ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
شياڭگاڭدىكى بىر دوختۇرخانا خادىملىرى 30 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان 273 ئەرنى سىرتتا تاماقلىنىش ئادىتى ۋە ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىش يىغىندا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالى بويىچە تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق %18 كىشىنىڭ ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى، ئۇلاردا سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قان تەركىبىدە قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بارلىقىنى، دائىم سىرتتا تاماقلىنىدىغان %32 ئەرنىڭ ماددا ئالمىشىشى قالايمىقانلىشىش يىغىندى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ سىرتتا ئاز تاماقلىنىدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.