تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تەشەببۇسكار بولۇشمۇ ئاياللارنىڭ جىنسىي ھوقۇقى

 

تەشەببۇسكار بولۇشمۇ ئاياللارنىڭ جىنسىي ھوقۇقى

 

دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بىر ئەر بولۇپ، خوتۇنى جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا خوتۇنىنى «ئۇياتسىز» دەپ تىللىغان ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسسىزلا خوتۇنىنى تويدىن بۇرۇنلا ئىپپەتسىز بولۇپ، تويدىن كېيىنمۇ سەمىمىي-ساداقەتلىك بولمىغان دەپ گۇمانلانغان. بۇ ئايال دوختۇرخانىمىزغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغانلىقىنى يىغلاپ تۇرۇپ دوختۇرغا ئېيىتقان.

 بۇ مىسال گەرچە ئالاھىدىرەك بولسىمۇ، مۇشۇنداق قاراشتىكى ئەر يەنىلا خېلى كۆپ. بۇلار ئاياللارنىڭ جىنسىي ھوقۇقىنىڭ نېمىنى تاللاش، نېمىنى تاللىماسلىقنى مۇستەقىل قارار قىلىش ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى زادىلا چۈشەنمىگەن. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسلىرى بۇ ئەھۋالغا قارىتا مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: ئاياللارنىڭ جىنسىي ھوقۇقى ئاياللارنىڭ ئۆزىنى قوغداپ، ئۆز ئارزۇسىغا خىلاپ جىنسىي ئالاقىنى رەت قىلىشنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، ئاياللارنىڭ تەشەببۇسكار بولۇپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە جىنسىي ئالاقە تەلىپىنى ئاۋۋال قويۇشنىمۇ ئوخشاشلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاياللار تۇغۇلۇشىدىنلا جىنسىي جەھەتتە پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولىدۇ، ھەتتا سوغۇق پوزىتسىيە تۇتىدۇ، خۇشلىمايدۇ؛ ھەر قانچە بولغاندىمۇ بىر ئەر كىشىنى تەشەببۇسكار ھالدا ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئەمەلىي تۇرمۇشتا ھېچقانداق تەشەببۇسكار بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتە، ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىپى ئەرلەرنىڭكىدىن تۆۋەن ياكى ئاز بولمايدۇ. پسىخىك جەھەتتە، ئۇلار بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا ئۇرغۇپ چىققان قايناق ھېسسىيات ياخشى كۆرۈلگەندىكى تەسەللىيدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ھەرىكەت جەھەتتە، ئاياللارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ماس بولۇشى ۋە نىكاھ ئىشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىدا جارى قىلدۇرغان تۈرتكىلىك رولى ئاياللارنىڭ پاسسىپلىقىنىڭكىدىن كۆپ چوڭ بولىدۇ.

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسى شۇنى سەمىڭىزگە سالىدۇكى: كىشىلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتا ماسلىشالماسلىقىدىكى بارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا بىز تولۇق ياردەم بېرەلەيمىز، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى چېنىقتۇرۇپ داۋالاش بولۇپ، ئاساسلىقى ئاياللار تەشەببۇسكارلىققا يېتەكلىنىدۇ ۋە شۇنىڭغا تايىنىلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ



تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز