9-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالما شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد بايراقدار يان تېلېفونى iPhone 6s ۋە iPhone 6s Plus نى ئېلان قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، iPhone6 غا نىسبەتەن ئەڭ يۇقىرى نىسبەتتە باھا چۈشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئېلىپ بارىدۇ. شياڭگاڭ نۇسخىسىدىكى 16G نەشرى 4000 يۈەندىنمۇ چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.
تيەنجى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شياڭگاڭ نۇسخىسىدىكى 16G لىق iPhone6 نىڭ باھاسى 3600 يۈەنگە چۈشىدىكەن. بىراق، دۆلەت ئىچى نەشرىدىكى 16G لىق iPhone6 نىڭ باھاسى يەنىلا 4500 يۈەندىن سېتىلىدىكەن. مەيلى شياڭگاڭ نۇسخىسىدىكى ۋە ياكى دۆلەت نۇسخىسىدىكى بولسۇن، iPhone6 نىڭ باھاسىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە چۈشۈشى ئېنىق ئىكەن.