چىش ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ قاتتىق ئەزا شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا. چىش ئادەتتە ئاق رەڭدە، ساغلام بولسا پارقىراق ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ.
چىشنىڭ تۈرلىرى ۋە تىزىلىش تەرتىپى:
چىشنىڭ تىزىلىش شەكلى ئادەتتە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى پەرىقلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ چىشىنىڭ تىزىلىش شەكلى ئادەتتە مۇنداق تەرتىپتە بولىدۇ : (ئۈستى) ئۇدۇل چىش سانى، قوزۇق چىش سانى، ئالدى ئېزىق چىش سانى، (ئاستى) ئۇدۇل چىش سانى، قوزۇق چىش سانى، ئالدى ئېزىق چىش، ئېزىق چىش. مەسىلەن : ئادەملەرنىڭ چىشى 3,2,1,2/3,2,1,2 شەكلىدە بولسا، بۇ ئۈستى تاڭلاينىڭ بىر تەرىپىدە غاجىغۇچى چۈشتىن ئىككىسى، قوزۇق چىشتىن بىرى، ئالدى ئېزىق چىشتن ئىككىسى، ئالدى ئېزىق چىشتىن ئۈچى بولىدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ. ئاستىنىقى تاڭلاينىڭ بىر تەرىپىدىكى چىش شەكلىمۇ ئوخشاش بولىدۇ.
پىراماتلار تۈرىدىكى باشقا ھايۋانلارغا سېلىشتۇرغاندا ئادەملەرنىڭ قوزۇق چىشى كۆرۈنەرلىك ھالدا چېكىنگەن بولۇپ، باشقا ھايۋانلارنىڭكىدەك ئۇزۇن ھەم ئۆتكۈر بولمايدۇ. ئەمما يەنىلا چىشلار ئارىسىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم چىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قوزۇق چىشنىڭ يىلتىزى باشقا چىشلارغا قارىغاندا ئۇزۇن ھەم توم بولىدۇ. ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرىغىچە سوزۇلغان بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئۈستىنكى ۋە ئاستىنقى ئېڭىكىنىڭ كىچىكلىشى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەردە ئەقىل چىشى يەنى ئەڭ كەينىدىكى ئېزىق چىش ئۆسۈپ چىقماي ئۆمرىدە پەقەت 28 تاللا چىش چىقىدۇ.
چىشنىڭ يېتىلىشى :
سۆڭەك بىلەن چىشنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مەلۇم مۇناسىۋەت بار، ئەمما تۆرەلمە مەنبەسىدە پەرق بولغاچقا چىش بىلەن سۆڭەكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىمۇ پەرق بولىدۇ. ئادەم تۇغۇلغاندا سۈت چىشى ئاللىقاچان سۆڭەكلىشىپ بولغان بولىدۇ. سۈت چىشى قېپى ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ھالەتتە تۇرىدۇ، ئۇنى چىش مىلىكى يېپىپ تۇرىدۇ. ئۆمۈرلۈك چىشنىڭ سۆڭەكلىشىشى يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. 18 ئايلىقتىن 24 ئايلىق بولغۇچە، ئۈچىنچى ئۆمۈرلۈك ئېزىق چىشى سۆڭەكلىشىپ بولغان بولىدۇ. ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن ئۆمىرىدە سۈت چىش (20 تال)، ئۆمۈرلۈك چىش (28/30) تىن ئىبارەت ئىككى قېتىملىق چىش چىقىش دەۋرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. تۇغۇلۇپ 4 ئايلىقتىن 10 ئايلىققىچە سۈت چىش چىقىشقا باشلايدۇ. 12 ئايغىچە سۈت چىش چىقىپ بولمىغان كېچىكىپ چىققان ھېسابلىنىدۇ. سۈت چىشى ئادەتتە ئاۋۋال ئاستىنقى ئېڭەككە، ئاندىن كېيىن ئۈستىنكى ئېڭەككە، ئاۋۋال ئالدىغا، ئاندىن كەينىگە چىقىدۇ. 2.5 ياش ۋاقتىدا سۈت چىش چىقىپ بولىدۇ. سۈت چىش چىقىش ۋاقتى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. ئىرسىيەت ئامىلى، ئىچكى ئاجىرالما، يېمەكلىك قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
3 ياش ئەتراپىدا تۇنجى ئۆمۈرلۈك ئېزىق چىش ئىككىنچى سۈت ئېزىق چىشنىڭ كەينىگە چىقىدۇ. 6 ياشتىن 12 ياشقىچە ئۆمۈرلۈك چىلار بىر بىرلەپ سۈت چىشلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ئارىسىدا بىرىنچى، ئىككىنچى ئالدى ئېزىق چىش، بىرىنچى، ئىككىنچى سۈت ئېزىق چىشلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. 12 ياشتا ئىككىنچى ئۆمۈرلۈك ئېزىق چىش چىقىدۇ. 18 ياشتىن كېيىن ئۈچۈنچى ئېزىق چىش (ئەقىل چىشى) چىقىشقا باشلايدۇ. يەنە بەزىلەرگە بولسا ئۈچىنچى ئېزىق چىشى بىر ئۆمۈر چىقمايدۇ.
چىشنىڭ ئىقتىدارى ۋە قۇرۇلمىسى:
چىش قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، ئۇدۇل چىش، قوزۇق چىش ۋە ئېزىق چىش دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئۇدۇل چىش يېمەكلىكلەرنى ئۈزىدۇ، بىر جۈپ قوزۇق چىش يېمەكلىكلەرنى پارچىلايدۇ. ئېزىق چىش بولسا پارچىلانغان يېمەكلىكلەرنى ئېزىدۇ. قۇرۇلمىسىغا قاراپ چىش تاجىسى، چىش بوينى ۋە چىش يىلتىزى دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئىچكى ۋە سىرتقى قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن يەنە چىش ئېمال ماددىسى، چىش ماددىسى، چىش مىلىكى، چىش سۆڭەك ماددىسى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.
چىش ساغلاملىقىنى ئاسراش:
چىشنىڭ يېمەكلىكلەرنى چايناش، تاۋۇش چىقىرىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە چىراي گۈزەللىكىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ. چىش ۋە چىش ئوقۇر سۆڭىكىنىڭ تىرەپ تۇرۇشى، چىش ئەگمىسى شەكلى ۋە جىپسىلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ نورمال بولۇشى سەۋەبىدىن، ئادەمنىڭ قوۋزى ۋە يۈز قىسمى تولغان كۆرۈنىدۇ، ئادەملەر سۆزلىگەن ۋە كۈلگەن ۋاقتىدا رەتلىك چىشلار ئادەمنى تېخىمۇ گۈزەل ۋە ساغلام قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
چىشىم ساغلام ۋە گۈزەل، پارقىراق بولسۇن دېسىڭىز چوقۇم چىش ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك. چىشنىڭ ساغلام ئۆسۈشى كالتىسىي، ئاقسىل، فوسفور، فىتور، ۋىتامىن ئا، ۋىتامىن س، ۋىتامىن د قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە قالقانسىمان بەز ھورمۇنى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چىشنىڭ ئۆسۈشى نورمالسىز بولسا، سىرتقى تۆرەلمە قەۋىتىنىڭ ئۆسۈشى نورمال بولماسلىق، كالتىسىي، فىتور كەملىك، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
يېمەكلىكى چايناش چىشنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بولۇپمۇ بالىلىق ۋە بوۋاق مەزگىلىدىكى يېمەكلىكنىڭ تاللىنىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئاتا ئانىلار بالىلارغا چايناشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پالەك، كەرەپشە، كاللەك بەسەي، كۈدە، دېڭىز يوسۇنى قاتارلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك بېرىشى كېرەك. بۇلار ئاستىنقى ئېڭەكنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە چىشنىڭ رەتلىك چىقىشىغا پايدىلىق. كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە %90 سۇ ۋە باشقا تالالىق ماددىلار بولغاچقا، دائىم كۆكتات ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، چىش كاۋاكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كۆكتاتلارنى چاينىغاندا كۆكتاتلاردىكى ئېغىزىدىكى شېكەر ماددىلىرىنى پارچىلاپ، باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدۇ. كۆكتاتلاردىكى تالالار، چىشنى پاكىزلاش رولىنى ئوينايدۇ.
«پەننى ئومۇملاشتۇرۇش داۋاملاشماقتا» (خەنزۇچە) ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.