تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەلداۋا-ساداقەت ئەيدىز بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى باشلاندى

ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لىدىرى ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل ئەپەندىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 28-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلداۋا شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ساداقەت بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەلداۋا-ساداقەت ئەيدىز بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى» تۈنۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8 دە رەسمىي باشلانغان.

بۇ پائالىيەتنى شىنجاڭ ساداقەت بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئالاھىدە قوللىغاندىن باشقا، يەنە ئوتتۇز ئوغۇل شىركىتى، بايرام تور سودا شەھەرچىسى، ئوكيان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، تادۇ بىئوپەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، قابىس خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، لەيلىفەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، ئەزكا شىركىتى، خوتەن ئەرشى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى قاتارلىق 9 كارخانا-ئورۇن يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بولۇپ، تەسىس قىلىنغان ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 35 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن، بۇندىن باشقا يەنە 500 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بايرام پۇلىنى تارقىتىش مۆلچەر قىلىنىپتۇ.مەزكۇر پائالىيەت ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە ئۇدا 3 كۈن داۋام قىلىدىكەن. تورداشلار  ئۈندىدار ئىزدەش نومۇرى eldawa نى قوشۇش ئارقىلىق ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودىنى ئۈندىدارىغا ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئەلداۋا  سالونىغا مۇشتەرى بولسا بولىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز