شائىر مۇھەممەتجان راشىدىنغا مۇشائىرە
تۇرغۇن سىدىق
شائىر بولۇپ ئەل قەلبىدە قالماقمۇ تەس،
شېئىرلىرى ئەلنىڭ مۈلكى بولماقمۇ تەس.
ياخشى شېئىر غۇرۇر – ۋىجدان چۇقانىدۇر،
شەكلى ئاز – پاز ئوخشىسىلا شېئىر ئەمەس.
مىسراسىنى، سۆزلىرىنى قىيام قىلىپ،
قېنى بىلەن قاينىتىدۇ شائىر دېگەن.
ئاچقانغا ئاش، ئۇسسىغانغا زەمزەم بولۇپ،
يۈرەكلەرنى قاندۇرىدۇ شېئىر دېگەن.
تارىخ شۇنداق ئىسپاتلىغان ھەقىقەت بۇ،
قاپىرىدۇ قەلەم تۇتۇپ شائىر قولى.
قاپارغانغا، تاتارغانغا ۋايسىمىغىن،
مانا شۇنداق جەبىرلىكتۇر شائىر يولى.