چېنىقىش ۋە جىنسىي ئىقتىدار
ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى جىددىيلىك ۋە ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، بۇ خىل تۇرمۇش رېتىمى كىشىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بولغان قىزىقىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇلارغا بەدەن چىنىقتۇرۇش ئارقىلىق جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتكىلى بولىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلسە، چېنىقىشقا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايمىز. نۆۋەتتىكى نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدە، چېنىقىش بىلەن جىنسىي ئىقتىدارنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى داۋاملىق ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا دۇكې ئۇنۋېرسېتىتى مىدىتسىنا مەركىزىنىڭ بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىدىغان ھەركىتى ئاز كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھەپتىدە 4 قېتىم، ھەر كۈنى 30مىنوت تېز سۈرئەتتە مېڭىپ بېرىشنى ئادەت قىلغان كىشىلەرنىڭ، ياكى ئوخشاش مىقداردا ئىنىرگىيە سەرپ قىلىنىدىغان سۇ ئۈزۈش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق باشقا چېنىقىش تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىدا ئاجىزلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى %70 ئەتراپىدا تۆۋەن بولغان. دۇنياغا مەشھۇر يېڭى ئەنگىلىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، رېتىملىق تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىش جىنسىي ئىقتىدارى چېكىنىش خەۋىپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ، دىيىلگەن. ئۇلار تەۋسىيە قىلغان چېنىقىش مۇنداق: كۈندە 3200 مېتىر ئەتراپىدا پىيادە مېڭىش، ياكى 200 كالورىيە ئىنىرگىيە سەرپ قىلىنىدىغان باشقا تۈردىكى تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش.
نېمە ئۈچۈن چېنىقىش ئارقىلىق ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟ مېدىتسىنا تەتقىقاتىدا، تەنھەرىكەت ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇر ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ فونكىسيىسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ، مۇسكۇل كۈچى ۋە سۆڭەك زىچلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇۋاپىق چېنىقىش ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ، جىنسىيەتكە بولغان جىددىيلىك ۋە تەشۋىشىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. بۇلار ئارقىلىق جىنسىي ئىقتىداردا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ياخشىلىنىش بولىدۇ.
كۆپ خىل جىنسىي ئىقتىدارغا پايدىلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئىچىدە، بىرىنجىدىن: ئالدى بىلەن تەۋسىيە قىلىنىدىغىنى تېز سۈرئەتتە مېڭىش، سۇ ئۈزۈش، يورغا ۋە ئاستا يۈگرەش قاتارلىق ئوكسېگىنلىق ھەرىكەتلەردۇر. ئىككىنجىدىن، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانى ۋە جىنسىي ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك مۇسكۇل كۈچى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا بەل، پۇت قول مۇسكۇلىغا قارىتا مۇۋاپىق مەشىق ئېلىپ بېرىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۈچىنجىدىن، زەكەر قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغۇچىلار ئىچىدە، داس بوشلۇقى مۇسكۇللىرىغا قارىتا مەشىق ئېلىپ بارغۇچىلانىڭ، پەقەتلا تۇرمۇش شەكلىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغۇچىلارغا قارىغاندا داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. داس بوشلۇقى مۇسكۇللىرى ئەرلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ مۇسكۇللار كۈچەيتىلسە، زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى ۋە قايىم ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، مەنى كونتىرول قىلىش ۋە جىنسىي پەللىدىن تېخىمۇ ھۇزۇرلىنىش قاتارلىق تەرەپلەر ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇللارنى پەرق ئېتىش ۋە مەشىق ئېلىپ بېرىشتا، ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس دوختۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغىنى مۇۋاپىق. تۆتىنجىدىن، ئەنئەنىۋى جوڭيىچە داۋالاش دەستۇرلىرىدا، بىر قىسىم ئۇرۇقدان، زەكەر ئەتراپى ۋە مۇناسىۋەتلىك پەللىلەرنى ئۇۋۇلاش ئۇسۇللىرى قالدۇرۇلغان، لېكىن ئەمەلىي داۋالاش ئۈنۈمى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ .
چېنىقىش ئارقىلىق جىنسىي ئىقتىدارنى ياخشىلاشقا قارىتا تۆۋەندىكى ئىككى خىل تونۇش خاتالىقىدىن ساقلىنىش لازىم . بىرىنجىدىن، ھەرىكەت مىقدارى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە پايدىلىق، دەپ قارىۋېلىشقا بولمايدۇ. ھەرىكەت مىقدارى زىيادە بولۇپ كەتكەندە، ئەكسىچە تېستوستېرون (ئەرلىك ھورمون) مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ، جىنسىي ھەۋەسنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، زىيادە ھەرىكەت يەنە ئىممۇنىتىت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىلمىي بولمىغان چېنىقىش شەكلى ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا چېنىقىش كەسپ ئىگىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلسا تېخىمۇ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك بولىدۇ دەپ قارايمىز. ئىككىنجىدىن، بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن، تۇرمۇش ئادىتىنى ساغلاملاشتۇرۇشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، مەسىلەن، ھاراق-تاماكا تاشلاش، ساغلام ئوزۇقلىنىش قاتارلىقلار. بىرقىسىم جىنسىي ئىقتىدارىدا بەلگىلىك مەسىلە كۆرۈلۈپ بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، دوختۇرنىڭ كەسپىي باھاسى ۋە ياردىمى تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارىلىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى تەييارلىدى.