرەك>> ئىكەن!

    ھەيھات، كۆرۈڭ بۇ تاماشانى! ئۈچ كۈن <<مۇتەللىپ>> نامىدا ئاتالغىنىم ئۈچۈن دادام ئات ئېغىلىدا ئۈچ ئاي سۇلاقتا ياتقان ئىكەن. كەنت ئىنقىلاۋى كومتىتنىڭ تاملىرى باشقىدىن ھاكلىنىىپ، ئۇنىڭغا دادامنىڭ ئېغىزىدىن زەھەر چېچىپ تۇرغان يىلان سىياق سۈرىتى سىزىلىپ، ئاستىغا << قانجۇقىڭ كۈچۈكلىگىنىدە كىم- كىملەر نىمە- نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟!>> دىگەن سۇراقلار يېزىلغان ئىكەن. تام قوشنىمىز تۈمۇرشاھئاخۇن <<باتۇر>> ئىسمىمنى مۇبارەكلەپ ئېلىپ كىرگەن بىر كويلۇق تىۋىت پوسمىمۇ مۇسادىرە قىلىنغان ئىكەن.

    مەن ئۇ ئىشلارنى بەك كۆپ ئاڭلىدىم. دادامدىنمۇ، ئانامدىنمۇ ھەتتا شۇ چاغدا ئارانلا ئالتە ياشقا كىرگەن ئاكامدىنمۇ ئاڭلىدىم. ئاكام ھېلىمۇ ئۇ رەسىم، ئۇ شۇئار- سۇراقلارنى تېخى تۈنۈگۈنكى ئىشتەك ئەينەن تەسۋىرلەپ بىرەلەيدۇ. قارىغاندا ئالتە ياش دىگەنمۇ ئادەمنىڭ خاتىرە تىمپىرامىتلىرى خېلىلا يىتىلدىغان چاغلىرى بولسا كېرەك. لېكىن مەن ئۇ ئىشلاردىن ھېچقانچە ھاياجانلانمايەن. چۈنكى، مىنىڭ ساۋاقداشلىرىم، تەڭدىمەتلىرىم  ئارىسىدا <<كۈرەش>>، <<ئىنقىلاپ>>، <<جۈرئەت>>، <<دولقۇن>>، <<مەدەنىەت>>.... دىگەندەك ئىسىمدىكىلەر بەك كۆپ. قارىغاندا لەنىتى <<تۆت كىشىلىك گۇروھ>> نىڭ ئازار- خورلۇقلىرى ئىز ئويمىغان دىلخانىلەر كۆپ بولمىسا كېرەك. شۇ سەۋەپ مەن ئۇ ئىشلاردىن باش چايقاپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا ھازىرقى ئىناق، دىمىكراتىك دەۋىرنى قەدىرلەشنى ئەۋزەل ھىساپلايمەن.

    شۇ چاغلاردا ئىچى كۈچلۈك دادام ئۆلۈۋېلىش نىيىتىگىمۇ كەلگەن ئىكەن. كېيىن ئىشلار بىرئاز سۈزۈلۈپتۇ. يېزىلىق ئىنقىلاۋى كومتىتتا ئىشلەيدىغان ئەمەر رېخىم دىگەن باشلىق (بۇ كىشى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلىپ، جەسىدى جىگدە ئاچىمىقىغا ئېسىپ قۇيۇلغان ۋە << ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانلىق جىنايى پاكىتى>> چوڭ خەتلىك گېزىت شەكلىدە سامپۇلنىڭ شەنبە بازىرىدا قىستۇرما رەسىملىرى بىلەن قۇشۇپ كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. ھەقىقى قاتىللىرى بولسا 1978- يىلىغا كەلگەندە قانۇننىڭ ھەق- ئادالىتىنى تېتىغان! بالىلىق خاتىرەمدىكى بۇ ئىشلار ناھايىتى ئېنىق ئىسىمدە) دادامنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا قۇشۇلماپتۇ. ھەتتا ئۆيىمىزگىچە كېلىپ، دادامنى يوقلاپتۇ. دادامنى ئەخمىقانە نىيىتىدىن ياندۇرۇپتۇ.

    دادام مەدرىسە تەربىيىسى كۆرگەن، شۇ چاغلاردا مەھەللىمىز بويىچە خېلىلا مەلۇماتلىق كىشى ئىكەن. بۇۋام پومىشچىك سايلانغىنى بىلەن دادام يەر ئىسلاھاتى، ئىجارە كېمەيتىش، خەلق كوممىناسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان ئىكەن. كەنتىمىزدە ئىتتىپاق ياچايكىسى قۇرۇلغىنىدا شۇ ياچايكىنىڭ تۇنجى شۇجىسىمۇ بوپتىكەن. لېكىن، ئىسمىمنىڭ غەلەت قۇيۇلۇپ قېلىشى سەۋەپلىك بېشى بىر ساڭگىلىغىنىچە خېلى بىر زامان ئۆرە بۇلالمىدى. بىز بالىلارمۇ تەڭدىمەتلىرىمىز ئارىسىدا <<پومىشچىك، بايدىخان، بۇزۇق ئۇنسۇرنىڭ پۇشتى>> ئاتىلىپ يۈردۇق. ئىش- ئەمگەكلەردە ئايرىۋېتىلدۇق. بۇرنىمىز نۇقۇشلىنىپ، يۈزۈمىز تۈكۈرۈكلەندى.  

    ئۇ ئىشلارنى ھازىر ئويلىسام كۈلۈپ كەتكىنىم بىلەن ئۇ چاغلاردا كۈلەلمەيتتىم. بىزدەك <<زەھەرخەندىنىڭ پۇشتى>>غا كۈلۈپ يۈرۈش ئۇ يىللارنىڭ نىسىۋىسى ئەمەس ئىدى. شۇنداق قىلىپ <<باتۇر>> ئىسمىم بىلەن مەكتەپكە كىردىم. توغرىسى ئاكام، ئاچاملارغا تۇلا ئەرىشىپ، قەغشلىك ئىچىدە مەكتەپكە كىرىپ قالدىم (بىرىنچى يىللىققا كىرگىنىمدە خېلىلا كىچىك بولسام كېرەك، بىر قېتىم سىنىپتا ئىشتانسىز ئولتۇرغۇنۇم، سۈيۈملۈك مۇئەللىمەيىمىز بائىممە قادىرنىڭ- مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بەش يىللىق سىنىپ مۇدىرىم، ئانا سۈپەت ئۇ ئۇقۇتقۇچۇمنى مەڭگۈ ھۆرمەت قىلىمەن!- ئىشتان قېنى؟ دەپ سىنىپتىن چىقىرۋەتكىنى ئېنىق يادىمدا).

     قاراڭ ئابلەت، ئادەمگە <<كۈلۈپ يۈرۈش>> نىسىپ بولمىغان ئىكەن، غەمكىنلىك نىسىپ بولۇدىكەن. غەمكىنلىك دىگەنمۇ بەزىدە ئادەمگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىكەن. مەن سىنىپنىڭ بۇلۇڭىدا خۇدۈكچان ئولتۇرۇپ بىرىنچى مەۋسۈمدىلا ساۋات چىقاردىم. بائىممە قادىر مۇئەللىمە شۇ چاغلاردا دائىم مىنى بەستىلىك، <<كۈلۈپ يۈرەلەيدىغان>> بالىلار بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ، <<قارىغىنە، سىنىڭ ئىنىڭدەك تۇرۇپ باتۇرنىڭ خەت ئوقۇشى نىمە دىگەن تېز؟>> دەپ قۇياتتى. بۇنداق بالىلارنىڭ تەنەپپۇسلاردىكى ھومۇيۇش- دۈشكەللەشلىرىمۇ ماڭا بوينۇمنى يىغىپ ئۈگۈنۈش پۇرسىتى بەرگەن ئىدى. ھازىر ئويلىسام ئۇ بالىلارغىمۇ رەھمىتىم بار!

    شۇنداق قىلىپ مەن كىتاپ ئوقۇشقا بىرىنچى يىللىقتىلا ھېرىس بولۇپ قاپتىكەنمەن. لېكىن، ئۇ چاغلاردا ئۇقۇغۇدەك قايسى كىتاپلارنى بار دەيسىز؟ تام- تاملارنى قاپلىغان <<چوڭ خەتلىك گېزىت>> مىنىڭ ئەڭ سۈيۈپ ئوقۇيدىغان <<كىتاب>>ىم ئىدى. يول بويىدىن، مەكتەپنىڭ سۈپۈندىلىكىدىن تىرىۋالغان ھەرقانداق خېتى بار قەغەز پارچىسى مەن ئۈچۈن  قىممەتلىك ئىدى.

    شۇ چاغلاردا لوپ ناھيىلىك سۈپەتلىك ئۇرۇق يىتىشتۈرۈش پونكىتىنىڭ سامپۇلدا بىر تەجرىبە مەيدانى بولىدىغان. كىمنىڭ شاپائىتى ئىكەنلىگىنى بىلمەيمەن، دادام شۇ مەيداننىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى بولۇپ كىرىپ قالدى. ھەم ئۇ يىللىرى <<لىن بىياۋنى، كۇڭزىنى پىپەن قىلىش>> دولقۇنى راسا ئەۋجىگەن چاغلار بولۇپ، دادام بىر كۈنى كۇڭزىنى تەنقىت قىلىدىغان <<كۇڭلاۋئېر>> دىگەن كىتاپنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كىتاپقا دۈم چۈشتۈم! قانچە قېتىم يېنىشلاپ ئوقۇغۇنۇمنى بىلمەيمەن، بىر كۈنى ناھيىلىك ئۇرۇغچىلىق پونكىتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باشلىغى مايىپى ئىسىملىك تۇڭگان ئۆيىمىزگە كېلىپ قالدى. ئۇيغۇرچىنى ئوبدانلا يامىدايدىغان، ئۇيغۇرچە خەت ساۋادى تۇلۇق بۇ تۇڭگان بۇۋاي ئىلگىرىمۇ ئۆيىمىزگە پات- پات كېلىپ تۇراتتى. مىنىڭ دۈم يېتىپ كىتاب ئۇقۇۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ھەۋەسلەنگەن چېغى، <<ياكېشى، ياكېشى...>> دىگەچ بېشىمنى سىلىدى.  قۇلۇمدىكى <<كۇڭلاۋئېر>>نى كۆرگىنىدە بولسا قۇشۇمىسى تۈرۈلدى. دادامغا قاراپ <<بالا بۇنداق كىتاپلارنى ئوقۇمىسۇڭ، كۇڭزى ياكېشى ئادەم! >> دىدى. ھەرقانداق ئەمەل ساھىبىدىن تۇلا خۇدۈكسىرەيدىغان بولۇپ قالغان دادام دەرھال ماقۇلغا كەلدى. لېكىن، مىنى غەم باستى. شۇ ھامان ما باشلىققا قاراپ ئۈمچەيدىم. << ئەمىسە قايسى كىتاپنى ئۇقۇيمەن؟!>> دەپ ۋاقىرىدىم. ما بۇۋاي كۈلۈپ كەتتى. << بۇ كىتاپنى ئوقۇمىساڭ، مەن ساڭا ياكېشى كىتاپ ئەكىلىپ بېرىدۇ>> دىدى.

    ھازىر ئويلىسام مايىپىي ئىسىملىك ئۇ كىشى جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى، كۇڭزى ئىدىيىسىنىڭ خەن ئەۋلاتلىرىغا كۆرسەتكەن مەنىۋىي تەسىرىنى بىلىدىغان، ئاشۇنداق سەزگۈر يىللاردىمۇ ئۆز قارىشىنى مۇئاپىق شەكىلدە ئىپادە قىلالايدىغان ئىلغار پىكىرلىك كىشى ئىكەن. ئۇ كىشى كېيىنكى ھەپتىسى ۋەدىسى بويىچە ماڭا بىر پارچە كىتاپ ئېلىپ چىقىپتۇ. ئېلىپ چىققىنى <<سۇ بويىدا>>نىڭ بىرىنچى تومى بولۇپ، ئۇ مىنىڭ تۇنجى كىتابىم بولۇپ قالدى! ئەمەلىيەتتە مەن <<سۇ بويىدا>>نىڭ سەككىز قىسىملىق (ئۇيغۇرچە يېڭى يېزىق شەكلىدىكىسى سەككىز قىسىم ئىدى) ئىكەنلىگىنىمۇ، جۇڭگونىڭ مەشھۇر تۆت كىلاسسىك كىتابىنىڭ بىرسى ئىكەنلىگىنىمۇ ئەسلا بىلمەيتتىم. باشتا غەزەل- بىيىتلىرىنى ئوقۇمۇدۇم. چۈنكى، چۈشەنمىدىم. ئۈچ كۈن ئىچىدىلا ئوقۇپ تۈگەتكەن كىتابىمنى كۆتۈرۈپ ئۇرۇقچىلىق مەيدانغا يۈگۈردۈم. ھەتتا كېچىسى شۇ يەردە قوندۇم. مايىپىي خېلى كۈنلەرگىچە بۇ مەيدانغا چىقمىدى. ئەيتاۋۇر ئىككى ھەپتىلەردىن كېيىن بولسا كېرەك ما بۇۋاي چىقتى. مەندىن بىرىنچى تومدىكى مەزمۇنلارنى سورىدى. جاۋابىمدىن سۈيۈندى. <<گۈلدار شەيىخ>> قاتارلىق قەھرىمانلارنىڭ يۇۋاشلارغا ھامى- ھەمنەپەس بولىدىغان جاسارىتىدىن ئۈلگە ئېلىشنى تاپىلىدى. كېلەر قېتىم چىققىنىدا <<سۇ بويىدا>>نىڭ ئىككىنچى تومىنى ئېلىپ چىقىشقا ۋەدە قىلدى.

    شۇنداق قىلىپ مايىپى بۇۋاينىڭ بىر قىسىم- بىر قىسىمدىن ئېلىپ چىقىپ بەرگىنى بويىچە <<سۇ بويىدا>> نىڭ بەشىنچى قىسمىغىچە ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئىسىت، داۋامىنى ئۇقۇش مۈمكىنچىلىگىگە كۈيە چۈشتى. نە سەۋەپتىندۇر مايىپىي ئەمدى ئۇرۇقچىلىق مەيدانغا چىقماس بولۇپتۇ. ئانچە ئۆتمەي داداممۇ ئۇ يەردىن قايتىپ كەلدى.

    مۇشۇ بايانلار ئارىسىغا قىستۇرغۇم كېلىدۇكى، ماڭا ئەدەبىياتنىڭ ئىشقى <<سۇ بويىدا>>دىن تۇتاشقان بولسا كېرەك. ھەم بۇ ئوتنى مايىپى ئىسىملىك شۇ تۇڭگان بۇۋاي تۇتاشتۇرغان بولسا كېرەك. گەرچە كېينچىرەك ئانامنىڭ خەلق داستانلىرىغا خېلىلا ئېپى بارلىغىنى، بولۇپمۇ <<تاھىر- زۆھرە>> داستانىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان ئالاھىدىلىگىنى بايقىغان بولساممۇ، يۈرۈگۈمگە قول سېلىپ سىلاشتۇرسام كىتاپخۇمارلىقىم، ئەدەبىياتقا بولغان ئاشىنالىغىمنىڭ كۇلۇڭىدا مايىپىي ئىسىملىك شۇ بۇۋاينىڭ سىماسىنى كۆپرەك ئۇچراتتىم. كېيىنكى كۈنلەردە مەن ئۇ بۇۋاينى كۆپ سۈرۈشتۈردۈم. ئوغلى ماپىڭجۈن (لوپ ناھيىلىك مائارىپ ئىدارىسىغا مۇئاۋىن باشلىق بولغان، ھازىر ئۈرۈمچىدە) بىلەن بىرگە خىزمەتمۇ قىلدىم. ئۆزى بىر يۈۋەن پۇل چىقىرىپ ماڭابەش قىسىم كىتاپ سېتىۋېلىپ بەرگەن، ھەتتا ئۇنى سامپۇلغا ئەچىقىپ بەرگەن ئۇ بۇۋاينى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن! <<سۇ بۇيىدا>>نىڭ يېڭى يېزىق شەكلىدىكى سەككىز توملۇق كىتاۋىنى ھازىرمۇ پات- پاتلا ۋاراقلاپ قۇيۇمەن.

    باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوتۇرا يىللىقلىرىدا ئۇقۇۋاتقان مەزگىلىمدە دادامنىڭ زادىلا كۆڭلى چۈشمىگەن <<باتۇر>> ئىسمىمنى يەنە ئالماشتۇرغۇسى كېلىپ قالدى. (ئەمەلىيەتتىمۇ دادام يېنىدا ئادەم يوق ۋاقىتلارنىڭ  ھەممىسىدە مىنى <<مۇتەللىپ>> دەپ چاقىراتتى. مەن نىمىشقا بۇنداق ئاتايدىغانلىغىنى، نىمىشقا ئىككى ئىسمىم بارلىغىنى ئۇ چاغلاردا بىلمەيتتىم.) ئۇرۇق تۇققانلارنى يىغىپ، پاتىھەچى قارىمنى چاقىرىپ، ئىسمىمنى تەگبىر چۈشۈرۈپ باشقىدىن قويغۇزدى.  شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى نامىم تۇلۇق ئەسلىگە كەلدى.

    ئۆيىمىزدە بالا كۆپ، تۇرمۇشۇمىز غورىگۈل بولسىمۇ دادام- ئاناملار بىزنى زادىلا بويۇن قىستۇرمىدى. ھەممىمىزنى ئوقۇتتى. ئوقۇتقاندىمۇ مەكتەپكە ئىۋەتىپلا بولدى قىلماستىن، كۈندۈلۈك ئۈگۈنۈش ئەھۋالىمىزنى سۈرۈشتۈرۈپلا تۇردى. شۇ ئارىدىكى كۈيۈمگە تەئەللۇق ئىشلاردىن ئىككىسى زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىرى، بىر ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىش ئالدىدا سامپۇلدىكى بارلىق ماگزىنلاردىن ھېچقانداق دەپتەر تېپىلمىدى. دادام بىزگە دەپتەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن پىيادە يول يۈرۈپ ناھىيە بازىرىغا كەتتى. لوپتىنمۇ ھېچقانداق دەپتەر تاپالماي، كەچتە بىر قۇچاق جۇڭگوچە ماي بۇياق رەسىم كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئەسلىدە ئۇنى <<شىنخۇا كىتاپخانىسى>>دىن سېتىۋالغان ئىكەن. دادام بىرەر ھەپتىگىچە كىچىچە شۇ رەسىملەرنى كېسىپ- قاتلاپ، رەسىملىك بېتىنى ئىچىگە تىقىشتۇرۇپ- تۈپلەپ، ھەممىمىزگە يەتكۈدەك قىلىپ بەك چىرايلىق دەپتەر تىكىپ بەرگەن ئىدى. شۇ دەپتىرىمدىن بىرەرىنى  تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ قۇيالمىغىنىمغا بەك ئۆكۈنىمەن. يەنە بىرى، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا ئانچە- مۇنچە يېزىش ئىقتىدارىم ئايان بولسا كېرەك، شۇ ۋاقىتلاردا ئەۋىج ئالغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەنقىتلەش يىغىنىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە تەنقىت سۆزى يېزىپ سۆزلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلاتتىم. بەزىدە تېخى ئاكام، ئاچاملارغىمۇ تەنقىت سۆزى يېزىپ بىرەتتىم. بىر كۈنى ئاكام ئۆز سىنىپ مۇدىرىنى تەنقىتلەش سۆزى سۆزلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. ئەسلىدە مۇئەللىم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بېشىغا چوت (ياغاچ ماياقلىق سۈەنپەن)بىلەن نۇقۇشلىغان ۋە <<سۇنۇپ كەتسە دۆلەتنىڭ!>> دىگەن ئىكەن. ئاكام شۇ ئىشنى تۇتۇۋېلىپ، ھېلىقى مۇئەللىمنى <<دۆلەتنىڭ مۈلكىنى ئاسرىمىدى>> دىگەن ئەيىپ بىلەن تەنقىتلىمەكچى بوپتىكەن. بۇ تىما ماڭا خوپ ياقتى. ئىجتىھات بىلەن يازدىم. كىچە بىر ۋاقىتتا ماقالە پۈتتى. ئاكامغا تەڭلەپ تۇرسام شۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپ <<كەچلىك دولقۇن>>دىن قايتقان دادام كۆرۈپ قالدى. ماقالىنى قۇلىغا ئېلىپ تەپسىلى ئوقۇدى. ئارقىدىن چىرايى تۇتۇلدى. ماقالىمىزنى كۈچەپ يىرتىپ، جىن چىراققا يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. دادامنىڭ بۇ ئىشىدىن ئاكاممۇ، مەنمۇ پۇسكايدۇق. بولۇپمۇ مەن بەكرەك خاپا بولدۇم. <<مۇئەللىمنى پىپەن قىلىشنى مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان! شۇنىڭ ئۈچۈن يازدۇق>> دىدىم. دادام << بۇنداق بىرنىمىلەرنى ئەمدى يازما! مۇئەللىم دىگەن ئۇستاز. شاگىرت ئۇستازنى تەنقىت قىلىپ بىرنىمە يازغان، تېخى ھەدىدىدىن ئېشىپ چوڭ يىغىنىدا سۆزلىگەن ياخشى ئىشمۇ؟!>> دەپ كايىپ كەتتى. دەۋاتقانلىرىم راس گەپلەر. ئەمدى ئويلىسام دادامنىڭ شۇ قىلغىنى ئەينى دەۋىرگە ئۇقۇلغان ئەڭ نەمۇنە ئوبزور ئىكەن.

    كېيىن زامان ئاسمىنى بارا- بارا سۈزۈلدى. سامپۇل ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۇبۇل سىراجى ئىسىملىك ئەدەبىيات مۇئەللىمىنىڭ بىرىپ تۇرۇشىدا <<قاناتلىق خەت>>، <<نۇرلۇق قىزىلى يۇلتۇز>>، <<قىزىل پۈپۈكلۈك نەيزە>>، <<گاۋيۈباۋ>>، <<دۈشمەن ئارقا سېپىدە>>، <<چەكسىز ئورمان، قارلىق دالا>>... قاتارلىق خېلىلا كۆپ كىتاپلارنى ئۇقۇۋالغان ئىدىم. مىنى يېزىقچىلىق كوچىسىغا باشلىغان تۇنجى ئۇستازىم دىيىشكە تۇلۇق ھەققىم بار ئۇ مۇئەللىم ھېلىمۇ ماڭا توختىماي ئىلھام بېرىدۇ. يازمىلىرىمدىن كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ تۇرۇپ سۈيۈنىدۇ. <<سۇ بۇيىدا>>نىڭ قالغان ئۈچ تومىنىمۇ تۇلۇقسىزئوتۇرىدا ئاندىن تاماملاش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. تۇلۇق ئوتتۇرىنى لوپ ناھيىلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە تۈگەتتىم. تۇلۇق ئوتتۇردا ئوقۇغان شۇ ئىككى يىل مېنىڭ كىتاپ بىلەن ئەڭ كۆپ ئۇچراشقان چاغلىرىم بولسا كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبى سىنىپىمىزدىكى بارلىق ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۆيلىرى ناھيە مەركىزىدە، مىنىڭ بولسا سامپۇلدا بولغاچقا سىنىپىمىزدىن بىر مەنلا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيتتىم. دەرستىن چۈشكەن، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمدا ئۇدۇللا مەكتەپ قىرائەتخانىسىغا چاپاتتىم. تۇلا بېرىۋەرگەچكە قىرائەتخانا باشقۇرىدىغان مايمۇنەم خانىممۇ مىنى تۇنۇۋېلىپ، كېيىنچە كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كىنىشكامنىمۇ سۈرۈشتۈرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بىرەر يىل ئۆتمەيلا مەكتەپ قىرائەتخانىسىدا مەن ئوقۇمىغان كىتاپ ئاساسەن قالمىدى. ئەمدى مەن ناھيىلىك كۈتۈپخانىدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى بىجىرىۋالدىم. كۈتۈپخانىدىكى كۆزئەينەك تاقايدىغان، ۋىجىككىنە بۇۋايمۇ ئانچە ئۆتمەيلا مىنى تۇنۇپ قالدى. ئۇمۇ كىنىشكامنى سۈرۈشتۈرمەيلا قايسى كىتاپنى ئارىيەت ئالماقچى بولسام خالىغىنىمچە ئېلىپ كېتىشىمگە رۇخسەت قىلىدىغان بولدى. بەلكىم ئۇلارنىڭ قېلىقى خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپتۇر. لېكىن، تەگلەپ ئويلانساق كۈن- كۈنلەپ بىرەرى كىتاپ ئارىيەت ئالمايدىغان ئۇ پۇكەيدىن كۈنى دىگۈدەك يىراقلىمايدىغان مەندەك بىر ئوقۇغۇچى ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان بولسام كېرەك.

    شېئىر يېزىشنى شۇ يىللاردا باشلىدىم. خېلىلا ياخشى ئۇقۇغان بولساممۇ ئىمتىھان بىرىدىغان پەن تۈرىنى ئۆز ئارزۇيۇم بويىچە تاللىيالماي قالغىنىم سەۋەپلىك ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىنى خۇتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدىن تاپتىم. ئۇ يەردە ئابدۇللا مۇھەممەتئىمىن، مەتقاسىم ئەكرەم قاتارلىق ۋىلايىتىمىزنىڭ سەرخىل ئەدەبىيات ئۇستازلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇش نىسىپ بولدى. گەرچە ئوقۇغۇنۇم ئومۇمى پەن بولسىمۇ، ئەدەبىيات ۋە جۈملىدىن شېئىرىيەت ئىشتىياقى شۇ يىللاردا ھەر تىنىقىمنى لەرزىلەپ تۇراتتى. شېئىر ئوقۇمايدىغان كۈنۈم، شېئىر يازمايدىغان ھەپتەم يوق ئىدى. بايام ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئەدەبىيات پىشىۋالىرىنىڭ قوليازمىلىرىدىن جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ نۇرغۇن ئېسىل شېئىرلىرىنى كۈچۈرۈۋالدىم. (ئۇ خاتىرەم ھازىرمۇ بار) نەتىجىدە، پۇشكىن، بايرۇن، گىنرېخ ھېينى، مۇسا جىلىل، ھادى تاقتاش، خىزمەت ئابدۇللىن، ئەركىن ۋاھىدوپ، ئابدۇللا ئارىپوۋ، خەمىد غۇلام، گىيوتى، سەمەت ۋۇژغۇن، ئىليار بەختىيار... قاتارلىق شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تۇنۇشتۇم. ئۇلار ماڭا باشقىچە بىر ئالەم بولۇپ تۇيۇلدى.  شېئىرىيەت چىمەنىگە باشچىلاپ كېرىشتىم. بۇنىڭ باراۋىتىدە خىزمەتكە چىققان تۇنجى كۈنۈملا لوپ ناھيىلىك سەنئەت ئۆمىگىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ خىزمەتكە بۆلۈندۈم. شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدىم. ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ مۇدىرى بولدۇم. مەدەنىيەت، مائارىپ ئۇرۇنلىرىدا ۋەزىپىلەردە بولدۇم. گەرچە ئەدەبىيات، جۈملىدىن شېئىرىيەت كوچىسىدا بەك نەمۇنە ئىزلارنى قالدۇرالمىغان بولساممۇ مەيلى نىمە قلاي، نەدە بۇلاي بالىلىقىمدا تۇتاشقان شۇ ئوت تا مۇشۇ كۈنگىچە، سىز بىلەن مۇڭدىشىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتقىچە زادىلا ئۆچۈپ باقمىدى!

     ئابلەت ئەخمەت: تۇنجى ئەسىرىڭىز ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتنى ھىساپلاپ كۆرسەك ئانچە مول- ھوسۇللۇق يازغۇچى ئەمەسلىگىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ. ئاز ھەم ساز يېزىشنى ئويلىدىڭىزمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز: بۇ سۇئالىڭىزغا مەيلى نىمە دەپ جاۋاپ بىرەي ئۈزەمنى ئاقلىغانلىق بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭ <<ھوسۇلسىز يازغۇچى>> ئىكەنلىگىم راست. لېكىن بۇ ھەقتە ھەرقانداق بىر بانايۇ- سەۋەپ بىلەن ئۈزەمنى ئاقلىغۇم يوق. چۈنكى، مەن ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئەسىرىمنىڭ قايسى ئىكەنلىگىنىمۇ سىزگە ئېنىق دەپ بىرەلمەيمەن. بايام دەپ ئۆتكۈنۈمدەك تۇنجى خىزمىتىمنى سەنئەت ئۆمەكنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىلىكىدىن باشلىدىم. شۇ چاغدا (1984- يىلى) كەسپىي سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ خۇتەن ۋىلايىتى بۇيىچە ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغانىكەن. ئۈلگۈرۈپ كەپتىمەن. يېڭىراق تىمىدا ئۆزگىچىراق بولۇشنى كۆزلەپ <<پىنسىيىگە چىققان ئانا>> ناملىق بىر پارچە دىرامما يازدىم. سەھنىلەشتۈرۈلدى. كۆرەكتە ئۈچ تۈر بۇيىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتلاندى. تىلىۋىيىزىدىمۇ كۆرسىتىلدى. ئارقىدىنلا <<يېڭى قاشتېشى>> ژورنىلىدا <<مۈشۈك>> قاتارلىق بىر بۆلۈك شېئىرلىرىم ۋە <<يالغۇز توغراق>> قاتارلىق بىرقانچە پارچە ھىكايەم ئىلان قىلىندى. ئۆزەمنى تۇرۇپلا يازغۇچى، شائىر بولۇپ قالغاندەك بىر تۇيغۇدا سەزدىم. ئىزدەپ كېلىدىغانلارمۇ ئاۋۇدى. لېكىن، ئۆزەمدىن، ئۆز ئەمگىكىمدىن ھوزۇرلىنالمىدىم. سەۋەبى يازغانلىرىم، ئېلان قىلغانلىرىم ئۆزەمگە ئاددىدەك تۇيۇلۇپ، ئۆزەمدىن زادىلا رازى بۇلالمىدىم. قانائەت تاپالمىدىم. مەن ئۈچۈن ئەدەبىيات ۋە يېزىقچىلىق گۇيا بۇنداق بولماسلىغى كېرەكتەك، بۇنداق ئاددى نەرسىلەرنى يېزىپ يۈرۈش يازغۇچىلىقتىن ئىبارەت شاھانە كەسپ ئۈچۈن بىرەر نۇقسانىي ئىشتەك تۇيۇلۇپ قالدى. ئېلان قىلىنغان ھەر پارچە ئەسىرىمنى مەتبۇئاتتا قايتا كۆرۈپلا بۈگۈن- ئەتىنىڭ ئىچىدە ئاللىكىملەر ئەيىپلاپ بىرنەسە دەيدىغاندەك، بۇرنۇمنى نۇقۇشلايدىغاندەك تۇيغۇ خېلى كۈنلەرگىچە سايەمدەكلا ئەگىشىپ يۈردى. بۇ ئادەت ماڭا تا مۇشۇ كۈنگىچە ياندىشىپلا كەلدى. قارىغاندا ئۆز- ئۆزۈمگە ئىشىنىش روھىم كەمتۈكرەك بولسام كېرەك.

    سۇئالىڭىزغا قايتىپ كەلسەم مىنىڭ <<ھوسۇلسىز يازغۇچى>> بولۇپ قالغىنىم يەككە ھالەتتىكى ئېلان قىلىنغان يازمىلىرىمنىڭ سانىغىلا ئېيتىلسا ئادالەتلىك بولىدۇ. ئەمما يازمىلىرىمغا قارىتا دىيىلگىنىدە ئۇۋال بولىدۇ. مەن يېزىقچىلىقتا <<ئاز تۇغساممۇ، سۈپەتلىك تۇغۇش، ئەيىپ- نۇقسانسىز چوڭ قىلىش>> شۇئارىغا ئېتىقات قىلىمەن. نۇرغۇن بۇۋاقلىرىمنى ئەل- ئاۋامدىن ئۇزۇنغىچە پىنھان تۇتۇمەن. ئەيىپلىكتەك كۆرۈنگەنلىرىنى مەڭگۈ ئۆيۈمدىن سىرتىغا چىقارمايمەن. ھەتتا بەزى ئەسەرلىرىمنى يېزىلىپ يىگىرمە يىلدىن كېيىن ئېلان قىلدۇردۇم. (<< يېڭى قاشتېشى>، ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق 5- سانىدىكى <<يىغلىما، كامىل>> نامىدىكى ھىكايەم بۇنىڭغا دەلىل) ئۇنىڭدىن باشقا بەك ئۇزۇن مەشغۇل بولغان مەمۇرى خىزمەتلىرىممۇ نۇرانە يېزىقچىلىق پەسلىمنىڭ ۋاقىتلىرىغا تەتۈر ئىكەك بولغىنى ھەم راست! خۇشھاللىنىدىغان بىر ئىشىم تا مۇشۇ كۈنگە قەدەر سۈپەتسىزلىك سەۋەپلىك تەھرىراتتىن ئۆتمەي قالغان ئەسىرىم يوق.

    ئابلەت ئەخمەت:سىز خېلى بۇرۇنلا <<يالغۇز توغراق>>، <<راشىدىننىڭ تەقدىرى>>، <<ساراڭقېتىش>>، <<تەلۋە>>، <<قوشنامنىڭ قىزى>>... قاتارلىق تېتىملىق ھىكايىلىرىڭىز بىلەن كىتاپخانلار قەلبىدىن تىگىشلىك ئورۇن ئالغان ئۈمۈتلۈك يازغۇچىلار قاتارىغا كىرىپ بولغان ئىدىڭىز. بىراق ياسىنجان سادىق، تۇرسۇنجان مۇھەممەت، ئابباس مۇنىياز، ئابدۇكېرىم قادىرلاردەك ئىزچىللىقى ساقلىيالمىدىڭىز. بۇ يېزىقچىلىقنىڭ سىزگە كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟  

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:مېنى يۇقارقى نامى شىپى كەلتۈرۈلگەن ئىچ ئات يەڭلىغ يازغۇچىلىرىمىزغا پەقەت تەڭدىمەت بولغۇنۇم ئۈچۈنلا سېلىشتۇرۇۋاتىسىزغۇ دەيمەن. مەن ئۇلار بىلەن زامانداش، ماكانداش بولغۇنۇم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن. تەڭدىمەت بولغۇنۇمدىن سۈيۈنۈمەن. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى دىگۈدەك تۇلۇق ئوقۇيمەن. ئىجادىيەتتە ئاشۇ ئەزىزلاردەك ئزچىللىقنى ساقلىيالمىغىنىم ئۈچۈن ئۈزەمنى كەچۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆكۈنسەممۇ بۇنى يېزىقچىلىقتىن كەلگەن بىرەر ئاۋارىچىلىقتىن بولغان، دەپ قارىمايمەن. يېزىقچىلىق ماڭا ھېچبىر ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلمىدى. ئەكسىچە مەن ئويلاپمۇ باقمىغان نۇرغۇن ئاسايىشلىق قەدەملىرىمگە ھامى- ھەمنەپەس بولدى! يېزىقچىلىقنىڭ ماڭا كەلتۈرگەن شاپائىتى ھەققىدە يېقىندا يېزىپ تاماملىغان <<ھىكايىنىڭ قىممىتى ۋە يازغۇچىنىڭ شۆھرىتى>> ناملىق ماقالەمدە تەپسىلى توختالدىم. ئېلان قىلىنىشقا مۇيەسسەر بۇلالىغىنىدا ئورتاقلىشارمىز. قىسقىسى، مەن ئەدەبىيات ئارقىلىق ئەڭ ئاۋال ئۆزۈمنى تۇنۇدۇم. دۇنيانى تۇنۇدۇم. ئەقىل- پاراسەت، ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى بىلىۋالدىم. چوڭ- كىچىك ھەر ئىشتا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈشنى، دەل- مۇئاپىق سۆزلەشنى، ئىش- ھەركەتتە مۆتىدىل بولۇشنى مەن ئالدى بىلەن ئەدەبىياتتىن بىلدىم. ئىنساننى، ئىنساننىڭ ئۆزىدىن باشقا ھەركىشىدىن ھەتتا ئۆزىدىنمۇ سىر- پىنھان تۇتىدىغان پەرىجىلىك خاسلىقىنى يېزىقچىلىقنىڭ ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولغان كۈزۈتۈش كۆزى ئارقىلىق تۇنۇۋېلىشقا  تىرىشتىم.

    ئابلەت ئەخمەت: ئەدەبىيات پىشىۋالىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولۇشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنى ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلىغان يازغۇچىلارنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىغىدىن بولغان، دەپ قاراش مۈمكىن. سىزنىڭچە ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى قانداق بولۇش كېرەك؟

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:<<ئەدەبىيات پىشىۋالىرى>> دەپ كىملەرگە قارىتىپ ئېيتقىنىڭىزنى بىلمىدىم.  لېكىن، <<ئەدەبىياتقا قارىتا ئۆزىنى بېغىشلاش>> دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئاڭلىماققا خېلىلا يېقىملىق تۇيۇلىدىكەن. <<ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلىغان>> يازغۇچىلارنىڭ ئازلاپ ياكى كۆپىيىپ كەتكەنلىگىنى قۇيۇپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن <<ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش>> كېرەكمۇ- يوق؟ <<ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش>>نىڭ زۈرۈرىيىتى نىمە؟ دىگەن بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىمغا قىزىقامسىز؟ باشتىلا دەۋالايكى، مەن <<ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش>>دىگەن بۇ ياڭراققا قۇشۇلمايمەن. مېنىڭچە ئەدەبىيات بىر ئىنساننىڭ پەقەت بىر قېتىملا نىسىپ بولىدىغان بارچە ئۆمۈر- ھاياتىنى بېغىشلاشقا ئەرزىيدىغان كەسپ ئەمەس!  ھەتتا ئۇ لەك- لەك ئادەمنىڭ ئالىي مەكتەپتە مەخسۇس كەسىپ شەكلىدە نەچچە يىللاپ ئوقۇيدىغان پەنمۇ ئەمەس. مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئەدەبىيات- ئىنسان ئۆزىنىڭ ئوي- تۇيغۇسىنى مەيلى نۇتۇق مەيلى يېزىق شەكلىدە بولسۇن باشقىلاردىن ياخشىراق، باشقىلاردىن ئۆزگىچىرەك، ئۆزگىلەردىن جەلىپ قىلارلىقراق ئىپادە قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىگەللەنسىلا بولىدىغان كەسىپ. ئۇنىڭ نەزىريە- مۇھاكىمىلىرىنى مەخسۇس تەتقىقاتچىلاردىن ئۆزگىلەر يەنە بىر كەسپنى ئىگەللەۋېتىپ، يەنە بىر ئىش تۈرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋېتىپمۇ زۈرۈرىيىتى تۇغۇلغىنىدا بىرەر مەزگىل ئۈگۈنۈپ- ئۆزلەشتۈرۈپ قويسىلا بولغىنى. ئەمەلىيەتتە ئەدەبىياتنى كەسپ شەكلىدە ئۆگۈنۈش بىلەن ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئوتۇرسىدا ھېچقانچە يېقىن مۇناسىۋەت يوق. (نۇرمۇھەممەت توختى، ياسىنجان سادىق، ئابلەت قادىرى، غۇجىمۇھەممەت... لەر رۇشەن دەلىل) ئەگەر <<ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى>> بەك يۇقۇرى مۇقامدا توۋلانسا ئۆزىدە ئەسلى ئەدەبىي گىننىڭ بار- يوقلىغى بىلەن ھىساپلاشمايلا ئۆزىمۇ بىلىپ- بىلمەي ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرىپ قالغان بەك كۆپ ئىنسان <<ئۆزىنى بېغىشلاش>> نىڭ ئۇرۇنسىز قۇربانىغا ئايلىنپ كېتىۇدە، بۇ باشقا بىرەر كەسپ بىلەن مەشغۇل بولغىنىدا نەتىجە قازىنىشىنىڭ بەلكىملىگى بار شۇ ئىنسانغا نىسبەتەن ئەدەبىيات ئېلىپ كەلگەن پاجىئە بولۇپ قالىدۇ! ئەسلىدە بۇ پاجەئەنىڭ جاۋاپكارى ئەدەبىيات بولماسلىغى كېرەك ئىدى!  

    ئەمدى <<سىزنىڭچە ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى قانداق بولۇش كېرەك؟>> دىگەن سورىقىڭىزغا كەلسەم، راستىنلا <<ئۆزىنى بېغىشلاش>> زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارالسا، ئىنسان ئەدەبىياتقا ئەمەس، ئەدەبىيات ئىنسانغا ئۆزىنى بېغىشلىغىنى ياخشى. يەنى، ئەسلى قان، ئەسلى دىت، ئەسلى گىن- ئېلمىنىتلىرىدا ئەدەبىياتنىڭ خېمىرتۇرۇچى بىللە تۈرەلگەن ئىنساننى ئەدەبىيات ئۆزى تېپىۋالالايدۇ. ئىنساننىڭ ئەدەبىياتنى زورۇقۇپ ئىزدەپ تېپىشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ. بۇ خۇددى دات تۈمۈرنى، تۈمۈر كۇكۇندىسى ماگنىتنى ئۆزى تېپىۋالغىنىدەكلا بىر ئىش. بۇنداق تېپىشىش شۇنچىلىك تەبىئى، شۇنچىلىك قايناق بولۇدۇكى، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قاي سەۋەپلىك ئەدەبىيات بىلەن ئاشىنالىشىپ قالغىنىڭىزنى، يەنە قاي ۋەجىدىن بۇ ئاشىناغا بارچە مېھىر- مۇشتاقلىغىڭىزنى بىرىپ قويغۇنىڭىزنى بىلمەيلا قالىسىز. سىزنىڭ ئۆزىڭىز تۇيمايلا يۈرەك- باغرىڭىزدىن جاي بىرىپ قويغان <<ئەدەبىيات ئاشىنايىڭىز>> ھەر كۈن، ھەر مىنۇتتا قېنىڭىزدىن سۇ ئىمىپ، سەزگۈ- تۇيغۇڭىزدىن ئۇزۇقلىنىپ، سىزنىڭ قەلىمىڭزنى ئۆز كۈچى بىلەن قۇلىڭىزغا ئالغۇزۇپ سىزنى يېزىقچىلىق شىرەيىڭىزگە ئىڭىشتۈرۈدۇ. بۇ ھالدا سىز ئەدەبىياتنى ئەمەس، ئەدەبىيات سىزنى كونتىرول قىلىدۇ. سىز زورۇقمايسىز، ئەدەبىيات ئۆزى زورىقىدۇ. ئاي- كۈنى يېقىنلاپ كەلگەن بۇۋاقتەك ئۆزى پۇت ئېىتىدۇ. ئۆزى ئىڭڭەلەپ، ئۆزى تۇغۇلىدۇ. بۇنداق بۇۋاق ھەم بىجىرىم، ھەم ساغلام بولىدۇ. جاھاننىڭ، زاماننىڭ، ئالەمنىڭ سىناق- مانىۋىرلىرىدىن ئۇڭۇشلۇق ئۆتۈپ، سىز ھەققىدە ئۇزۇن زامانلاردىن كېيىنمۇ ئۇچۇر- مەلۇمات يەتكۈزەلەيدۇ. ئەگەر ئەدەبىيات سىزگە ئاشىنا بولماي، سىز ئەدەبىياتقا ئاشىنا بولسىڭىز، ئەدەبىيات سىزگە ئۆزىنى بېغىشلىماي، سىز ئەدەبىياتقا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىسىڭىز بۇ ھالدىكى تۈرەلمە سىزدىنمۇ كىسەلمەن، سىزدىنمۇ ئىنجىمارۇق بىرنىمە بولۇپ دۇنياغا كېلىدۇدە، ھاياتى بەردەملىگى سىزدىمۇ بۇرۇن ئۆلىدۇ! شۇڭا <<ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلار>>غا تەۋسىيەم: <<بېغىشلاش>> بىھۇدە بولۇپ قالمىسۇن! سىزگە زادىلا ئامراقلىغى يوق ھەرقانداق نازىننىڭ ئوتىدا مىڭ مەرتىۋە سەكپارە بولغىنىڭىز بىلەن ئۇ نازىنىن سىزگە مېھرىنى بويۇن تولغاتقان بولسا تەقدىرگە تەن بېرىپ، ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلىڭ. ئەگەر ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بارچە نازلىقلاردىن خۇلقى يامان بۇ چوكان سىزگە ئۆزى سۇۋۇنۇپ ئۆزى خۇلۇقلانغان بولسا مانا بۇ تەلىيىڭىز! باغرىڭىزنى كەڭ ئېچىپ، قات- قاتلىرىڭىز بىلەن قۇچاقلاڭ، كۆپ بالىلىق بولۇڭ! تاپقان بالىڭىز ئەيىپ- مېيىپلىقتىن خالى، سىزدىنىمۇ، ئىرادىنمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرەلەيدىغان بولسۇن!

    ئابلەت ئەخمەت: مەرھۇم يازغۇچى، رەھمەتلىك ئىنىڭىز ئەزىز سەيپۇللانىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى سىزنىڭ روھى دۇنيارىڭىزنى زىلزىلىگە سېلىپ، ئىنسان، ھايات، مېھرى- مۇھەببەت ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇرلاپ <<مۆرۈۋەتنامە>>ڭىزدە ئېيتقاندەك ئىككى كىشىلىك ئىجادىيەت قىزغىنللىقىدا ئەسەر يېزىۋاتىسىز. يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىڭىزدىن ئۇلىڭىزنىڭ مۇستەھكەم، ئىچكى ئېنىرگىيىڭىزنىڭ يىتەرلىك ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. <<قوشنىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەش>>، <<قىزىڭىزنى ئۈنلۈك چاقىرماڭ>> ... قاتارلىق ئەسەرلىرىڭىز كىتاپخانلار ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى كىتاپخانلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقامسىز؟

    مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز:بېشىدىنئۆتكۈزۈپ باققان ئىلىمدارلار <<ئوغۇل بالا ئاتا ۋاپاتىدىن كېيىنلا ھەقىقى ئوغۇل بالىغا ئايلىنىدۇ>> دەيدىكەن. مېنى ئانچە ئۇزاق بولمىغان بىرنەچچە يىل ئىچىدە ئىككى قېتىملىق قازا يىغىسى تۇتتى. تۇتقاندىمۇ ئىنساننىڭ بەرداشلىغى تەس كەلگۈدەك دەرىجىدە ھەم تۇيۇقسىز، ھەم ئېغىر تۇتتى. ئاۋال دادامنى ئۈرۈمچى ئايرۇپورتىدىن 2- قېتىم ئىككى ھەرەم بەيتۇللاغا بىر چىرايلىق يولغا سېلىپ قويدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەي سەئۇدىدىن دادامنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىنىڭ خەۋىرى كەلدى. بەش ئوغۇل بىر قىز ئالتە قېرىنداشنىڭ ھېچبىرىمىز دادىمىزنىڭ ئاخىرقى تىنىقتىكى ئىككى جۈملە ئۈگۈت- نەسىھىتىگە نائىل بۇلالمىدۇق. قەبرىسىگە بىر كەتمەن تۇپا تاشلىيالمىدۇق. ئۇ تۇيۇقسىزلىقنى قانۇنىيەت نوقتىسىدىن تەسەللىگە يۈكلەپ ئەمدى كۆز جىيىكىمىز قۇراي دىگەندە ياخشى ئىنساننىڭ ئۈلگىسى ھىساپلىنىدىغان قەدىردانىم مىنى خۇتەن ئايرۇپورتىدىن ئۈرۈمچىگە ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ 5- كۈنى كەچتە 29 يېشىدا بۇ ئالەمدىكى مىھمانلىقىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئاخىرلاشتۇرغاندىمۇ مەن <<مۆرۈۋەتنامە>>دە <<كۇپۇرلۇق ھىساپلانمىسا يازغۇم كېلىدۇكى، ئىنساننىڭ يىغىسىغا، بەندىنىڭ نالە- ھەسرىتىگە، قېرىندىشىدىن ئايرىلىپ قالغۇچى بىقۇۋۇلنىڭ يۈرەك زەردابىغا ئىگىمىز تەسىرلىنىدىغان بولسا دىلكەش ئىنىم بىر خاسىيەت بىلەن تىرىلىپ قوپقان ۋە ئىلگىرىكى ئاشۇ خۇشپېئىللىقى بىلەن ئالدىمدا زاھىر بولۇپ، مىھرى ئىسسىق باغرى بىلەن مېنى باغاشلاپ، ئاشۇ سېخى ئالقانلىرى بىلەن ياقا پەشلىرىمگە سىڭىپ ئۈلگۈرمەيۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ قۇيار ئىدى!>> دەپ يازغىنىمدەك بۇ ئالەمنىڭ بارچە مۇسىبىتىنى ماڭا قالدۇرۇپ ئاخىرلاشتۇردى! يىغا-ياشلىرىم كۆزۈمدىن ئەمەس يۈرۈگۈمدىن تامچىلىدى. كۆز يېشىم زادىلا توختىمايۋاتقان شۇ كۈنلەردە قەلب كۆلچىگىم بىراقلا تەۋرەپ، ئۇ كۆلچەكنىڭ تىگىدىن بىر ماگما ئېتىلىپ چىقتى! قۇلۇم تىترەپ، لەۋلىرىم ئۈمچىيىپ، تىز- يۇتىلىرىم ئىگىلىپ قالغان شۇ ھالدا يېزىق ئۈستىلىگە كەلدىم. گەرچە كۆزۈم ھېچقانچە نەرسىنى كۆرمىسىمۇ تۈرتەكلەپ كېلىۋاتقان ئۇ خىل ھاياجاننى يازماي تۇرالمىدىم. نەتىجىدە <<مۆرۈۋەتنامە>>، <<قوشنىسىغا ئۆلۈم تىلەش>>، <<قىسمەت>>، <<ئاھ، ئاشۇ كۆزلەر>>، <<كاۋاپ پۇلىنى قايسىڭلار تۆلىگەن؟>>، <<ئاخىرقى ئەستىلىك>>، << قىزىڭىزنى ئۈنلۈك چاقىرماڭ>>... <<چىۋىن>>... قاتارلىق ھىكايىلەرنى، <<سەن بەلكى، مەن كۈتكەن ئاخىرقى مەنزىل>> ناملىق داستان ۋە بىر تۈركۈم شېئىرلارنى، <<قارا جايناماز>>، <<ئىشەك كۆزى>> ناملىق پوۋىستلىرىمنى قەغەزلىۋالدىم. ئېلان قىلىنغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ھىممەتلىك ئىنىم ۋە دىلكەش بۇرادىرىم ئەزىز سەيپۇللانىڭ نامىنى تەخەللۇس ئورنىدا تاجۇ- نام قىلدىم. شۇ ئېغىر كۈنلەردە مىھرىبان دوستلىرىمدىن باشقا مۇبارەك قەلىمىم بىلەن ئۇپرىغان ئۈستىلىم ماڭا تەسەللى بولدى. ئىچ- ئىچىمدىن پۇرقۇپ چىقىۋاتقان ئوت يېزىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇرىسىنى تاپتى. شۇندىن باشلاپ يازغان ھەر بىر ئەسىرىمدىلا ئەمەس قەلىمىم يورغۇلاۋاتقان ھەر بىر قۇردا شۇ قەدىردانىمنىڭ كۈلۈمسىرەپلا تۇرغان سىيماسى ماڭا يارۇ- ھەمدەم بولدى.

     سۇئالىڭىزنىڭ كېيىنىكى بۆلىكىگە قايتىپ كەلسەم ئىنىمنىڭ قازايىدىن كېيىن سىز ئېيتقاندەك <<ھايات>>، <<ئۆمۈر>>، <<مىھرى- مۇھەببەت>> ھەققىدە، ئىنساننىڭ كەلمىش ۋە كەتمىشلىرى ھەققىدە باشقىدىن ئويلانغىنىم راست. روھى قاتلاملىرىمنىڭ زىلزىلىدە بۆلەكچە نۇرلانغىنى، چۆچۈپ سىلكىنگىنى راست. يازمىلىرىمدا ئۇ نوقتىلارنىڭ ئۆزىنى تەرپلەشكە تىرىشقىنىمۇ راست. روھى زىلزىلەمنىڭ تىرىشچانلىغى

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز