تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت 8 خىل يانفۇن

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت 8 خىل يانفۇن

يىقىندا پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى داڭلىق بىلوگ بىكىتى laptopmag پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت 8خىل ئەقلىيفۇننى تىزىپ چىقتى . بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن يالىتىلغان ، يىلان تېرىسى قاپلانغان iPhone 5 ، ئاق ئالتۇننى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلغان ئاندىرويىد يانفون ، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي دەرىجىلىك ماشىنا ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا Porsche(باۋشېجىي) لايىھىلىگەن قارا بۆلجۈرگەن يانفۇنى قاتارلىقلار بار .


1.Gold Swarovski iPhone 5 بۇ يانفۇننىڭ سېتىلىش باھاسى 4500ئامىرىكا دوللىرى . بۇ 64GB لىق iPhone 5 يانفۇنىنى ئەنگلىيىدىكى داڭلىق ئالىي دەرىجىلىك يانفۇنلارنى ياسايدىغان شىركەت Amosu Couture ياسىغان بولۇپ ، يانفۇننىڭ سىرىتقى قىپىغا24K لىق سىرىق ئالتۇن ئىشلىتىلگەن ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يانفۇننىڭ يەنە ھەقىقىي كالا تېرىسىدىن ئىشلەنگەن قوغدىغۇچى قېپى بار .

2.Gresso Cruiser Titanium . بۇ يانفۇننىڭ سېتىلىش باھاسى 2500ئامىرىكا دوللىرى . بۇ يانفون ئىنتايىن قىممەت بولسىمۇ بىراق قىممەتلىكى سەپلىمە جەھەتتە ئىپادىلەنمەيدۇ ، يەنى بۇ يانفۇننىڭ سىغىمى پەقەت 30MB بولۇپ ، 2 مىليون پىكسىللىق كامېرا سەپلەنگەن . بۇ يانفۇننىڭ سىرىتقى قېپىغا تىتان بىرىكمىلىك ئالتۇن ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، بۇ خىل ماتىرىيالنىڭ ئىسسقلىق تارقىتىشى ئىنتايىن تۆۋەن بولغاچقا ، بۇ يانفۇننى قولغا ئالغاندا بىرخىل ئىللىق بىلىنىدىكەن .

3.Grand Touch Executive . سىرىتقى قىنىغا ئالتۇن ماتىرىياللار ۋە باشقا ئالتۇن بىرىكمە ماتىرىياللار ئىشلىتىلگەن يانفۇنلار ئەلۋەتتە ياخشى ، تۆۋەندىكىسى ئالاھىدە بىر خىل يانفۇن بولۇپ ، بۇنىڭ سىرىتقى قېپىغا سۈزۈك پارقىراق تاش ئىشلىتىلگەن ، بۇ يانفون تۇنجى بولۇپ تاش بىرىكمە ماتىرىيالى ئىشلىتىلگەن يانفۇن بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . بۇ يانفۇنغا ئاندىرويىد 4.1 مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ،1.2-GHz لىق قوش يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، 1GB RAM لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن . يانفۇن سىغىمى 16GB . بۇ پەن-تىخنىكا ۋە گۈزەل-سەنئەت مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ ياساپ چىقىلغان يانفۇندۇر .

4. Porsche(باۋشېجىي) لايىھىلىگەن قارا بۆلجۈرگەن P'9981يانفۇنى . بۇ يانفۇننىڭ سېتىلىش باھاسى 2050 ئامىرىكا دوللىرى . بۇ يانفۇننى دۇنياغا داڭلىق ماشىنا كارخانىسى Porsche(باۋشېجىي) لايىھىلىگەن بولۇپ ، سىرىتقى قېپىغا مۇستەھكەم داتلاشماس پولات ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئەرلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بەكرەك ماسلىشىدۇ . سەپلىمە جەھەتتە ، بۇ يانفۇنغا 1.2GHz مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ ، يانفۇن سىغىمى 8GB ئىكەن . بۇ يانفۇنغا BlackBerry 7 OS مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشلىتىلگەن .

5. Caviar Amore Collection ، سېتىلىش باھاسى 4200ئامىرىكا دوللىرى . بۇ يانفۇننى ئىتالىيە ئۈنچە - مەرۋايىت سودىگىرى Elijah Giacometti بازارغا سالغان بولۇپ ، سىرىتقى قېپىغا يىلان تېرىسى تورى ئىشلىتىلگەن .

6.Tag Heuer Racer . سېتىلىش باھاسى 3125ئامىرىكا دوللىرى . بۇ يانفۇننى شىۋىتسارىيە ئالىي دەرىجىلىك سائەت سودىگىرى Tag Heuer ئېلان قىلغان بولۇپ ، بۇ يانفۇننىڭ سېتىلىش باھاسى 3125 ئامېرىكا دوللىرىدىن 8463 ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئىكەن . بۇ يانفۇنغا ئاندىرويىد 4.0 مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 1GHz لىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، 3.5 سۇڭلۇق ئېكران سەپلەنگەن ، يانفۇن سىغىمى8GB ئىكەن .

7.Vertu Ti . سېتىلىش باھاسى 11901 ئامېرىكا دوللىرى . Ti بولسا داڭلىق ئالىي دەرىجىلىك يانفۇن ياسايدىغان شىركەت Vertu نىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئاندىرويىد سىستىمىلىق يانفۇنى بولۇپ ، سىرىتقى قېپىغا ئاق ئالتۇن، كۇنۇپكىسىغا يەنە قىزىل ياقۇت ئىشلىتىلگەن ، بۇ يانفۇنغا ئاندىرويىد 4.0 مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، قوش يادرولۇق 1.7GHz لىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، 8 مىليون پىكسىللىق كامېرا سەپلەنگەن ، يانفۇن سىغىمى 64GB .

8.Ulysse Nardin The Chairman ئالماس نۇسخىسى . سېتىلىش باھاسى 123537 ئامېرىكا دوللىرى . بۇ يانفۇن ھازىرقى باھاسى ئەڭ يۇقىرى ئاندىرويىد سىستىمىلىق يانفۇن بولۇپ ھىسابلىنىدۇ . لېكىن سەپلىمە جەھەتتە بەك يۇقىرى ئەمەس . بۇ يانفۇنغا 18K لىق ئاق ئالتۇن ، 3000 تال ئالماس ۋە كۆك ياقۇتلۇق ئەينەكلىك ئېكران ئىشلىتىلگەن . بۇنىڭدىن باشقا بۇ يانفۇنغا يەنە بارماق ئىزىنى پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوشۇلغان . 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز