تېببىي ئىلىم ساھەسىدە بىر خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا بار. ئۇ مەلۇم ئالاھىدە ماددىنى ئۆلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان دورىنى ئالدىن بەلگىلەنگەن نىشانغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇنداق ئالاھىدە ئىقتىدارنى ئىجرا قىلىدىغان ئۈسكۈنە بولسا تېببىي ئىلىم ساھەسىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ‹‹بىئولوگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا››دىن ئىبارەت.
ھەممىمىزگە مەلۇم، راك كېسىلىنى داۋالاشتا ھازىر قوللىنىلىۋاتقىنى خىمىيەلىك داۋالاش ۋە رادىيوئاكتىپلىق داۋالاشتۇر، بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلدا داۋالاش گەرچە راك ھۈجەيرىلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆلتۈرەلىسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان نورمال توقۇلمىلاردىكى ھۈجەيرىلەرنىمۇ داۋالاش جەريانىدا ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىمىيەلىك داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن دورىلار قان ئايلىنىشقا ئەگىشىپ راك توقۇلمىلىرىغا يېتىپ بارغۇچە، دورىنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ، ئۈنۈملۈك تەسىر پەيدا قىلىش قويۇقلۇقىغا ئىگە بولالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر قانداق قىلغاندا نورمال توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماي، دورىلارنىڭ قويۇقلۇقىنى ئۆزگەرتمەي، مەخسۇس راك ھۈجەيرىلىرىنى بىۋاسىتە ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.
نۆۋەتتە ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئورگانىزمدىكى توقۇلمىلاردىن ئايرىپ ئېلىپ، چاشقان تېنىگە كۆچۈرگەن. ئاندىن كۆپ قېتىم كۆپەيتىش ئارقىلىق، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى بىئولوگىيەلىك ئاكتىپچانلىقىنى يوقاتقان ھەمدە ئۇلارنى راكقا قارشى دورىلار بىلەن قايتىدىن بىرىكتۈرۈپ، ئادەم تېنىگە ئۇرغاندا مۆجىزە يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىغان. بۇنداق راكقا قارشى دورىلار بىلەن بىرىككەن راك ھۈجەيرىلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك يۆنىلىشنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئادەم تېنىگە كىرگەندىن كېيىن، تېزلىكتە بەدەندىكى راكقا قارشى دورىلار بىلەن بىرىكىپ، ئەسلىدىكى راك ھۈجەيرىلىرى ئۆسكەن ئورۇنغا بارغان. بۇ ۋاقىتتا راكقا قارشى دورىلار قويۇپ بېرىلىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلىگەن. ئەڭ دەسلەپتە ئايرىپ ئېلىنغان راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەھىرى ئازىيىپ قايتا كۆچۈرگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان قانداشلىقنى تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇنى كۆڭۈلدىكىدەك بىئولوگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا دېيىشكە بولىدۇ.
تېببىي ئىلىم ساھەسىدىكىلەر مەخسۇس ئاشقازان بېزى راكىنى داۋالايدىغان بىئولوگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ياساپ چىقتى، ھەمدە كىلىنىكىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئەمما بۇ تېخنىكا يەنىلا ئاشقازان بېزى راكىنى داۋالاش سەۋىيەسىدە تۇرماقتا. چۈنكى بەز راكى ھۈجەيرىلىرىنى باشقا راك ھۈجەيرىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىپ ئېلىش، يېتىشتۈرۈش ۋە توشۇغۇچى تەنچە بىلەن بىرىكتۈرۈش نىسبەتەن ئوڭاي بولۇپ، باشقا راك ھۈجەيرىلىرىنى داۋالايدىغان بىئولوگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش تەتقىقاتىدا قىيىنچىلىق يەنىلا كۆپ بولماقتا.
نۆۋەتتە بىيولوگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىئو –خىمىيە ۋە تېببىي ئىلىم ساھەسىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، ھەرقايسى ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. كەلگۈسىدە بىئولوگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ھەرقانداق راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرەلەيدىغان بىئولوگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-11/30/content_475831.htm