تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دائىم كېچىدە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزىدىغانلار راك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن

 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلىگەن كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى خىمىيە سانائىتى كەسپىدە ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭكىگە تەڭ كېلىدىكەن.

    راك ھۈجەيرىسىنى كونترول قىلىدىغان ئۆزگەرگۈچى قارا ھورمون يورۇقلۇقتىن بەك قورقىدىكەن. ئادەم بەدىنىدە بىر خىل ئاسان ئۆڭىدىغان قارا ھورمون بولۇپ، ئۇ بەدەننىڭ سىمپاتىك نېرۋىلىرىنىڭ جانلىنىشىنى كونترول قىلىپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، يۈرەكنى رىتىملىق سوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، كېسەلدىن ساقلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن. ئۇ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى كونترول قىلىش بىلەن بىللە، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدىكەن. ئادەتتە، بۇنداق ھورمون كېچىلەردە ياكى پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇقتىلا ئاجرىلىپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭ ئاجرىتىلىشى كەچ سائەت 11دىن سەھەر سائەت ئىككىدە ئەڭ كۈچلۈك بولىدىكەن. ناۋادا دائىم ئۇزاق مۇددەت كېچىدە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزغاندا ئادەمنىڭ كۆزى يورۇقلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆڭدۈرگۈچى قارا ھورموننىڭ ئۆسۈشىنى كونترول قىلىپ قويىدىكەن. شۇڭا خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ۋاقتى قالايمىقان بولۇپ كەتسە، ئۆڭدۈرگۈچى قارا ھورموننىڭ چىقىرىلىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېچىدە دائىم ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزىدىغانلارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %60كە يېتىدىكەن. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقات خادىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دائىم كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلىمەيدىغانلارنىڭكىدىن %50 يۇقىرى ئىكەن.

    بۇنىڭدىن باشقا تەبىئىي يورۇقلۇقتىن باشقا ئۆڭدۈرگۈچى قارا ھورمون چىراغنىڭ نۇرىدىن قورقىدىكەن، شۇڭا ئۇزاق مۇددەت چىراغ نۇرى بىلەن ئۇچرىشىشمۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەن.

    كېچىلىك ئىسمېنىدىن چۈشكەندىن كېيىن قاراڭغۇ ئۆيدە ئۇخلاش كېرەك. راك كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس سىتىۋېنىس كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغانلاردىن باشقا يەنە ئۇزۇن سەپەردە بولغانلار، ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان ئادەملەرمۇ ئوخشاشلا سۈت بېزى راكىنىڭ يۇقىرى قوزغىلىش خەۋپىگە ئۇچرايدىكەن. ئۇنداق بولسا بۇنىڭدىن كېيىن بەزى ئايال خىزمەتچىلەر كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالارمۇ؟ سىتىۋېنىس بۇ ھەقتە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ كېچىلىك ئىسمېنىدىن ئىشتىن چۈشكەن كىشىلەر قاراڭغۇ ئۆيدە ئۇخلىشى كېرەك، دېگەن.

    بۇنىڭدىن باشقا ئالىملار يەنە كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغان ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. ئۇلار ئۆڭدۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىتىلىشىغا ئەڭ ئاز تەسىر قىلىدىغان قىزىل رەڭلىك لامپۇچكا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا بەزى شىركەتلەر ئۆڭدۈرگۈچى قارا ھورموننىڭ ئاجرىتىلىشىغا تەسىر قىلمايدىغان چىراغ ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

ـــ ماتېرىيالدىن

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز