تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
روزىمۇھەممەد ياقۇپ: مۇئەللىم، روھىڭىز پۇچەكلەشمىسۇن


مۇئەللىم، روھىڭىز پۇچەكلەشمىسۇن


روزىمۇھەممەد ياقۇپ

( لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)



كۆۋرۈكىدىن بارچىنى ئۆتكۈزگىنى مائارىپ، 

نادانلىقنى دىللاردىن كەتكۈزگىنى مائارىپ، 

كامالەتكە ئىنساننى يەتكۈزگىنى مائارىپ، 

بۇ ئالەمنى بەختىيار ئەتكۈزگىنى مائارىپ،

ھەممە ئىشنىڭ ئاساسى، ھۇل تېشىدۇر مائارىپ، 

بىزگە دانا يول باشچى، ئىش بېشىدۇر مائارىپ.

 

يېقىلغاننى ئورنىدىن قوپارغىنى مائارىپ، 

ئادەملەرنى سامادا ئۇچارغىنى مائارىپ.

شان-زەپەرنى چېلىشتا قۇچارغىنى مائارىپ، 

كېلەچەكنىڭ قوينىغا ئاپارغىنى مائارىپ، 

ھەممە ئىشنىڭ ئاساسى، ھۇل تېشىدۇر مائارىپ، 

بىزگە دانا يول باشچى، ئىش بېشىدۇر مائارىپ.

 

مائارىپسز ھېچكىمنىڭ ئەقىل كۆزى ئېچىلماس،

مائارىپسىز قەلبكە نۇر- ھارارەت چېچىلماس، 

مائارىپسىز ھاياتنىڭ ئىقبال يولى تېپىلماس، 

مائارىپسىز دەرمانغا مىڭلاپ قۇۋۋەت قېتىلماس، 

ھەممە ئىشنىڭ ئاساسى، ھۇل تېشىدۇر مائارىپ، 

بىزگە دانا يول باشچى، ئىش بېشىدۇر مائارىپ.

دېمەك، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل كۆزى پەقەت مائارىپ ئارقىلىق ئېچىلىدۇ. مائارىپسىز قالغانلارنىڭ قەلىپ بۇلاقلىرى نادانلىقنىڭ لاي-لاتقىسى  بىلەن  تىنىپ كېتىدۇ. مائارىپ  كېلەچەك مەنزىلىنىڭ كومپاسى. ئىنسانلار مائارىپ  ئارقىلىق چىقىش يولى ۋە ئىستىقبال تاپالايدۇ. مائارىپسىز قالغانلار ئازغۇنلۇق دەشتىدە مەنزىلسىز تېنەشكە مەجبۇر. مائارىپ يېڭىلىقنىڭ ئانىسى ۋە ئىجادچىسى. مائارىپ كەشپىيات، ئىجادىيەتلەرنىڭ روياپقا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يوق مىللەت مەڭگۈ ئاۋۋال تاپمايدۇ. مائارىپ تەرەققىيات بىناسىنىڭ ھۇل تېشى. بۇ ھۇل تاش قانچىكى پۇختا بولسا، جەمئىيەت بىناسىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ. مائارىپ ھۇلىغا ئىگە بولمىغانلار دۆڭدىكى قامغاقتەك يىلتىزسىز بولىدۇ. بۇلار ھەقىقەت، بۇلار ئەمەلىيەت!

بىز شۇنچە زور شان-شەرەپ، مۆجىزىلەرنىڭ مائارىپ ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز مائارىپنى مۇنداق مەناغا ۋە  قۇدرەتكە ئىگە قىلغان ئىچكى  ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ كىم، نېمىلىكىنى بىلىمىز. ئۇ بولسىمۇ  مائارىپ فرونتىدىكى كۆزگە كۆرۈنمەس قەھرىمان- ئوقۇتقۇچىدۇر.

ئوقۇتقۇچى ھەقىقىي مەنىسى  بىلەن  ئېيتقاندا پىداكارلىقنىڭ ئۈلگىسى. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «ئۆزى كۆيۈش بەدىلىگە يورۇقلۇق ئاتا قىلغۇچى شام» دەپ تەرىپلەپ كەلدى. ئوقۇتقۇچى ئادىمىي پەزىلەت ۋە ئۇلۇغلۇقنىڭ نەمۇنىسى. شۇڭا، ئۇ«ئون قەدەم يىراقتىن سالام بېرىشكە ئەرزىيدىغان كىشىلەر» دەپ تەرىپلەندى. ئوقۇتقۇچى ئىجادچانكارلىقنىڭ باشلامچىسى. شۇڭا، ئۇ «ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى» دېيىلدى. ئوقۇتقۇچى ئەۋلادلارنىڭ پەرۋىشكارى ۋە ھامىيىسى. شۇڭا، ئۇ «باغۋەن»گە ئوخشىتىلدى.

ئالىم ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئوقۇتقۇچىلارنى مۇنداق يارقىن تەسۋىرلەر  بىلەن  سۈپەتلىدى:  «ئوقۇتقۇچى ـــ ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل. ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمىنىنى يورۇتقۇچى قۇياش،  مىللەتنىڭ باغۋىنى، دۆلەتنىڭ مۇرەاببى. ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئىنژېنېرى. ئوقۇتقۇچى ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم- پەن دۇنياسىدىكى تۇنجى ھامىيسى. ئۇ بىلىم خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئىشىكىنى ئاچقۇچى. ئەقىل دۇردانىلىرىنى چاچقۇچى. ھېكمەت قامۇسىنىڭ مەنىلىرىنى يەشكۈچى،  ھەقىقەت مەرۋايېتىلىرىنى تەشكۈچى زەكى ئۇستاز-پىداركار جەڭچى. مېھرىبان ساپ قەلب ئىگىسى... ئىنساننى شەكىللەندۈرگۈچى يەنە بىر ئۇلۇغ سىيما. ئۇ ئىستەك ئويغاتقۇچى، تەپەككۇرگە يېتەكلىگۈچ. ئەقىل ئىزلىگۈچى ۋە كامالەت يولىغا باشلىغۇچى...»

دېمەك، تارىختىن بىرى، مەيلى ئېلىمىزدە ياكى چەتئەللەردە بولسۇن ئوقۇتقۇچىلار «مەشئەل»، «قۇياش»، «باغۋەن»، «ئىنژېنېر»، «ئاچقۇچ»، «بۇلاق»... دېگەندەك تۈرلۈك ھۆرمەتلىك ناملار بىلەن  سۈپەتلەندى. بۇناملارغا ئوقۇتقۇچىلارغا  بولغان ھۆرمەت، باھا، ئىشەنچ ۋە ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن  بولۇپ، بۇلار تۇراقلىق ئىبارە شەكلىدە خەلق  قەلبىدە يادنامىگە ئايلاندى. شۇڭا، «مۇئەللىم» نامى تىلغا ئېلىنمىغان ئەھۋالدا، شۇ خىل ناملارغا قاراپلا كىشىلەر كىمنى دېمەكچى  بولغانلىقىنى دەررۇ ھېس قىلالايدۇ ۋە بىلەلەيدۇ.

بىز تۆھپىكارلارقامۇسلىرىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش ۋە ئۆزگەرتىش رولىنى ئوينىغان كەشپىياتلار، ئىنقىلاپلار، ئىسلاھاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بولمىش ئالىملار، داھىيلار، قەھرىمانلارنىڭ كۆپلۈكىنى بىلىمىز. ئۇلار تارىخ بەتلىرىدە مەڭگۈلۈك نام قالدۇرسىمۇ، ئەمما، ھېچقايسىسى مۇنداق  يۇقىرى باھا ۋە سۈپەتلەردە تىلغا ئېلىنغىنى يوق. بۇ مەنىدىن ئالغاندا ئوقۇتقۇچىلار تۆھپە، ھۆرمەت، شان- شەرەپ مۇنبېرىدىكى يېگانە ئوبراز، تەڭدىشى يوق  ئىنساندۇر.

دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويولغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىدا تېخىمۇ چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلگەن ناملاردىمۇ يېڭى قاراشلار مەيدانغا چىقتى. مەيلى قانداق زامان، قانداق ماكان، قانداقلا باھالاردا بولمىسۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نامى ئالتۇن كۇرسىدىن چۈشكىنى يوق.

 مەن ئوقۇتقۇچىلارنى قۇياشقا ئوخشىتىمەن. چۈنكى، قۇياش ئۇلۇغلۇق، بۈيۈكلۈك، ئادىللىق، سېخىيلىق ۋە مەڭگۈلۈكنىڭ سىموۋولى. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىپايان دۇنياغا يورۇغلۇق ئاتا قىلغانلىقى، زېمىستان قوينىغا ھارارەت بەخىش ئەتكەنلىكىدە. ئۇنىڭ ئادىللىق ۋە سېخىيلىقى پۈتۈن جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتقا نۇر-ھارارىتىنى تەكشى بېرەلىگەنلىكىدە. ئۇنىڭ مەڭگۈلۈكلۈكى خىسلەتلىرىنىڭ بىر دەقىقە توختاپ قالمايدىغانلىقىدا.

مەن ئوقۇتقۇچىلارنى قۇياشقا ئوخشىتىمەن. چۈنكى، ئوبيېكتىپ دۇنيا ماددىيلىق  بىلەن   مەنىۋىلىكنىڭ بىرلىكى. چەكسىز كەتكەن ماددىي دۇنيا  پەقەت قۇياش ئارقىلىق يورۇيدۇ. ئەمما،  ئۇ ئىنسان قەلبىدىن ئىبارەت مەنىۋى دۇنيانى يورۇتۇشقا قادىر ئەمەس. كىشىلەرنىڭ  مەنىۋى دۇنيارىنى يورۇتالايدىغان قۇياش پەقەت  ئىلىم- مەرىپەتتۇر. ئىلىم- مەرىپەت مەشئەلنى كۆتۈرگۈچى ۋە ئۇنى ياققۇچى ئىنسان يەنىلا ئوقۇتقۇچىدۇر. ئۇنىڭ ئىلىم مەشئىلى  بىلەن  قەلبلەرنى يورۇتالىشى دەل ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى، كېلەچەكنىڭ ئىگىسى  بولغان بالىلارغا مېھرى-مۇھەببىتىنى خالىس ھالدا بېرەلىشى، ئۇلارغا  باراۋەر مۇئامىلە قىلالىشى ئۇنىڭ ئادىللىقى ۋە سېخيلىقى. ئۇنىڭ ئەجىر- مېھنىتىنىڭ ئىنسانىيەت  بىلەن  تەڭ مەۋجۇد  بولۇپ، ئۈزۈلمەي داۋام قىلىشى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈكلىكىدۇر.

قۇياش ئەسلىدىنلا داغسىزدۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ باغرى ھارارەتكە تولغان. بۇ ھارارەت ئۇنى ئەبەدىي چاقناپ تۇرىدىغان پاكلىققا ئىگە قىلغان. شۇڭا،  ھېچقانداق نەرسنىڭ ئۇنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر داغ بار دېيىلسە،  بۇ داغ لاۋۇلداپ تۇرغان ئاتەشنىڭ دېغى، كۆيۈشنىڭ دېغى! ئاسمان- زىمىندىكى پۈتكۈل جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتلارنىڭ مەۋجۇدلىقى  ئۈچۈن قۇربان بېرىشنىڭ دېغى. بۇنداق داغ ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ شەرەپلىكتۇر.

قەلبى ئىنسانىيەت ئۈچۈن، ئەۋلادلارنىڭ كېلچىكى ۋە بەختى ئۈچۈن ئوچاققا ئايلايغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەنە شۇ قۇياشتەك داغسىزدۇر.

بىز ئوقۇتقۇچىلارغا قانداق باھا بەرمەيلى،  ئۇلارنى قانداق ئۇلۇغ نام، دەبدەبىلىك ئىبارىلەر  بىلەن  مەدھىيلىمەيلى، ئوقۇتقۇچىنىڭ تۆھپسىىگە بەرگەن باھايىمىز خۇددى يازغۇچى،  شائىرلار ئېيتقىنىدەك:  «ئالتۇنغا تۆمۈردىن ھەل  بەرگەندەك» ئۆز قىيامىغا يەتمىگەندەكلا ھېس قىلىمىز.

دېمەك، ئوقۇتقۇچىلارنى مۇنداق يۈكسەك مەرتىۋىگە ئىگە قىلغىنى يەنىلا مائارىپ كەسپىنىڭ مۇھىملىقى. چۈنكى، مائارىپىنىڭ مەنزىلى مىللەت، دۆلەتنىڭ بۈگۈنى ۋە كېلەچىكىگە چەمبەرچەس باغلانغان. شۇڭا، «دۆلەت، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى- مائارىپتا، مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى-ئوقۇتقۇچىلاردا» دېگەن يەكۈن ئوتتۇرىغا چىققان. دېمەك، دۆلەت، مىللەت ئۆز تەقدىرىنى  ئىككىلەنمەي ئوقۇتقۇچىلارغا تاپشۇرغان. مۇنداق زور ۋە مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە ئالالايدىغان  ئىنسان يەنىلا ئوقۇتقۇچىدۇر.

ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان پېداگوكى سۈن زى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنىدى:  «دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇشتا ئۇستازنى قەدىرلەپ، تەلىمىگە ھۆرمەت قىلىش زۆرۈردۇر. ئۇستازنى قەدىرلەپ، تەلىمىنى  ھۆرمەتلەش قانۇن- قايىدىلەردە مەۋجۇدتۇر. دۆلەتنىڭ زەئىپلىشىشى ئۇستازنى كۆزگە ئىلماي، تەلىمىنى كەمسىتىش  بىلەن دۇر. ئۇستازنى كۆزگە ئىلماي، تەلىمىنى كەمسىتىش، كىشىلەرنى ئەدەبسىزلەندۈرىدۇ. كىشىلەر ئەدەبسىزلەشسە قانۇن- قائىدە بۇزۇلىدۇ«.

يۇقىرىقىدەك باھالاردىن  مائارىپنىڭ ئىگىسى  بولغان ھەر بىر مائارىپچى سۆيۈنمەي،  پەخىرلەنمەي، زىممىسىگە يۈكلەنگەن  ۋەزىپىلەردىن  ئىنتايىن چوڭ مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلماي قالمايدۇ.

دەرۋەقە، ئوقۇتقۇچىلىق ئۇلۇغ كەسىپ. بۇنىڭدا ھېچقانداق شۈبھى يوق. لېكىن، بەزىدە تومان كۈن نۇرىنى توسقاندەك،  ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭۈل ئاتموسفېراسىدا پەيدا  بولغان ئىللەت تۇمانلىرى ئۇنىڭ نۇرانە ئوبرازىغا داغ پەيدا قىلىدۇ. بۇ داغنى ئەلۋەتتە  قۇياشنىڭ كۆيۈشىدىن پەيدا  بولغان داغقا تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.

مەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇياشتەك پارلاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار نامىغا داغ چۈشمەسلىكىنى تىلەيمەن.

 ئەمما، ئوقۇتقۇچىلىق قالپىقىنى كىيگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلۇغمۇ؟ ھەممىسى بۇنداق شەرەپكە مۇناسىپمۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويساق ۋە ئۇنىڭغا لايىق جاۋاب ئىزدىسەك، ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ  ماختاشلارغا نائىل  بولۇۋەرمەيدىغانلىقىنى،  كونكرېت ئەھۋالغا قارىتا كونكرېت مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمىز.

ئۇنداقتا، قانداق كىشىلەر ئوقۇتقۇچىلىق شان- شەرىپىگە نائىل  بولۇشى كېرەك؟ مېنىڭچە،  ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىكى ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۆزىنى كامال تاپقۇزۇپ، ئۆزىدىكى  بىر چېلەك سۇنى ئوخچۇپ تۇرغان بۇلاققا ئايلاندۇرالىغان، ھەم ئۇلارنى باشقىلارنىڭ تەشنالىقى ئۈچۈن تولىقى  بىلەن  بېرەلىگەنلەر، بارلىقى  بىلەن  كېلەچەك ئىگىلىرىنى يۆلەپ تۇرغۇزالىغانلار شۇ خىل مەدھىيە، ماختاشلارغا ھەقلىقتۇر.

ئەمما، شەرەپلىك نامنى قالغان قىلىپ، مائارىپنى پاناھلىنىش، جان بېقىشنىڭ دەسمايىسى ھېسابلىغان، ئەۋلادلارنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە ئۆزىنىڭ شەخسىي ھالاۋىتى ۋە  سەلتەنىتىنى تىكلەشكە ئورۇنغانلار ئالقىش، ھۆرمەتكە لايىق ئەمەس.

يىللاردىن بېرى ئەل- ۋەتەننىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش يولىدا نام- مەنپەئەت قوغلاشماي، شەخسىيەتسىز ۋە تاماسىز ھالدا جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، مىللەت مائارىپى ئۈچۈن ئىسسىق يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىپ، ئۇلۇغۋار روھىنى نامايەن قىلغان  ئۇستازلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسىچە شەرەپلىك تون ئىچىدە چىرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە نۇقسان يەتكۈزۈپ، ئۆز سالايىھەتىنى يوقاتقان، «ئاسماندىكى ئاي ئىدۇق، يەرگە چۈشۈپ لاي بولدۇق» دېگەندەك، مەنىۋى بۇلغىنىشنىڭ «لاي-پاتقاق»لىرىغا پېتىپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىلار مۇ يوق ئەمەس. كىشىلەر ئارىسىدا:  «ئون قەدەم يىراقتىن قېچىشقا تېگىشلىك كىشلەر»،  «ئۆزىنىڭ شەكلىنى سىزالمايدىغان ئېنژېنېر»،  «ئوت ياقمىسا، ئۆزى يورۇمايدىغان شام» دېگەندەك مەسخىرىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشى بۇنىڭ ئىنكاسى. بىز تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار روھىغا دىياگېنوز قويغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ قەلب دۇنياسىنىڭ كېسەللىك  ۋىروسلىرى  بىلەن  يۇقۇملانغانلىقىنى ھېس قىلمىقىمىز تەس ئەمەس. ئۇنىڭ كېلىنكىلىك ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە:

1. بىلىمى كونىراپ كېتىش، ئۇنى يېڭىلىماسلىق

بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولماقتا. ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىدىن قارىغاندا  پەننىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى ھازىر بەش-ئون يىلدا بىردەۋرلىنىپ، كىشىلەرنىڭ بىلگەنلىرى  15 يىلدا كونا بىلىمگە ئايلىنىدىكەن. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمى جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن سەككىز يىلدا كونا بىلىمگە ئايلىنىدىكەن. يېزا ئىگىلىك شارائىتىدا مەكتەپ تەربىيەسى ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىم بىر ئۆمۈر قوللىنىلسا، سانائەت ئىگىلىكى شارائىتىدا 10 ـــ 15 يىل يېتىدىكەن. بىلىم ئىگىلىكى شارائىتىدا بەش يىلدىن يەتتە يىلغىچە يېتىدىكەن. ھازىرقى ئوپتىك ئالاقىسى شارائىتىدا بىلىم توققۇز ئايدىن 12 ئايغىچە  بىر ھەسسە كۆپىيىپ بارىدىكەن. كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارى ھەر 18 ئايدا بىرھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇچۇر مىقدارى  10ھالىتىدە ناھايىتى تېز ئۆرلەپ بارىدىكەن.

بۇنداق تېز سۈرئەتتىكى تەرەققىيات كىشىلەرنىڭ بىلگەنلىرىنى كېرەكسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى يېڭىلاپ تۇرۇشىغا كۈچلۈك تەلەپ قويدى. شۇڭا، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلدى. دۆلىتىمىزمۇ بەش يىلنى بىر دەۋر قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنى ئۈزلۈكسىز مائارىپ بويىچە تەربىيەلەشنى يولغا قويدى. لېكىن :  «يول يىراق، ئېتىم ئۇرۇق» دېگەندەك، كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىم  بىلەنلا توختاپ قالغان. ئۇنى يېڭىلىمىغان. تولۇقلىمىغان. شۇڭا، ئۇلارنىڭ بىلىمى دەۋرنىڭ، مائارىپنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىنىڭ ئارقىسىدا قالغان.

2. كەسپىگە قىزىماسلىق، يېڭى بىلىمگە ئىنتىلمەسلىك، ئۆگىنىشنى خالىماسلىق

[1-مىسال] دەرس ئىسلاھاتى ئوقۇتقۇچىلارنى تېخىمۇ قۇرۇغداپ قويدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بىلىمى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي يېڭىلاش زۆرۈر  بولۇپ قالدى. بۇنى نەزەردە تۇتۇپ ۋىلايەت ئىچى-سىرتىدا،  ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدا تۈرلۈك  خىلدىكى تەربىيەلەش ناھايىتى كۆپ بولدى. ياخشى يېرى ھەر قېتىملىق  تەربىيەلەشتە سىرتقا چىققانلارنىڭ ئوقۇش، تەربىيەلىنىش راسخوتى، ياتاق، كىرا،  قاتناش راسخوتلىرىنى مەكتەپلەر ئاتچوت قىلدى، ھەتتا كاماندىروپكا بېرىلدى. شۇنداق تۇرۇغلۇقمۇ ھەر  قېتىم  ئۆز قىزغىنلىقى  بىلەن  تەربىيەلىنىشكە بارىدىغانغا ئادەم چىقماي، يۇقىرىدىن چۈشكەن بىرقانچە ساننى ئورۇنداش باشنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

[2-مىسال] بىلىم يېڭىلاش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈنمۇ، دۆلەت، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈنمۇ ئورتاق پايدىلىق ئىش ئىدى. ئەمما، مەيلى خىزمەتتىن ئايرىپ ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيەلەش بولمىسۇن، ياكى قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەش بولمىسۇن، ئوقۇغانلارنىڭ بىلىمىدە يېڭىلىنىش بولمىدى. ئۇلار تەربىيەلىنىشنى پۇرسەت دەپ بىلمەي، ئەكسىچە سىرتقا چىقىشنى ساياھەت قىلىش، خىزمەت يۈكىدىن ۋاقىتلىق قۇتولۇپ، دەم ئېلىش دەپ ھېسابلاپ، كەسپىگە دائىر ئاساسىي بىلىم،  ماھارەت، تەجرىبىلەرنى ئىگىلەشكە، ئۆگىنىشكە كۆڭۈل بۆلمىدى. ئوقۇپ كەلسىمۇ تۆۋەندە دەيدىغىنى يەنىلا كونا گەپ، قوللانغىنى يەنىلا كونا ئۇسۇلدىن ئىبارەت بولدى.

ئارىستوتېل70ياشقا كىرگەندە بەرباب (توققۇز تارىلىق چالغۇ) چېلىشنى ئۆگىنىپتۇ. شاگىرتلىرى بۇنى كۆرۈپ: « ئاپئاق ساقىلىڭىز  بىلەن  بەرباب مەشىق قىلىشتىن ئۇيالمامسىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئارىستوتېل: «كۆزى كور ئادەملەر بۇ ھۆنەرنى ئۆگەنگەن تۇرسا، مەن كۆزۈمنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرسام، شۇچاغدا ئۇيات بولار ئىدى، ھەرقانداق ئىلىم ۋە ھۆنەردىن خەۋەردار  بولۇش، ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈش يولىدا تارتىش زۆرۈر   بولغان ئەزىيەت ۋە مۇشەققەتلەرنى تېتىش ئىنسانلارنىڭ پەزىلىتىدۇر، جاھىل كىشىلەر بۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ، مەنپەئەتنى بىلمەيدۇ»دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

بۇلارنىڭ ئەكسىچە بىلمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆگەنمەسلىك،  بارىغا قانائەت قىلىپ، ئۆزىنى تاكاممۇلاشتۇرماسلىق،  قۇرۇق گەپ سېتىپ، ئەۋلادلارغا زىيان ئۇرۇش دەل بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاھىللىق كېسىلىدۇر.

3. ماتېرىيال كۆرمەسلىك، كىتابتىن قورقۇش ۋە  بىزار بولۇش

«كىتاب - بىلىم بولۇقى». كىتاب ئوقۇش- بىلىم يېڭىلاش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. بىز جەمئىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇمايمۇ، ماتېرىيال ئارقىلىق ئالىي مەلۇماتقا ئىگە  بولغانلىقىنى بىلىمىز.

ئاتاغلىق مائارىپشۇناسلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىدىن قارىغاندا، ئۇلار كىتابنى كۆپ سېتىۋالغان،  كۆپ ئوقۇغان. مەسىلەن:  ئېلىمىزنىڭ ئاتاغلىق پېداگوكى شۈي تېلى ئەپەندى  ئۆمرىدە 20 مىڭ پارچە كىتاب ساقلىغان. رۇس پېداگوكى سۇخۇملىنىسكىمۇ  20 مىڭ پارچە كىتاب ساقلىغان. ئۇ مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان بارلىق دەرسلىكلەرنى، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى ئوقۇپ چىققان،  ھەتتا مەشىقلىرىنى ئىشلىگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تېببىي كىتابلارنى ئوقۇغان. يەنە ماتېماتىكا، فىزىكا،  بىيولوگىيەگە دائىر كىتابلارنى ئوقۇغان. سۇخۇملىنىسكىنىڭ تەسىرىدە پاۋلېش ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار كىتاب ئوقۇش ھەۋەسكارلىرىغا ئايلانغان. بۇ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دارگان 1000 پارچە،  فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى فىلوپوۋ  1200 پارچە، ئىلمىي مۇدىرى رىژاك  1500 پارچە كىتاب ساقلىغان ۋە ئوقۇغان.

كىتاب سېتىۋالماسلىق، كىتاب ئوقۇماسلىق ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلاردىكى تىپىك كېسەللىك  بولۇپ، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بىلىم ۋە كەسپىي جەھەتتىن ئالغا بېسىش، پىشىپ  يېتىلىش يولىنى توسۇپ تۇرغان ئامىل.

ئېلىمىزدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 3000  ئوقۇتقۇچىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەھۋالى ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم  بولۇشىچە،  داۋاملىق كىتاب ئوقۇيدىغانلار ئارانلا ٪19. 91،  ھەركۈنى بىرسائەت ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇيدىغانلار ٪68. 4، ھەر يىلى كىتاب سېتىۋېلىشقا   100يۈەن چىقىرىدىغانلار٪62، ئاز دېگەندە 50پارچىدىن ئارتۇق كىتاب بار ئوقۇتقۇچى ٪85. 4  بولغان.

ئەگەر بىز ئۇيغۇر مائارىپىدا بۇ خۇسۇستا تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارساق، نىسبەتنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن، ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق  بولۇشى ئېنىق.

نۆۋەتتە مائارىپنىڭ ئۇچۇر مەنبىيى موللاشتى. تور مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىشقا، نۇرغۇنلىغان پايدىلىق بىلىملەرنى قوبۇل قىلىشقا يول ئاچتى. چىقىۋاتقان كىتابلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما، بۇنىڭ ئەكسىچە ئوقۇتقۇچىلار ھورۇنلاشتى. كىتابتىن قورقۇش بىرقەدەر ئورتاق  بولغان پىسخىكىلىق كېسەللىك  بولۇپ،  كىتاب سېتىۋالىدىغان، ئوقۇيدىغانلار نىسبىتىنىڭ ئازلىقى ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ. نەق ئەھۋالدىن ئېيتساق، 1000  نەپەر ئوقۇتقۇچى ئىچىدىن كىتاب ئىشكابى بار، يۈز پارچە كىتابى بار ئوقۇتقۇچى يۈز نەپەرگە يەتمەيدۇ. دەرسلىكتىن باشقا ماتېرىياللارنى كۆرىدىغانلار تېخىمۇ ئاز. ھەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار يۇقىرىنىڭ بېسىمى، مەكتەپلەرنىڭ ھەيدەكچىلىكى  بىلەن  نۇرغۇن گېزىت- ژۇرناللارغا مۇشتەرى قىلىنىدۇ، نۇرغۇن پۇل چىقىم قىلىدۇ. بۇلاردىن كەسىپكە ئالاقىدار بولمىغانلىرىنى دېمىگەندىمۇ، مائارىپ گېزىت- ژۇرناللىرىنىڭ قېتىنىمۇ يىرىپ قويمايدىغان، ھەتتا قولىغا ئېلىپمۇ قويمايدىغانلار نۇرغۇن. مەكتەپلەردە شۇنچە ياخشى ماتېرىياللارنى چاشقان غاجىلاپ، توپا-چاڭ بېسىپ تۇرىدىغانلىقى، ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بەتلىرىنى يىرتىپ، ئۈستەل ئورۇندۇقلىرىغا قويۇپ ئولتۇرىدىغانلىقى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان دائىملىق ئەھۋال.

4. دەرس تىلىدا پاساھەت، مەزمۇنىدا يېڭىلىق، شەرھىيىسىدە ھېكمەت بولماسلىق، كونا گەپنى ئۆمۈر بويى تەكرارلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى زېرىكتۈرۈپ ھالىدىن كەتكۈزۈش

بىز ھەر يىلى تۆۋەنگە چۈشۈپ دەرس ئاڭلاپ، مەكتەپلەرنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا باھا بېرىپ تۇرىمىز. ھەر  قېتىم مەكتەپلەرگە ئۈمىد بىلەن بېرىپ، ئۈمىدىسىز قايتىپ كېلىمىز. چۈنكى، كۆپ ھاللاردا سۆيۈندۈرگۈدەك دەرس چىقماي قالىدۇ. پەقەت ماھىر تاللاش مۇسابىقىسى بولسىلا، ئوقۇتقۇچىلار بارلىق تىرىشچانلىقى  بىلەن  دەرسلەرنى پەردازلاپ، ماھىرلىق شەرىپىگە ئېرىشىدۇ-يۇ، شۇ دەرسنى قايتا ئاڭلىماقچى بولسا، ياكى شۇ ماھىرنى باشقا تېمىدىن  دەرس ئۆتۈپ ئۈلگە كۆرسىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلسا، شۇ قېتىملىق ماھىرلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ. مەن بىر  قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق ماھىرلارنى «يالتىراق خالتا»غا ئوخشادتىم. دەرۋەقە يالتىراق خالتا بىر  قېتىم ئىشلىتىشكلا يارايدۇ. ماھىرلارمۇ بىر  قېتىمغىلا يارايدۇ. بەزىدە ماھىر تاللاش مۇسابىقىسىگە مەكتەپ مەجبۇرلىمىسا، ئىختىيارىي قاتنىشىدىغانغا ئادەم چىقمايدۇ، ھەتتا بەزى مەكتەپتىن مەجبۇرلىسىمۇ بىرمۇ ئوقۇتقۇچى قاتناشمايدۇ. بۇ بىر مەكتەپتىن ماھىر بولغۇدەك بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن ئالساق، كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئەھۋالى ئوخشاش. ئۇلار دەرسلىك كىتابتىن چىقالمايدۇ. بىر يىللىققا بىر  قېتىم دەرس تەييارلىق قىلسا، كىتاب ئۆزگەرمىگۈچە ئۇنى ئۆمۈرۋايەت دەپتەردىن دەپتەرگە شۇ پېتىلا كۆچۈرۈپ قويىدۇ. يېڭىلىق يارىتىشنى ئويلىمايدۇ. بەزىلىرى تېخى باشقىلارنىڭ تەييارلىقىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە ئورۇنىدۇ، ھەتتا بىرتۇتاش دەرس تەييارلىقى قىلىپ تارقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىدۇ. يىغىپ كەلسەك، ئۇلاردا دەرسلىكنى چوڭقۇرلاپ چۈشەنگۈدەك، چۈشەندۈرگۈدەك ساپا، تەپەككۇر يوق. كەڭ دائىرىلىك بىلىم، ئىقتىدار يوق. شۇنداق بولغاچقا ، ئۆتكەن دەرس پەقەت كىتابنى يۈزەكى ئىزاھلاش  بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقتۇرغۇدەك يېڭىلىق يوق. بىلىمنىڭ يىلتىزىنى ھېس قىلدۇرغۇدەك چوڭقۇرۇلۇق يوق. پىكىرىدە يېڭى روھ، يېڭى مەزمۇن يوق. قايىل قىلغۇدەك، تەسىرلەندۈرگۈدەك تەربىيە يوق. ئويلاندۇرىدىغان سوئال، ھاياجانغا سالىدىغان تالاش-تارتىش، قىزغىنلىق يوق. ئىقتىدار يېتىلدۈرگۈدەك  ئەھمىيەتلىك مەشىق، تەپەككۇر قوزغاتقۇدەك مەسىلە يوق. ھەممىسى قېلىپلىشىپ قالغان ئۇقۇم، ھەممىسى «لا- لا، ­لاي»غا ناخشا ئېيتقاندەك بىر خىل قېلىپ، بىر خىل رېتىم، بىر خىل ئاھاڭ، ھەممىسى كۆپەيېتىپ تارقاتقاندەك  بىر خىل ئۇسۇل. ئوقۇغۈچىلار ھېلىمۇ سەۋر-تاقەتلىك. ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ مۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنى سىنىپتىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمىگىنىگە ھەيرانمەن.

 بىر  قېتىملىق تەكشۈرۈش داۋامىدا مەن مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىق سىنىپىدا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تىلىدىن بىر سائەت دەرس ئاڭلىدىم. ئۆتۈلمەكچى  بولغان مەزمۇن «تولدۇرغۇچى» ئىدى. ئوقۇتقۇچى كىتابنى بىر باشتىن ئوقۇپ چىقتى. ئوقۇغان تىما شۇ سائەتلىك  دەرسنىڭ مەزمۇنىدىن ھالقىپ، بىرقانچە فاراگراپ ئىلگىرىلەپ كەتتى. قائىدىگە بىرمۇ مىسال ئېلىنمىدى. ئوقۇغۇچىلاردىن سورىغاندا بىرمۇ ئوقۇغۇچى پىكىر قىلمىدى. ئاخىرى چىداپ تۇرالماي،  قائىدىسىزلىك بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچىنى ئولتۇرغۇزۇۋېتىپ، دەرسنى ئۆزۈم ئۆتتۈم.

مۇنداق  تېتىقسىز دەرسلەر ھازىرمۇ ھەممە پەن، ھەممە مەكتەپتە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ.

بىر  قېتىم ناھىيە بويىچە ئايلانما  شەكىلدە پۈتۈن مەكتەپلەردە دەرس ئاڭلىدۇق.  ئاڭلىغان دەرسلەرمۇ ئاۋۋالقىدىن ھېچ پەرقلەنمىدى. ئوقۇتقۇچى كەم شارائىتتا ئوقۇغۇچىلارنى يەنە شۇ جانباقتىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ قويماي نېمە ئامال؟  شۇ چاغدا سىنىپتا ئولتۇرۇپ يازغان: «ئىمىزگە»، «قاقاس ئارال» دېگەن شېئىرىم نەق ئەھۋالنىڭ ئىنكاسى ئىدى: 

ئېمىزگىدە بالىنى گوللىمىغىن مۇئەللىم، 

بۇغداي چىقماس ساماننى سورىمىغىن مۇئەللىم.

ئىسراپ قىلىپ ۋاقىتنى قۇرۇق گەپتە لاپ ئۇرۇپ، 

بازاردىكى ۋايىزنى دورىمىغىن مۇئەللىم.

سەبىي كۆزلەر تەلمۈرەر تەشنا  بولۇپ بىلىمگە، 

ئۇنى مايسىز قازاندا قورۇمىغىن مۇئەللىم.

سۆزلىسەڭمۇ سائەتلەپ،  گەپلىرىڭدە لەززەت يوق، 

قايناپ-تېشىپ ئۆزۈڭچە خورىمىغىن مۇئەللىم.

شۇڭغۇمايسەن بىلىمنىڭ دېڭىزىغا چۆككۈچە، 

ئىچى قۇرۇق يانچۇقنى كولىمىغىن مۇئەللىم.

بال تولدۇرۇپ دىلىڭغا،  مەنا بەرگىن تىلىڭغا، 

ئالدىنىشنى، ئالداشنى قوللىمىغىن مۇئەللىم.

مەسئۇل بولغىن ئەۋلادنىڭ كېلەچىكى-بەختىگە، 

نادان قىلىپ دوزاققا يوللىمىغىن مۇئەللىم.

****

بېرەلمەي پەن-بىلىمنى پاخال قىلدىڭ، 

مەزمۇنسىز قۇرۇق گەپنى ساخال* قىلدىڭ.

سىنىپمۇ-بۇ،  زىندانمۇ-بۇ، گويا سۈرلۈك، 

شوخ بالىنى مەھبۇستەك قامال قىلدىڭ.

يادلىدىڭ ھەم يادلادتىڭ ئوقۇپ كېتاب، 

چېھرىڭدىن مۇز ياغدۇرۇپ سوئال قىلدىڭ.

كىملەرمۇ جۈرئەت قىلىپ بەرسۇن جاۋاب؟

كەيپىڭنى يىرتقۇچ كەبىي قوپال قىلدىڭ.

بىلمىدىڭ بالىلارنىڭ نەرى بىتاپ، 

كېسەلگە داۋايىڭنى دوقال قىلدىڭ.

نېمىگە ئېھتىياجلىق سەبىي قەلىب؟

چۈشەنمەي ۋايىز كەبىي ماقال قىلدىڭ.

ئويلىسا گەپ بەرمىدىڭ، نەپ بەرمىدىڭ، 

زېرىكسە ھەم تېرىكتىڭ غال-غال قىلدىڭ.

تىلىڭدىن يېغىپ تۇرار سوغۇق مۆلدۈر، 

ئارىدىن مۇھەببەتنى «يوقال» قىلدىڭ.

ئەۋلادلار ئادەملىكتىن كەتتى يىراق، 

ئۇلارنى بەك يارامسىز ئوسال قىلدىڭ.

نى تېلەك، گۈزەل پەسىل بولدى زايا، 

بۇيرۇقنى ھەر قەدەمدە غارال قىلدىڭ.

چاڭقىغان دىللار قۇرۇق چىقتى كۆلدىن، 

باغرىڭنى مىسلى قاقاس ئارال قىلدىڭ.

بولدى بەس، جان بېقىشنى قىلما نىشان، 

مىللەتكە ھەم يەتكۈچە زاۋال قىلدىڭ.

*«ساخال»-خوتەن شېۋىسىدە تام ئۈستىگە سانچىپ قويۇدىغان شاخنى كۆرسىتىدۇ.

5. بىلمىسمۇ بىلەرمەن  بولۇۋېلىش،  باشقىلاردىن سوراشنى نومۇس بىلىش، تەييارلىقى پۇختا بولماي، دەرسلەرنى لاياقەتسىز، ھەتتا  خاتا ئۆتۈش

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق  پېداگوكى سۇخۇملىنىسكى دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:  «دەرسخانا- بىلىمگە ئىنتىلىش ھەۋىسى ۋە ئەخلاق ئېتىقادنى ياندۇرىدىغان تۇنجى ئۇچقۇن»، «بىلىمگە قىزىقىشنىڭ تۇنجى مەنبەسى، تۇنجى ئۇچقۇنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆتمەكچى  بولغان دەرسلىك ماتېرىيالى ۋە تەھلىل قىلىدىغان پاكىتلارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىدە». يەنە بىر ئالىم مۇنداق دەيدۇ:  «دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ھازىرقى دەرسخانىدا بەلگىلىنىدۇ». بۇ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بىلىمنى يېڭىلاپ تۇرغاندا  بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ. كەڭ دائىرىلىك بىلىم  بولغاندا دەرسنى ياخشى ئۆتكىلى، ئوقۇغۇچىلارنى رازى قىلغىلى، خاتا دەرس ئۆتۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەمما، بۇ ئالدىنقى شەرت كەمچىل بولغاچقا دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش مۇمكىن بولماي كەلدى.

بىر  قېتىم مەلۇم ناھىيەگە بىر بۆلۈك  مۇتەخەسسىسلەر كېلىپ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپتۇ. ئۇلار كىرگەن سىنىپتا ماتېماتىكا دەرسى ئۆتۈلۈۋاتقان  بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىن ½  بىلەن  0.5 نىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى سوراپتۇ. ھەممە ئوقۇغۇچى بىردەك  بىر ½ چوڭ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئوقۇتقۇچىدىن سورىغاندا ئوقۇتقۇچىمۇ ½چوڭ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

مەلۇم يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدىمۇ مۇنداق مەسىلە كۆرۈلدى:  ئوقۇتقۇچى كلاسسىك شېئىر شەكىللىرىنى ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلار «قىتئە» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى سورىغان. ئوقۇتقۇچى «بۇ جۇغراپىيەلىك ئاتالغۇ، ئەدەبىياتتا مۇنداق ئاتالغۇ يوق. شۇڭا، جۇغراپىيە مۇئەللىمىدىن سوراڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمەلىيەتتە «پارچە» دېگەن شېئىر شەكلىنىڭ «قىتئە» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئوقۇتقۇچى بىلمىگەن.

يېقىندا بىر ئەھۋال مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى:  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوغلۇمنىڭ يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى كۆرۈۋېتىپ، جۇ زىچېڭنىڭ «باھار»دېگەن نەسىرىگە ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ بەھىرلىرىدىكى ئۇزۇن-قىسقا بوغۇم بەلگىلىرىنى سىزىپ قويغانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇنىڭدىن «شېئىرىي ئۆلچەم نەسىرگە ماس كېلەمدۇ؟» دەپ سورىسام، بۇنى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى سىزدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

بىر يىلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ھالقىلىرىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا بىر نەپەر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بارلىق تېمىلارنى تەييارلىغاندا ئوقۇتۇش نىشانىغا ماس كەلمىسىمۇ سىياسىي  تەربىيە نىشانى يېزىپ قويغانلىقى مەلۇم بولدى. مەن ئۇنىڭدىن «سىز بۇ مەسىلىنى يېشىش ئارقىلىق يۇقىرىقى نىشانغا يېتەلەمسىز؟» دەپ سورىسام، ئۇ «مەكتەپ مۇدىرى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان» دېدى. مەكتەپ مۇدىرىمۇ ھەممە دەرسلەرنى شۇنداق تەييارلاش تەلىپىنى قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئۇيغۇر تىلى دەرسى خاتالىق كۆپ سادىر قىلىنىدىغان دەرس. مەن  بۇ توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن نۇقتىلىق تۈردە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم (بۇ ئەنئەنىۋىي ئوقۇتۇش مەزگىلىدىكى پائالىيەت ئىدى). تەكشۈرۈلگەن ئەھۋال مېنى چۆچۈتتى. دەرۋەقە باشلانغۇچ مەكتەپتە كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۆز تىلىنىڭ قائىدە- قانۇنىيەتلىرىنى بىلمەيتتى، دەرسنى خاتا تەييارلاپ، خاتا ئۆتەتتى. ئەڭ  ئاددىيىسىنى مىسال قىلسام؛ «ئاۋۇ» دېگەن ئالماشنى بىر جۈملىدە ئىگە، بىرجۈملىدە خەۋەر قىلىپ ئىككى جۈملە تۈزۈڭ دېگەن تەلەپكە ئوقۇتقۇچى:  «ئاۋۇ بىزنىڭ مەكتەپ»،  «ئاۋۇ بىزنىڭ سىنىپ» دەپ  ئىككى جۈملە تۈزۈپ، «ئالدىنقى جۈملىدە <ئاۋۇ> نى ئىگە،  كېيىنكى جۈملىدە خەۋەر» دەپ ئىزاھلاپ قويغانىدى. ئوقۇتقۇچىدىن نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى سورىغاندا بۇ بىلىملەردىن خەۋەرسىز ئىدى.  شۇچاغدا ناھىيە بويىچە توپلىغان خاتا مىساللار بىر خاتىرە  بولۇپ چىقتى.

 مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرمۇ لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىسپاتلدى:  بىز ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەن  بولۇش سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن باشقۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش سۈپىتى ئىزچىل ئارقىدا تۇرغان، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى سانى بىرقەدەر كۆپ  بولغان ئۈچ ئوتتۇرا مەكتەپ، 19 باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يېزىنى نۇقتا قىلىپ،  مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ باردۇق. تەتقىقات دائىرىسى ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىپادسى، دەرس تەييارلاش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش،  دەرسخانا ئوقۇتۇشى،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، ئۇلارنىڭ دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالى،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا  بولغان باھاسى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ تەشكىلىگە  بولغان پىكىرى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا پىكىرى قاتارلىق ئون نەچچە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇنىڭغا  ئون كۈن ۋاقىت كەتتى. بايقالغان باشقا مەسىلىلەرنى دېمىگەندىمۇ ئاڭلىغان  90 نەچچە سائەتلىك دەرستىن ئارانلا %2-٪3 دەرس ئەلا باھاغا ئېرىشتى، ٪5-%6 دەرس لاياقەتسىز بولدى.

ھازىرمۇ دەرس لايىھەسىدە ئۆزلىرى چىقارغان سوئاللارغا ئۆزى  جاۋاب بېرەلمىگەن ئوقۇتقۇچىلار مەۋجۇد.

بۇلار گەرچە ئايرىم ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما، ئۆزىنى مىللەتنىڭ ئۇستازى ساناپ يۈرگەن «روھىي ئىنژېنېر»لارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى  بولۇپ، مۇنداق بىر ياكى بىرقانچە ئادەمنىڭ خاتالىقى ماھىيەتتە ئۇلار تەربىيەلىگەن نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ بالىغا تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ھەممىگە ئايان.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ساپاسىنىڭ تۆۋەن  بولۇش مەسىلىسىنى تەھلىل قىلغاندا سەۋەب تۆۋەندىكىلەرگە مەركەزلىشىدۇ:

بىرىنچى، ئىلگىرى پېداگوكىكا مەكتەپلىرىگە ئوقۇش نەتىجىسى يۇقىرى ئوقۇغۇچىلار تاللىنىپ، پېداگوكىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر ئوقۇتقۇچىلىققا سەپلىنەتتى. باشقا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەردىن ئوقۇتقۇچى تولۇقلاشقا توغرا كەلسە،  ساپاسىغا يۇقىرى تەلەپ قويۇلاتتى. غەيرىي مەكتەپ،  غەيرىي كەسىپلەرنى  پۈتتۈرگەنلەر ئاساسەن قوبۇل قىلىنمايتتى. ئەمما، «ئاچ  خىللىماي يەيدۇ» دېگەندەك، نەچچە يىللاردىن بۇيان ئوقۇتقۇچى سەپلەشتە چەك قويۇلمىدى. پېداگوكىكا مەكتەپ بولسۇن- بولمىسۇن، كەسپى ماس كەلسۇن-كەلمىسۇن ئادەم بولسىلا ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، نەتىجىدە ئوقۇش تارىخي يوقلار، پېداگوكىكا، پىسخولوگىيە ئىلمىدىن خەۋىرى يوقلار، ماتېرىيالدا يۈزەكى ئوقۇپ دېپلوم ئالغانلار،  باشقا ساھەلەردىن شاللانغانلار ۋە تۈرلۈك مەمۇرىي ئورۇندىن  ئالماشقانلار مائارىپقا دۆۋىلەشتى (ھازىر بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشتى). ھەتتا ئىشچىلار ئوقۇتقۇچىلىققا سېلىندى. ئۇلارنىڭ سەۋىيەسى ئوقۇتۇش خىزمىتىگە يېتىشمىدى. پەقەت بىر سىنىپنى تارقىتىۋەتمەي تۇتۇپ تۇرالىسىلا قانائەت ھاسىل قىلىندى.

ئىككىنچى،  ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى تەربىيەلىشى پىلانسىز  بولۇپ، لازىملىق كەسىپتە ئادەم كەم  بولۇش،  لازىم بولمىغان كەسىپلەردە ئادەم ئارتۇق  بولۇش ئەھۋالى ئۇزاق داۋام قىلدى. نەتىجىدە تۆۋەندە ئوقۇتقۇچىلارئوقۇغان كەسپى بويىچە ئىشقا قويۇلمىدى.

يۇقىرىقى سەۋەب تۈپەيلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە پەننىڭ ماھىيىتىنى بىلمەسلىك، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بىلمەسلىك، ۋەزىپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق، ئوقۇتۇشنى قانۇنىيەتلىك ئېلىپ بارماسلىق، بىلىم ۋە تەربىيە  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارماسلىق، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى تۆۋەن  بولۇش، ئوقۇتۇشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ئەھۋاللىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك  بولغان.

ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى تەلىم-تەربىيە،  ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، پىسخىك تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە، كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. ئەمما، نۆۋەتتىكى ئوقۇتقۇچىلا كونا بىلىمى،  كونا ئۇسسۇلى، ھورۇنلاشقان روھى  بىلەن  مائارىپ رىقابىتىگە چۈشمەكچىمۇ؟ ئەۋلادلارغا ئۇستاز ۋە ئۈلگە بولماقچىمۇ؟

6. ساختا نەتىجە قوغلىشىش

بىزدە «قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ»،  «نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن» دەيدىغان ھېكمەت بار. دېھقانمۇ يەرگە بەرگىنىگە قاراپ يەردىن ئالىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىم-تەربىيە سەۋىيەسىگە قاراپ  يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولىدۇ. ئەمما، بەزى ئوقۇتقۇچىلار: «قېيىنى ئانامنىڭ چىشى يوق، گۆشكە ئامراق»دېگەندەك ئۆزىنىڭ ساپاسى، ئوقۇغۇچىلارغا بەرگىنى يېتەرلىك بولسىمۇ، تەكشۈرۈشلەردە جېنىنىڭ بارىچە كۈچ كۆرسىتىپ، ئالدامچىلىق يولى  بىلەن   يۇقىرى نەتىجە قوغلىشىدۇ، تېخى بۇنىڭدىن ئۇيالمايدۇ، ئىزا تارتمايدۇ، نومۇس قىلمايدۇ. بىر قىسىم مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇنداقلارنىڭ نومۇسسىز ھەرىكىتىدىن نەپرەتلىنىش ئورنىدا ئۇلارغا قانات ياپىدۇ.

مەن «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 1-، 2-سانىدا ئېلان قىلغان «كۆچۈرمىكەشلىك مىللىي مائارىپتىكى راك»دېگەن ماقالەمدە بۇنداق ئىللەتنى قامچىلىغانىدىم. ئەمما، «قان  بىلەن  كىرگەن خۇي، جان  بىلەن  چىقىدۇ»دېگەندەك، بۇنداق مەسىلىلەر ھازىرمۇ ئاخىرلاشقىنى يوق. بۇنىڭ ئىپادىسى:

1)  ئۆزى ئۈچۈن ئەۋلادلارنى قۇربان قىلىش.

باشلانغۇچ مەكتەپ  مائارىپى پۈتۈن مائارىپنىڭ ئاساسى، 1-سىنىپ ئوقۇتۇشى بولسا ئاساسنىڭمۇ ئاساسى. بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى يىللىقلارغا ساۋاتسىز، چالا ساۋات چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ساۋاتلىق  بولۇشنى تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇۋېلىشنى يولغا قويدۇق. ئەقلى بار ئادەم ئۈچۈن بۇ ئەھمىيەتلىك ئىش، قىلچە ساختىلىق ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدىغان زىل ئىش ئىدى. چۈنكى، بالىلار ساۋاتسىز قالسا، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئەمما، سوئالنى بىرتۇتاش چىقىرىپ، مەكتەپلەردىكى نەچچە مىڭ ئوقۇتقۇچى ئىچىدىن مەسئۇلىيەتچان دېگەنلىرىنى تاللاپ، ئىمتىھاننى بىرلا ۋاقىتتا باشلاپ، نازارەتكە ئادەم بەلگىلەپ، تەلەپلەرنى شۇنچە كۈچەيتكەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ، « ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ» دېگەندەك، كومېسسىيەلەر ئىمتىھاندا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، كۆچۈرۈشكە يولغا قويۇپ، نەتىجىنى پاخالغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. سەرپ قىلغان ئادەم كۈچى، ۋاقىت، ئىقتىساد نۆلگە تەڭ بولدى. قايتا بىر  قېتىم مەكتەپتىن ئادەم ئارىلاشتۇرماي يەنە شۇ سوئالدىن ئىمتىھان ئالغاندا كېيىنكى نەتىجە ۋە دەرىجە  بىلەن  ئەسلىدىكىسى  ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئاسمان-زېمىن بولدى. ياندۇرقى يىلى كومېسسىيەلەرنى ئازايېتىپ، مەكتەپتىن جەمئىي ئون نەپەر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، بىر قىسىم كۈچنى ئىدارىدىن ئاجرىتىپ، ئىمتىھان ھالقىلىرىغا ئاۋۋالقىدىن يۇقىرى تەلەپ قويۇپ ئىمتىھان ئالغاندىمۇ،  يەنىلا ساختىلىق كۆرۈلدى. بۇ پاكىت ئوقۇتقۇچىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ دېگەن خۇلاسىگە كېلىشىمىزگە سەۋەب بولدى.

بۇ پەقەت بىر  قېتىملىق ئەھۋال ئەمەس. بۇنداق ساختىلىق رېفلىكىسكە ئايلىنىپ كەتكەن  بولۇپ، نەچچە يۈز  قېتىملاپ ئىمتىھان ئېلىنسا، ھەممىسىدە ساختىلىقنىڭ يۈز بېرىدىغىنى ئېنىق.

2) بالىلارنى ساختىلىق ھەرىكىتىگە شېرىك قىلىش.

 ھەر يىلى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش،  خۇلاسە قىلىش بىز ئۈچۈن  ئەنئەنە. بۇنداق چاغلاردا ئوقۇتقۇچىلاردا قۇتراش تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارلا ئەمەس، مەكتەپ رەھبەرلىرىمۇ ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ. شۇڭا، ئىمتىھان ئېلىش ھەمىشە بىر  قېتىملىق شىددەتلىك جەڭگە ئايلىنىدۇ. بۇجەڭدە ئىككلا تەرەپ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇش ئۈچۈن بار ھۆنىرى ۋە كۈچىنى ئىشقا سالىدۇ.  مىسال قىلساق، ئەگەر1-سىنىپتىن ئىمتىھان ئېلىنسا، ئوقۇتقۇچىلار شۇ يىللىقتىكى ساۋاتسىز، چالا ساۋات ئوقۇغۇچىنى ئائىلىسىگە قاچۇرۇۋېتىپ، ئورنىغا 2-سىنىپتىن ئوقۇغۇچى سەپلەيدۇ. 2-يىللىقلاردىن ئىمتىھان ئېلىنسا،  3-يىللىقلاردىن، 3-يىللىقلاردىن ئىمتىھان ئېلىنسا، 4- يىللىقىلاردىن دەرستە ئارقىدا قالغانلارنى چىقىرىۋېتىپ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى سەپلەيدۇ. ئەگەر پاراللېلل سىنىپلاردىن نۇسخا  تاللاپ بىرەر سىنىپتىن ئىمتىھان ئېلىنسا، ھەممە سىنىپتىكى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى بىر سىنىپ قىلىپ قۇراشتۇرۇپ، ئۇلارغا چەك چىققان سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمى،  يوقلام نومۇرىنى ئۆگىتىپ ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىدۇ. مەكتەپلەردىن كومېسسىيىلىگكە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان تۈزۈمىنى بۇزۇپ، كومېسسىيەلىكتىن پايدىلىنىپ سوئالنى تېلېفوندا ئۆز مەكتىپى ئۈچۈن ئاشكارىلاپ بېرىدۇ،  شۇ نۇقتىغا بېرىپ بولغۇچە  ئوقۇتقۇچىلار سوئالنى ئوقۇغۇچىلارغا تەكرارلاپ بېرىپلا قالماي، كۆپەيېتىپ، ھەر  بىر ئوقۇغۇچىغا قەدەر تارقىتىپ،  كۆچۈرۈشنى پىلانلايدۇ. ھەر قېتىم يۈز بېرىدىغان  مۇنداق ئەھۋال ئادەتلەنگەن ساختىلىقنىڭ قۇتراپ چىقىشى  بولۇپ، نەدە ئىمتىھان بولسا،  شۇيەردە بۇنداق قىلمىشلار ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىدە  ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن؛ دەرس بىلىدىغان بالىلار  بىلەن  بىلمەيدىغان بالىلارنى بىر-بىرىگە چېتىپ، كۆچۈرۈش ۋە كۆچۈرۈپ بېرىشكە تەشكىللەش، ئىمتىھان سوئالىنى ئاشكارىلاپ بېرىشكە ئورۇنۇش، چەكلەپ تۇرسىمۇ سىنىپقا كىرىپ جاۋاب ئېيتىپ بېرىش ياكى يېزىپ بېرىش، تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى سىنىپقا ئېلىپ كىرىپ، كومېسسىيەنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورۇنۇش،... قاتارلىقلار.

ئۇلار بۇ قىلمىشى  بىلەن  ئەۋلادلارغا قانچىلىك زىيان ئۇرغانلىقىنى،  ئۇلارنى قانچىلىك زەھەرلىگەنلىكى،  ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوبرازىنىڭ يەر بىلەن  يەكسان  بولغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ،  بىر  قېتىملىق ساختا نەتىجە ئۈچۈن نومۇسىنى ئەنە شۇنداق ساتىدۇ. بىرەر  قېتىم « مەن كىم » دەپ ئۆزىگە سوئال قويۇپ باقمايدۇ. بۇ نومۇسسىز ھەرىكىتى ۋە  قىلمىشى ئاشكارىلغانغاندا خېجىل  بولۇش،  يۈزى قىزىرىش، پۇشايمان قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن،  ئەكسىچە خۇددى ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك،  شۇنداق قىلىش زۆرۈر ۋە ھەقلىقتەك بىخارامان ھالدا كېرىلىپ يۈرۈۋېرىدۇ. تېخى ئەيىبنى ئۆزىدىن كۆرمەي، مەسىلىنى بايقىۋالغانلىقى ئۈچۈن كومىسيەنى دۈشمەن بىلىدۇ.

3) بالىلارغا يالغانچىلىقنى ئۆگىتىش.

 بالىلار شۇنچە پاك ۋە سەبىي . ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئەسلىدىنلا ھېچقانداق ساختىلىق، ھىيلە- مىكىر بولمايدۇ. ئەمما، نەتىجە مەستانىلىرى ئۆزىنىڭ شەخسىيىتى ئۈچۈن ھەمىشە ئۇلارنى قۇربان قىلىدۇ. ئۇلارغا يارلغانچىلىق، ساختىلىقنى تاڭىدۇ ۋە  ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىسى  مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىدە  بىرەر ئىش توغرىلىق ئەھۋال ئىگىلىمەك  بولۇنسا، راست جاۋابقا ئېرىشىش قىيىنغا توختايدۇ. چۈنكى، ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئاللىقاچان تۇۋاقلىۋەتكەن بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بىر ئېغىزدىن چىققاندەكلا ھەممىنى «ياخشى» دەپ چىقىدۇ. ئەمما، «ياخشى»نىڭ ئىچىدىن ساۋاتسز ئوقۇغۇچى، «تەن جازاسى بەرمىدى»نىڭ ئىچىدىن تەن جازاسى يىگەن ئوقۇغۇچى چىقىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىنكاس قىلغان ئىشلاردىن يەنە ئوقۇتقۇچىلار دەرسكە كىرمىگەن، ۋاقتىدا كىرمىگەن، سىنىپتا تېلېفون ئىشلەتكەن، بالىلارنى شەخسىي ئىشقا سالغان، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا تەكشۈرمىگەن، باھالاش ئۈچۈن دەرس توختىتىپ تازىلىققا سالغان،  تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەتمىگەن ئەھۋاللار ئاشكارىلىنىدۇ. ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆتمىگەن دەرسلەرگە يالغان خاتىرە يازغانلىقى، يالغاندىن يوقلامدا سوراق نومۇرى، يالغان تاپشۇرۇق نومۇرى پەيدا قىلغانلىقى... قاتارلىق بىرتالاي ساختىلىقلار چۇۋۇلۇپ چىقىدۇ.

 يېقىندا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوغلۇمنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە ،  مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى پۇل چىقىرىپ سىنىپنى ئاقارتىش، رېمونت قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ھەتتا بايرام مەزگىلىدە سىنىپتىن يۈنكەن كونا كومپيۇتېرنى ئوقۇغۇچىلارغا تۆلەتكۈزگەن. ئەمما، يۇقىرىدىن تەكشۈرۈشكە ئادەم كەلسە، ئوقۇتقۇچىلار:  «تەكشۈرگۈچىلەر كېتىدۇ،  يەنە بىز قالىمىز، تۈزۈك گەپ قىلىشىڭ»دەپ، ئالدىن ئۇلارنىڭ ئاغزىنى ئەتكەن.

  بىر كۈنى 5-سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئوغلۇم :  «دادا، بىزنىڭ مەكتەپ بەك ئالدامچى» دېدى. «قانداق دەيسەن» دېۋىدىم، ئۇ: « باھالاش  كەلمىسە، توپ بەرمەيدۇ. باھالاش  كەلسە، ھەممىنى تارقىتىپ بېرىپ، مەجبۇرىي ئوينىغىلى سالىدۇ» دەيدۇ.

دېمەك، بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە  مەكتەپلەر ئوخشاش  بولۇپ، تەكشۈرۈشكە بارغاندا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئويۇنلىرى  بىلەن  جانلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما، ئادەتتىكى ۋاقىتتا بۇنداق قاينام-تاشقىنلىقتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ.

دېمەك، نېمە ئۈچۈن  مىللەتنىڭ ئۇستازى ھېسابلانغان ئوقۇتقۇچىلار مىللەتنىڭ ھۇلىنى كولىغۇچىلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟

شۇ نەرسە ئايانكى، ئوقۇت

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز