شاڭخەي . ئۇيغۇر . خوتەن
(سەپەر تەسىراتلىرى)
ئابدۇلھەمىد ياسىن
( قاراقاش ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
1. ئايرودۇرۇمدا
نېمىسىنى ئېيتىسىز، مەن ئۆزۈم يىراق سەھرادىن كەلـگەن بولغاچقا، تەپەككۇر ئۇسۇلۇم ۋە ئادەتلىرىمدە سەھرا پۇرىقى بولماي نېمە بولماقچىدى! سەھرادىكى ئاشۇ ساددا ئويلىرىم، غايىۋى خىياللىرىم، يېزىلاردىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان كەچمىشلىرىم بىلەن دونيا سانائىتى ۋە مەدەنىيتىنىڭ ئۆرنەكلىرىدىن بىرى بولمىش بۇ شەھەرگە توككىدە چۈشۈپ قالسام، قىزىق- قىزىق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى، ساددا ئويۇمنى ھەيرانلىق ۋە ئىزتىراپنىڭ قايمۇقتۇرۇشى، قاياققىلا قارىسىڭىز سەنئەت پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان كوچىلىرى، سەمىمىيەت بىلەن تويۇنغان تۇرمۇش ئادىتى، مەن ۋە مەنداشلاردىكى بوشلۇقلارنى ئايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ سېھرىي ھېكمەت بىلەن تولغان چوڭقۇر بەھرىگە سۆرەيدىغانلىقى تۇرغانلا گەپتە، بۇنىڭ مىسالى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئايرودۇرۇمدا يۈز بەرگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي:
«نىكاھنى مەن بىلەن ئوقۇغاندىن كېيىن مېنىڭ ئۆيۈمگە بارماي نەگە بارىدۇ؟» دېگەندەك، بېلەتنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن مېنى ئالماي ماڭمايدۇ، دەپ ئويلىدىممۇ ياكى ئايرودۇرۇمغا ئۇزىتىپ چىققىلى ھېچكىمىم يوق غېرىپلىقتا غەپلەت بېسىپ قالدىمۇ، ئايروپىلانغا ئالتە مىنۇت كېچىكىپ قاپتىمەن. ئايرودۇرۇمدا تۇرۇپلا قالدىم، كاساپەت مېنى ئالماي ئۇچۇپ كېتىۋېرىپتۇ ئەمەسمۇ، ئامالسىز ئۈچ كۈن كېچىكىپ ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا تىزىملىتىپ قويۇپ يېنىپ كەلدىم. بۇنى ئۇققان ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتىنىڭ: «كىچىكىپ قالدىڭىز، تېز يولغا چىقىڭ» دېگەن بۇيرۇقى، ئىككى دوستۇمنىڭ: «سەن بۈگۈنمۇ ماڭالمىغۇدەكسەن، ئەمدى بىرگە چىقىپ ئۇزىتىپ قويىمىز» دەپ سەمىمىي ياردەم قىلىشى بىلەن ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاپ، ئاخىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم، كۆك قەھرىگە كۆتۈرۈلۈپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرىكىمنى تۇتقان ھالدا تۆت سائەت ئۇچۇپ شەھرى شاڭخەي ئايرودۇرۇمىغا چۈشتۇق. ماڭا ئوخشاشلا كېچىككەن بىر سەپەردىشىمغا يۈك- تاقلارنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئەڭ يامان بۇيرۇقلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ھاجەتخانىغا يۈگۈردۇم. ھاجەت راۋا بولغاندىن كېيىن قولۇمنى يۇيۇش ئۈچۈن جۆمەكنىڭ يېنىغا كەلدىم، كەلدىميۇ، ھاڭ- تاڭ بولۇپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى پاك- پاكىزە قول يۇيۇش دېسىنىڭ ئۈستىدە سوزۇلۇپ تۇرغان پارقىراق تۆمۈر شىلانكىنىڭ نە بۇرايدىغان يېرى، نە سۇنى چۈشۈرىدىغان بىرەر بۇرمىسى كۆرۈنمەيتتى. جۆمەكنى تۇتۇپ سىلكىپ باقتىم، قايرىپ بۇراپ باقتىم، ئەمما بىر تېمىممۇ سۇ چۈشمىدى. قانداق ئىش بولغىيدى بۇ، دەپ خۇددى ئۆگزىدىكى پىچانغا بويى يەتمىگەن كالىدەك گۆشىيىپ تۇرۇپ قالدىم. دەل شۇ چاغدا مېنى كۆزىتىپ تۇرغانمۇ، ساقاللىق بىر چەتئەللىك كېلىپ قولىنى ھېلىقى جۆمەكنىڭ ئاغزىغا تەڭلىۋىدى، جۆمەكتىن سۈزۈك سۇ چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ. ھېلىقى چەتئەللىك ماڭا قايرىلىپ كۈلدى ۋە مۆرىسى بىلەن كۆزىنى تەڭلا قىسىپ بىر نېمىلەرنى دەپ كالدىرلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى. گەرچە ئۇ كۈلۈمسىرەپ ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ماڭا: «ئەپتىڭ بىزگە ئوخشايدىكە- نۇ، نەدە ياشاۋاتقان بەدىۋى سەن؟» دېگەندەكلا تۇيۇلدى. مەنمۇ ئەمدى جۆمەكنىڭ ئاغزىغا قولۇمنى ئاپىرىۋىدىم، كاساپەت مېنىڭ قولۇمنىمۇ تونۇيدىكەن بولمىسا، شۇنداق قىلىپ قولۇمنىمۇ يۇيۇۋالدىم.
بۇ مەن ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىشلارنىڭ بىرسى خالاس. ئەمما مەن بۇ يەردە يولۇققان ئوڭايسىزلىقلارنى يېزىپ، ئۆزۈمنىڭ گالۋاڭلىقىمنى بازارغا سالماقچى ئەمەسمەن. ئۆزۈمنىڭ تەپەككۇرۇم بويىچە مۇشۇ ۋاقىتقىچە كۆزەتكەن دۇنيا بىلەن، ھازىر مەن دەسسەپ تۇرۇۋاتقان تۇپراقتىكىلەر ئارىسىدىكى پەرقلەر ۋە بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىمنى خاتىرىلىمەكچىمەن.
2. ئەسسالام شاڭخەي
سەھرادىن كېلىپ ۋەز ئېيتىۋاتقان، شاڭخەيدە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋاتقان سەن كىمۇ؟، دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشىڭلار مۇمكىن، مەن نوپۇسىمىزنىڭ ئەڭ كۆپ سالمىقىنى ئىگىلەيدىغان كۆك نامرات دېھقاننىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان، يىراق ناھىيىنىڭ ئەڭ چەت يېزىسىدىن كەلگەن بىر «سولتەك ئەپەندى». شاڭخەيگە كېلىپ بەش ئاي ئوقۇش شەرىپىگە قانداق ئېرىشىپ قالغانلىغىم بەلكى بىر تاساددىپىيلىق بولسا كېرەك. دەسلىپىدە مەتبۇئاتنىڭ بۇرجەكلىرىدە ئېلان قىلىنىپ قالىدىغان پارچە- پۇرات يازمىلىرىمغا قاراپ مېنى تىزىملاپ سالدى بولغاي، كېيىن «رەسمىي ئاشۇ بارىدۇ، ئورنىغا باشقىلارنى ئەۋەتىشكە قەتئىي بولمايدۇ» دەپ بىر پارچە «قىزىل باشلىق تۈگۈنەك» يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئامالسىز يول كىرايىمنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ يولغا سېلىشتى. مەن بۇيەرگە كەلگەندىن كېيىن كۆردۈمكى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى مەكتەپ، ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئۇيغۇر- قازاق ئىقتىساسلىق خادىملىرىدىن يىگىرمە نەچچەيلەنلا كەلگەن ئىكەنمىز.
ياتىقىمىز ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قولىمىزغا مەكتەپتىكى مۇسۇلمان ئاشخانىسىدىن تاماق يەيدىغانغا كارتا بېرىلدى. شۇندىن كېيىن ئىشلار ئىزىغا چۈشۈپ كەتتى. كۈندە ئالتە سائەت پروفېسسور، دوكتورلارنىڭ يېڭى دەرسلىك، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ھەققىدىكى لېكسىيەلىرىنى ئاڭلايمىز، يېڭى مەزمۇنلاردىن، بولۇپمۇ مائارىپ تۈزۈمى ۋە تۈزۈلمىسى ھەققىدىكى تەلقىنلەردىن گاھى ھەيرانلىق ئىلكىدە، گاھى بەس- مۇنازىرە ئىچىدە خاتىرە قالدۇرىمىز. ئەمما تاماق...ھەي ئەڭ ياخشىسى يېيىش ئۈچۈنلا كەلمىگەندىكىن تاماق توغرىسىدا سۆزلىمەيلا قوياي، ھېلىمۇ بىر يەرگە كەلسەكلا تاماقنىڭ گېپى.
3. شاڭخەي مائارىپىدىن مەكتەپلىرىمىزگە نەزەر
ئەمدى مائارىپىمىزدىكى ئۆزۈم ھىس قىلغان پەرقلەر ۋە تەسىراتلىرىمنى بايان قىلىشقا ئۆتەي:
مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاۋۋال مائارىپىمىز ھەققىدە مېنى تەخىرسىز ئويلارغا سالغان مەزمۇنلارنى بايان قىلىمەن. شاڭخەيلىكلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەدەنىي تۇرمۇشىنى ئەلۋەتتە يەنە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مائارىپىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مېنىڭ شاڭخەيدىكى مەكتەپلەردە كۆرگىنىم ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەركىن، غەمسىز ئۆگىنىش مۇھىتىنىڭ بارلىقى بولدى(ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەلۋەتتە ئۆگەنگۈچى- دە،). مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى مەكتەپ مۇھىتىدىنلا ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. مەكتەپلەر خۇددى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلەنگەن، رەڭگارەڭ كىيىم كىيگۈزۈپ قويۇلغان بوۋاقتەك، بەكلا چىرايلىق تۈستە ئىكەن. يول بويىدىكى سېدىلەر ھەرۋاقىت ھەرخىل سىياق، ھەرخىل تۈستە شەكىلگە كىرگۈزۈلۈپ چىرايلىق ياسىلىپ تۇرغان بولغاچقىمۇ سەنئەت پۇرىقى، گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىپ تۇرىدىكەن. مەكتەپكە كۆيۈنۈش، مەكتەپنى ئاسراش، مۇھىتنى قوغداش ئېڭى ھەممەيلەننىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن چېغى، ھەممىسى بۇ مەكتەپ ئاتلىق «ئانا» سىغا بەكلا مېھرىبان ئىكەن. كۆلدە ئويناپ پىلتىڭلاپ تۇرىدىغان ھەرخىل رەڭدىكى ئالتۇن بېلىقلار، ياپ- يېشىل، پاك- پاكىزە چىملىقلار، چاقچۇق يوللار، رەتلىك، ئازادە، يارىشىملىق كىيىنگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوشۇققىچە توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان يوللىرى، توپىدا ئېغىناپ، كىيىملىرىگە قارىغۇسىز بولۇپ كەتسىمۇ پەرۋاسىز ئويناپ يۈرىدىغان بالىلار، قۇرتلاپ كۆكىرىپ تۇرىدىغان سۇ سېپىش كۆلچەكلىرى خىيالىمدا روشەن سېلىشتۇما بولۇپ قالدى. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ھەم بىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويغان يەنە بىر ئىش:
بىر كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككىنچى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە دەرس ئاڭلاشقا باردۇق. دەرس باشلاشتىن بۇرۇن مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم بۈگۈنكى دەرس ئاڭلاش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمىزنى دەرس ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزنى ئېيتتى. ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن، دەرس تەبىئىي بىر تۈستە باشلىنىپ كەتتى. مەن يېڭى دەرسلىك ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى خېلى تەتقىق قىلغان بولغاچقا، نەزەرىمدىكى بۇ سائەتلىك دەرستىمۇ دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان، ئېلېكتىرلىك ۋاستىلەردىن كۆپلەپ پايدىلىنىدىغان، شەكىلۋازلىق بىلەن تولغان بىر دەرس بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان ئىدىم. گەرچە ئۆزۈم ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك، دېگەننى تەكىتلىگۈچى بولساممۇ، بۇ ئويۇمدىن سەل گۇمانلىناتتىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇردى، دەپ ئاساسىي نەزەرىيىلەر تاشلىنىپ قېلىپ، قوشۇمچە مەزمۇنلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكرارغا سېلىپلا دەرسنى بولدى قىلىدىغان، دەرسنىڭ ئالدىدا دەبدەبىلىك ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئوقۇتۇش نىشانىغا يېتەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللارنى كۆپ كۆرگەن ئىدىم. ئەمما بۇ سائەتلىك دەرس ئۇنداق بولمىدى. ھەمدە گۇمانىمدىكىدەك بۇ ئوقۇتقۇچى ھەممە ۋاقىتنى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىۋەتمىدى، ئەمما ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىنى ئۆزىنىڭ ئازادە بىر پائالىيەت سورۇنى دەپ بىلىدىغان چېغى، ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈپ ئولتۇردى. ئېلېكتىرلىك ۋاستىلاردىنمۇ ئەركىن پايدىلىنىلدى، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ئۆزى نەق مەيداندا مەشغۇلات ئېلىپ باردى. ئەڭ قايىل قىلىدىغان يېرى- ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىغا، دۇنيا قارىشىغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىپ تۇردى. ئوقۇتقۇچى شۇقەدەر ھېسسىياتلىق بايانلارنى سۆزلىدىكى، دەرسنىڭ نەچچە يېرىدە ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس، دەرس ئاڭلاشقا كەلگەنلەرنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ياش ئەگىدى. ئوقۇتقۇچى خۇددى بىر يېتىلگەن سەنئەتكاردەك تېكىستنى شۇنداق ھېسسىياتلىق ئىنتۇناتسىيە بىلەن گاھ جاراڭلىق، گاھى ئاران ئاڭلىغىلى بولغىدەك ھالدا، ئاجايىپ بىرسەنئەت بىلەن ئوقۇدى. ئەسەر باش قەھرىمانىنىڭ ئۆگىنىشتە تارتقان جاپالىرىنى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتكۈدەك بايان قىلدىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى يىغلاپ سېلىشتى. سىنىپ كەيپىياتى چىۋىن ئۇچسىمۇ ئاڭلانغۇدەك جىمجىت بولۇپ، پەقەتلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاجايىپ يۇقىرى ناتىقلىق تالانتى نامايەن بولۇپ تۇراتتى. دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىختىيارسىز ھالدا يانچۇقلىرىمىزدىن قول ياغلىقلىرىمىزنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇق. باش قەھرىماننىڭ تارتقان جاپالىرىغا لايىق زور نەتىجە قازانغانلىقى سۆزلەنگەندە بولسا سىنىپ ئىچىدىكى كەيپىيات بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. دەرس ئاخىرىدىكى سوئاللارغىمۇ ئوقۇغۇچىلار جانلىق كەيپىيات ئىچىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشتى. ئوقۇتقۇچى قانداقتۇر ئولۇغ قانۇنىيەتلەرنى بايان قىلىپ، يادلاشقا تاپشۇرۇق بەرمىدى، جاپا تارتىپ ئۆگەنسە ئاشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئاغزىغا كۆپۈك كەلتۈرۈپ سۆزلەپ يۈرمىدى. ئەمما ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىىياتىغا توختاۋسىز بۆسۈپ كىرىپ، دېمەكچى بولغانلىرىنى تولۇق ئېيتىپ بولغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دونيا قارىشىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىپ بولغان ئىدى. دېمەك، دەرس كۈتكەن نىشانغا ئۈنۈملۈك يەتكەنىدى. يەنى بىز نەزەرىيەدە ھەمىشە سۆزلەيدىغان ھېسسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشىنى ئۈنۈملۈك سىڭدۈرۈپ بولغان ئىدى. مۇشۇ دەقىقىدە كۆز ئالدىمغا بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىكى ئۆلۈك، مېخانىكىغا ئايلىنىپ كەتكەن قائىدە- تېرمىنلارنى ئىزىپ سۆزلەپ كېتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇتقۇچىنىڭ كايىپ كېتىشى بىلەن پەرۋايى يوق ھالدا ئالدىدىكى قىزلارنىڭ چېچىنى تارتىپ ئويناپ ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار كېلىۋالدى.
دەرس ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىدىن: «سىز شائىرمۇ ياكى سەنئەتكارمۇ؟» دەپ شۇنداق سورىغۇم كەلدى. ئەمما بىلىپ تۇرۇپتىمەنكى ئۇ شائىرمۇ، سەنئەتكارمۇ ئەمەس، بەلكى مۇنبەردىكى بىر مۇتەخەسسىس ئوقۇتقۇچى ئىدى. يەنە ئۇنىڭدىن: «دەرسخانىدا بىلىم بېرىشتە قائىدىنى بىلدۈرۈش مۇھىممۇ ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىغا ھۇجۇم قىلىش مۇھىممۇ؟» دەپ سورىغىم كەلدى. ئەمما سورىمىدىم. چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بۇنىڭ جاۋابىنى ماڭا بېرىپ بولغان؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نازۇك بولغان ھېسسىي دۇنياسىغا ئۈنۈملۈك بۆسۈپ كىرەلىگەندىلا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، قۇرۇق قائىدىلەرنىڭ، قۇرۇق نەزەرىيە تۈسىدە ھېچقانداق ئىنكاسسىز ھالدا ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىغىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىش بۇلا ئەمەس. دەرس ئاخىرىدا بىلدۇقكى، قولىمىزغا تارقىتىپ بېرىلگەن ماتېرىيال ئەسلىدە دەرسلىكتىكى مەلۇم بىر تېكىست بولماستىن مۇئەللىم ئۆزى لايىھەلىگەن تېما ئىكەن! يەنى ئەسلىي تېكىستتە شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان، يەتمەكچى بولغان نىشانى ئوخشاش بولغان بىر تېكىست بار ئىكەن. ئەمما ئوقۇتقۇچى ئۇ تېكىستنى ئىشلەتمەستىن شاڭخەيلىكلەرنىڭ كۆپ قىسىمى تونۇيدىغان بىر يازغۇچىنىڭ تەسىرلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىنى دەرسلىك قىلىپ لايىھەلىگەن ئىكەن. بۇ لايىھەدە تەسۋىرلىنىۋاتقان شەخس ئوقۇغۇچىلار ياشاۋاتقان جايدا، ئۇلارنىڭ دۇنياسىغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ، ئىشقىلىپ دەرستە ئاشۇنداق زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغانلىقىغا شەكلەنمىدىم. شۇنداقلا بىزنىڭ دەرسخانىلىرىمىزدىكى ھەقىقىي بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىشنى يادىمغا ئېلىپ قالدىم:
بىر قېتىملىق تويۇقسىز ئېلىپ بېرىلغان باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوچۇق دەرس ئاڭلاش پائالىيىتىدە بىر ئوقۇتقۇچى لېنىننىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ۋازىنى سۇندۇرۇپ قويغانلىقى سۆزلىنىدىغان دەرسنى ئۆتمەكچى بولغان. دەرس داۋامىدا بىر ئوقۇغۇچى:« مۇئەللىم، ۋازا دېگەن نېمە؟» دەپ سورىغان، ئوقۇتقۇچى دەماللىققا جاۋاپ بېرەلمەي، يەنە بىر ئوقۇغۇچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ:« سەن دەپ باقە، ئاۋۇ كالۋا ۋازىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن؟» دەپ سورىغان. ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپلا:«ۋازا دېگەن تەشتەك» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئوقۇتقۇچى بۇنى ئاڭلاپ:«ئاڭلاشتىڭمۇ؟» دەپ قويۇپلا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا، يەنە بىر ئوقۇغۇچى:« مۇئەللىم، ۋازىنى كىم چاقتى؟» دەپ سورىسا، قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەن بۇ ياش ئوقۇتقۇچى: «تەشتەكنى چاققان ئوقۇغۇچى دەرھال ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل، مەن تېپىۋالىدىغان بولسام-ھە!» دەپ ۋارقىرىغان. دەرس ئاڭلاشقا كەلگەنلەر ئىختىيارسىز قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتكەن ھەمدە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا خېلىلا ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. دېمەك، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئۆزى دەرسلىك لايىھەلەش تۈگۈل، دەرس مەزمۇنىنىمۇ تۈزۈكرەك كۆرمەيلا دەرسخانىغا كىرىپ كەلگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاخىرى «چورۇق بىلەن خامپىغا سەكرىگەن». بۇ يېزا ئاساسىي قاتلام مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسىمى خالاس. ھازىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ھەتتا شاڭخەينىڭ پروفېسسورلىرى بىزگە:«يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتىمىز» دەپ سۆزلەۋاتىدۇ. دېمەك، ئۇلارمۇ تېخى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ ئەندىزىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، دېگەن گەپ. ئەمما بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە كىم نەزەرىيەۋى گەپلەرگە ئۇستا بولسا، كىم جەلپ قىلارلىقراق گەپ قىلالىسا، شۇنىڭ دېگىنى بويىچە يېڭى دەرسلىككە كىرىپ كېتىۋاتىمىز. ئىلمىي مۇدىرلىرىمىز:«يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى بويىچە دەرسنى مۇنداق...مۇنداق...تەييارلاپ، مۇنداق ئۆتىسىلەر» دەپ ئاللىقاچان بىزگە قېلىپ ھازىرلاپ بېرىپ بولدى. دېمەك، بىز يېڭى دەرسلىكنى يولغا قويۇپ بولدۇق. ئەمما باشقا پەنلەرنى قويۇپ تۇرايلى، ئەدەبىيات پېنىنى ئالساق، بۇرۇن ئەدەبىيات ئوقۇغۇچىلارنى باشقا پەنلەرگە قارىغاندا جەلپ قىلالايدىغان دەرس ئىدى. يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىتاپتىكى ئۆلۈك ئەدەبىياتنى رېئاللىقتىكى ھېسسىياتقا ئىگە تىرىك پەنگە ئايلاندۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلاتتى. بىز ئەمدى كىتاپتىكى ئۆلۈك ئەدەبىياتنى ئەمەس، رېئاللىقتىكى تىرىك پائالىيەتلەرگە ئەدەبىي نۇقتىدىن باھا بېرەلەيدىغان، رېئال شەيئىلەر ئارقىلىق ھېسسىيات تەربىيەسى بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىي دۇنياسىنى ئويغىتىدىغان، ئۇلارنىڭ ئېڭىغا ئۆزلۈكسىز تەسىر ئۆتكۈزىدىغان بولۇشىمىز كېرەك ئىدى. كىتاپتىكى مەۋھۇم تېمىلارغا بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلماي، ئاشۇ ئۈنۈمنى قازىنىش ئۈچۈن نەزەرىمىزنى مەكتەپتىن ھالقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان تېمىلارنى لايىھەلەپ، ئۇلارنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشقان، تېخىمۇ ھېسسىي ھەم رېئال بولغان ئەدەبىياتقا باشلاپ كىرىشىمىز، ئۇلارنىڭ نازۇك بولغان دۇنيا قارىشىنى گۈزەل شەيئىلەر ۋاستىسى ئارقىلىق گۈزەللىك ئالىمىگە باشلاپ كىرىشىمىز كېرەك ئىدى...
4. دەرسخانىدا
بىر كۈنى دەرسخانىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بىر ئوقۇتقۇچى يېڭى دەرسلىك ھەققىدە سۆزلەۋېتىپ دوسكىدا بىر رەسىمنى كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپاراتىدىن پايدىلىنىپ كۆرسەتتى. رەسىمدە قىزىل گالىستۇك تاقىغان بىر ئوقۇغۇچى ئۆرە تۇرۇپ قولىنى شىلتىۋاتقان، ئوقۇتقۇچى تۆت پۇتلۇق بولۇپ يېلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش سىزىلغان ئىدى. ئوقۇتقۇچى بۇ رەسىمنى كۆرسىتىپ:«سىلەر بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرۈپ باققانمۇ؟» دەپ سورىدى. بىز گاڭگىراپ قېلىشتۇق. باشقىلار دەرھاللا :«كۆرمىگەن» دەپ ئىنكاس بىلدۈرۈشتى. ئەمما بىردىنلا كۆز ئالدىمغا گەرچە 21- ئەسىردىن ھالقىپ ئۇچۇر دەۋرىدە كېتىۋاتقان بولساقمۇ، سىنىپلىرىمىزغا ئوقۇغۇچى كەلتۈرەلمەي تارتىدىغان جاپالىرىمىز، گەرچە بۇ باشقىلارغا كونا تېما بولسىمۇ، بىزگە «مەڭگۈلۈك تېما» بولۇپ تۇيۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىش مەسىلىسى ياندىشىپ كېلىۋالدى.
- تۈپ سانىڭ ئەللىك ئۈچ، بۈگۈن كەلگىنى يەتتە، ئەتە كېلىدىغان باھالاشقا ئۈلگۈرۈپ سىنىپىڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېسبىتى ٪98 گە يەتمەيدىغان بولسا، كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتلەشتۈرۈپ مائاشىڭنى كولايمىز! - مۇدىرلىرىمىزنىڭ سېمىز قوۋزىنى كۆپتۈرۈپ مانا مۇشۇنداق گۈركىرەشلىرى يادىمغا يېتىشى ھامان ئىختىيارسىزلا :
- رەسىمدىكىدەك ھالەت بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا بار،- دەۋەتتىم. سۆزۈمنى تەپسىلىي ئاڭلىغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ۋە كۇرسانتلار مەن سۆزلىگەن ئەھۋاللارنى تەسەۋۋۇرىغا پەقەتلا سىغدۇرالمىدى. قايسى بىر ناھىيىدىن كەلگەن بىر ئوقۇتقۇچى:
- سىلەرنىڭ مەكتەپلەردە ئىككى ئاساسەن قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلمامدۇ؟- دېۋىدى، ئىتتىكلا:
- ئىككى ئاساسەننىڭ باھالىشى كەلگەن كۈنى ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىشى يۈز ئون پىرسەنت بولىدۇ،- دېدىم. دەرۋەقە، بىزنىڭ رايونلىرىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەرگە تۇراقلىشىشى باشنى ئەڭ قاتۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ مەسىلىگە ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت زور كۈچ سەرپ قىلدى. ئوقۇتقۇچىلار ھەركۈنى يىغىپمۇ ئەكىلەلمىگەندىن كېيىن يېزا مەسئۇللىرى بىز ئەكىلىپ بېرىشكە مەسئۇل بولىمىز، دەپ كەنت باشلىقلىرىنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلدى. بۇنىڭ بىر ئاز ئۈنۈمى بولدى. چۈنكى شادا پاچاق ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان بىلەن بوقا گەدەن مەھەللە باشلىغىنىڭ سۆزىنى دېھقانلار بەكرەك ئاڭلايدۇ ئەمەسمۇ، ئەمما بۇمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. مەكتەپكە كەلمىگەنلەردىن جەرىمانە ئېلىندى. نېمىلا بولمىسۇن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ بۇ ئىشقا كۆپ كۈچىدى، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ ئاساسلىق ئىشى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى يىغىشلا ئەمەستە! شۇنىڭ بىلەن دېھقان بالىلىرى: ئوقۇتقۇچىلار، كەنت كادىرلىرى كۈچىسىلا كېلىدىغان، بولمىسا كەلمەيدىغان رېزىنكە مىجەزنى يېتىلدۈرۈۋالدى.
باشقىلار بۇ ئەھۋاللارنى مۇلاھىزە قىلىپ ئېچىنىپ كېتىشتى. راستىنى ئېيتقاندا شاڭخەيلىكلەر مۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇرىغىمۇ سىغدۇرالمىدى، ھەتتا شىنجاڭدىن كەلگەن باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھەيران قېلىشتى. ئەمما ئەھۋال راستىنلا شۇنداق ئىدى. گەرچە كېتىۋاتقىنىمىز 21- ئەسىر بولسىمۇ؟!
ئەسلىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ رەسىمنى سىزىشتىكى مەقسىتى باشقا ئىكەن، ئەمما شۇ سائەتلىك دەرس ئوخشىمىغان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلىش بىلەنلا ئۆتۈپ كەتتى.
كۈنىگە ئالتە سائەت، گاھى كۈنلىرى سەككىز سائەت دەرس ئاڭلاش ھەممىمىزگە سەل ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئاڭلاۋاتقانلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى، قەلبىمىزدە ئۆزگىچە ئۆركەش ياسايدىغان گەپلەر بولغاچقا، دەرس ئاڭلاۋېتىپ ھاياجانغا چۆمۈپ كېتىمىز. مانا بۈگۈنمۇ شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دوكتور ئاسپىرانتلىرىنىڭ يېتەكچىسى شې مۇئەللىم سۆزلەۋاتىدۇ:
- ئېلىمىزدە ھازىر خەنزۇ تىلى بىلەن ئېنگلىز تىلىدىن ئىبارەت قوش تىل ئۆگىنىش يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىجابىي تەسىرگە ئىگە. مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئالمىشىپ، تەرەققىياتقا نۇرغۇن ياخشى پۇرسەت ۋە شارائىتلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىلىم تاكامۇللىشىدۇ. ئەمما بۇنىڭ سەلبىي تەسىرىنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ. يەنى بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە تارىخىمىزنى ئەمدىلىكتە مەيدانغا كەلگىنىگە ئارانلا بەش يۈز يىل بولغان ئېنگلىز تىلى مەدەنىيىتىنىڭ خىرىسىدا يەكسان قىلىپ، غەرپ مەدەنىيىتى ۋە غەرپ مەدەنىيىتىگە قۇل بولغان ئەللەرگە ئوخشاش ھالەتكە چۈشۈپ قالساق بولمايدۇ. چۈنكى تىل دېگەن بىر مىللەتنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى، ھازىر بىزدە ئېنگلىز تىلىغا چوقۇنۇش بەك ئېغىر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ بىلىمنى ئاساس قىلماي، مەيلى ئۇنۋان ئېلىش بولسۇن، مەيلى يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش بولسۇن، ھەرقايسى ئۆتكەللەردە ئېنگلىز تىلى سەۋىيەسىنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېنگلىز تىلىنىلا ئەمەس، غەرپ مەدەنىيتىنىمۇ ئەلا بىلىدىغان زەيپانە كىشىلەر ئاۋۇپ قېلىۋاتىدۇ، خۇددى يولداش ماۋزېدۇڭ ئېيتقاندەك:«بەزىلەرنىڭ بۇرنىغا يوناننىڭ ئۇسۇرىقىمۇ ناھايىتى خۇش پۇرايدىغان بولۇپ كەتتى». ماۋزېدۇڭنى ئالايلى، ئۇ خەنزۇتىلىدىن باشقا ھېچقانداق تىل بىلمەيتتى. ئەمما ئۇ دونيا ئېتىراپ قىلغان سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دانا يولباشچى، ئولۇغ داھىي! ئۇ ئانا تىلىدىن باشقا تىل بىلمىگەن شارائىتتىمۇ شۇنداق زور نەتىجە يارىتالىغان. بۇنداقلار تارىختا كۆپ. ئەمما بۇ ھېچقانداق چەتئەل تىلىنى بىلمىسەڭمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. ناۋادا ماۋزېدۇڭمۇ باشقا مەدەنىي تىللارنى بىلگەن بولسا، يات مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆزىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۇرگەن، ھەتتا ئون يىللىق قالايمىقانچىلىق بولمىغانمۇ بولار ئىدى... شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئەمەلىيەتتە تىل دېگەن بىر ۋاستە، كۆۋرۈك. ھەرگىزمۇ مەقسەت ئەمەس. بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك قاراڭغۇ ئۆيگە بىر دەرىزىنى ئارتۇق ئاچقان بىلەن باراۋەر، قاراڭغۇ ئۆي دېگەنگە قانچە كۆپ دەرىزە ئاچساڭ شۇنچە يورۇق بولىدۇ. ئەمما بىز دەرىزىنى ئېچىش بىلەنلا قالماي، ئاشۇ دەرىزىدىن پايدىلىنالايدىغان كۈچلۈك كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىمىز، دەرىزىدىن كىرىدىغان ساپ ھاۋادىن پايدىلىنىش بىلەن بىللە، بۇلغانغان نەرسىلەرنىڭ كىرىشىنى توسىيالايدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈشىمىز، ھەتتا ئۆي قانچە يورۇق بولسىمۇ بېكىنىۋالماستىن، سىرتقا چىقىپ تاشقىي مۇھىتنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن كۆزىتەلەيدىغان، سىرتقا چىقتىم دەپ، يات مەدەنىيەتنى ماختاپ، ئانا مەدەنىيىتىمىزنى خارلىمايدىغان، بەلكى ئۇنى قوغدايدىغان ئەركەكلەرچە غۇرۇر تۇيغۇسى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك! ...
پروفېسسورنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خىيالغا چۆكۈپ قالدىم.
5.شاڭخەيدىكى شەرق گۆھىرىنىڭ كۆزىدىن يۇرتقا نەزەر
بۇ يەرگە كەلگەنلەر ئاز بولغاچقىمۇ ياكى شۇنداق پىلان بارمۇ، پائالىيەتلىرىمىز ناھايىتى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مانا بۈگۈن «جوڭگۇنىڭ كۆزى» دەپ تەرپلىنىپ كېلىۋاتقان جۇڭگودىكى ئەڭ ئىگىز بىنا- شەرق گۆھىرىگە چىقىپ كېتىۋاتىمىز. بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەرخىل ئېرىقتىكى، ئوخشىمىغان تىللاردا سۆزلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلەر بۇ يەرنى ناھايىتى ئاۋاتلاشتۈرىۋەتكەنىدى. شەرق گۆھىرىنىڭ يەر يۈزىدىن ئۈچ يۈز نەچچە مېتىر ئېگىزدىكى كومزىكىگە(بۆلمىسىگە) چىقىپ شاڭخەينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى، تىنچقىنا لۆمشىپ ئېقىۋاتقان خۇاڭ فۇجياڭ دەرياسىنى تاماشا قىلدۇق. مېنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى خۇاڭ فۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىمۇ، شەرق گۆھىرى ئىچىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گۈزەللىكلەرمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ يەرگە كەلگەن مېھمانلار ئىچىدىكى بالىلارنىڭ كۆپلۈكى بولدى. مەيلى چەتئەللىكلەر بولسۇن، مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن ھەممىسى دېگۈدەك بالىلىرىنى يېتىلىۋالغان ئىدى. بۇ ئەھۋالغا پەن- تېخنىكا سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغىنىمىزدىمۇ كۆپرەك دىققەت قىلغان ئىدىم. پەن- تېخنىكا سارىيىغا كەلگەنلەرمۇ بالىلىرىغا كۆپرەك بىر نەرسە كۆرسىتىش، ئۆگىتىشنى مەخسەت قىلغان چېغى، ئۆزى پائالىيەت قىلمىسا قىلماي، بالىلىرىغا راكىتا، ھەرخىل نەرسىلەرنىڭ مودېللىرىنى تونۇشتۇرۇپ، تەجرىبە خاراكتېرلىك نەرسىلەرنى قول سېلىپ قىلغۇزۇپ كېتىۋاتاتتى. مانا شەرق گۆھىرىنىڭ مېھمانلىرى ئىچىدىمۇ كىچىك مېھمانلارنىڭ نېسبىتى خېلىلا يۇقىرى ئىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ بىزلەرنىڭ بىر يەرگە ساياھەتكە بارماقچى بولساق:
- بالىلارنى ئايرىم ئاپارغان ياخشى، تۈزۈكرەك ئوينىغىلى قويماي خاپا قىلىدۇ. ھەممىمىز جىدەلخورلىرىمىزنى ئۆيدە قويۇپ ماڭىمىز،- دەيدىغان قاراشلىرىمىز، بىچارە بالىلارنىڭ ئۆي مەھبۇسى بولۇپ بويۇن قىسىپ قالىدىغانلىقى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى.
تۇرۇپلا شۇنداق خىيالچان، غېرىپ بولۇپ قالدىم، غايىسى ئولۇغۋار، ئېتىقادى قۇرۇق بىر جامائەنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقاندەك بولۇپ تولىمۇ سىقىلدىم ۋە بۇ سىقىلىشلىرىمنى مۇنداق مىسرالارغا جەم قىلدىم:
تائەتكە ئولتۇردۇم شاڭخەيدە تەنھا،
جۈر بولدى شاماللار ماڭا ئۈن قېتىپ.
قۇشقاچلار ھەيرانە كەتتى چۇرۇقلاپ،
ياپراقلار باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ.
تائەتكە ئولتۇردۇم شاڭخەيدە تەنھا،
تاڭ قالدى خۇاڭ فۇجياڭ خىيالغا پېتىپ.
تەنھا مەن بىر ئولۇغ ھېكمەت قېتىدا،
يۈرىكىم يىغلايدۇ، باغرىم چاك ئېتىپ.
تائەتكە ئولتۇردۇم شاڭخەيدە تەنھا،
كۈلدى ئاي سۈتتەك ئاق نۇرىنى چېچىپ.
قارىدى بىردىنلا كۆرگەندەك مېنى،
شەرقنىڭ گۆھىرى (1) كۆزىنى ئېچىپ.
تائەتكە ئولتۇردۇم شاڭخەيدە تەنھا،
يۈرمەكتە ئادەملەر قولاقنى ئېتىپ.
جۈر ئەمەس ھېچكىشى نىدالىرىمغا،
مۇناجات ئوقۇدى دېڭىز ئۈن قېتىپ!
6. ئاشخانا ۋە ئاپتوبۇستا
روھىمنى قاتتىق غېرىپلىق بېسىۋالغان ئاشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپ ئىچىدىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىغا يالغۇز كىرىپ قالدىم (باشقىلار بازار ئارىلىغىلى چىقىپ كەتكەن ئىدى). تاماقنى كەلتۈرۈپ قويۇپ (ئەلۋەتتە ھەرۋاقلىغىمىزغا گۈرۈچ تامىقى)، خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن. ئاشخانىنىڭ ئىچىدە لىققىدە ئادەم. ئەمما ھەممىسىنىڭ زۇۋانى باشقا، ساپ ئۇيغۇرچە كۈلكە- چاقچاقلار بىلەن قايناپ تۇرىدىغان قايناق ئاشخانىلار، قاراپ ئولتۇرغۇدەك ئوخشايدىغان لەغمەنلەر قەيەردە قالدىكىن. شۇ خىياللار بىلەن نېمە بولغىنىنى بىلمىدىم، ئاش سۈيىنى ئىچىش ئۈچۈن كۆتۈرگەن چىنە قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى (بۇيەردە چاي ئورنىغا ئاش سۈيى بېرىدىكەن). «تاراققىدە» قىلغان ئاۋاز بىلەن كۆينىكىم، ئىشتانلىرىمغا تۆكۈلگەن ئاش سۈيى مېنى بەكلا ئوسال ئەھۋالغا قويدى. پالاكەتلىكىمنى قارىمامدىغان، ئىتتىك ئەتراپىمغا قارىدىم. توۋا دەيمەن، جىممىدە ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقان شۇنچە كۆپ ئادەم، پۈتۈن تاماقخانىنى بىر ئېلىپ تاراقلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ماڭا قاراپمۇ قويماپتۇ دېسە، ھەممىسى ئۆز ئىشى بىلەن ئىدى. بىر چاغدا ئاشپەز ئۇستاملاردىن بىرى پاكىزە لۈڭگىدىن بىرنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. مەن خىجالەت ئارىلاش ئۈستىۋېشىمنى سۈرتۈپ رەھمەت ئېيتتىم. ئەگەر يۇرتتا مۇشۇنداق ئەھۋال بولغان بولسا ئەتراپىمدىكىلەر دوستلىرىم بولغان تەقدىردىمۇ قىقاس سېلىپ كۈلگەن، ھاماقەتلىكىمنى يەتكىچە مازاق قىلغان بولار ئىدى. تونۇمايدىغانلارمۇ مېنى سۈرۈشتە قىلىپ: «قانداق كالامپاي بىرنېمە بۇ؟» دەپ ئۈستۈمدىن گەپ تاپارىدى.
مەن بۇلارنى بىلىمنىڭ ئەخلاققا ئايلىنىشى دەپ قارىدىم. ئۇلار زىيادە ئەخلاقلىق ھەم تەرتىپلىك ئىكەنكى، ئاممىۋى سورۇنلار ئادەم شالاڭ يەردىكىدىن جىمجىت، كوچىلارنىڭ پاكىزلىقىدىن قولۇڭدىكى كەمپىت قەغىزىنى ئەخلەت ساندۇقى ئۇچرىمىغۇچە ساقلاپ يۈرۈشكە مەجبۇرسەن، گەرچە ھېچكىم دىققەت قىلمىسىمۇ كوچىغا ئەخلەت تاشلاشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. ئەمما مەن ئاشۇ ئەخلاقتىن بىر ئاز گۇمان قىلىپمۇ قالدىم. چۈنكى شۇقەدەر ئەخلاقلىق شاڭخەيلىكلەر ئارىسىدىمۇ كىشى كۆرمىـگەندە كوچىغىلا كىچىك تاھارەت قىلىپ قويىدىغان؛ يەر ئاستى پويىز ئىستانسىلىرىدا ئولتۇرغان تىلەمچىلەرگە قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كېتىدىغان؛ ئاپتوبۇستا ياشانغان، ئاجىز كىشىلەرگە ئورۇن بەرمەيدىغان؛ چوڭ كوچىلاردا بالكونلىرىغا خادا تېڭىپ كۇسار- مايكىلىرىنى يۇيۇپ ئېسىپ قويىدىغان ئەھۋاللارغا دىققەت قىلدىم. كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىكنىڭ بىر ئورنى مۇشۇ شاڭخەي تۇرسا، شۇ ۋاقىتتىمۇ مۇشۇنداق قىلارمۇ؟ دەپ ئەندىشە قىلىپ قالدىم. يەنە شاڭخەيلىكلەردىكى ئەخلاقنى ماددىلاشقان ئەخلاقكەن دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. جەمىئىيەت شۇقەدەر كۈچلۈك ماددىلاشقان تۇرسا ئادەملەرنىڭ قەلبى ماددىلاشماي قالارمىدى؟ توغرا، مەن ئەخلاقنىڭ ھەقىقىي يىلتىزى بىلىم دېگەن قاراشتىن گۇمانلىنىمەن. چۈنكى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق خەلقلەرنى ئاللىقانداق شاپائەتلەر باھانىسىدا ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىۋاتقان ئامېرىكىلىقلارنى كىم بىلىملىك ئەمەس دەيدۇ؟...
بىر كۈنى ئاپتوبۇستا ناھايىتى قېرىپ كەتكەن بىر كىشىگە ئورۇن بوشىتىپ بەردىم. ئەمما ئېنىق كۆردۈمكى، يەنىلا ئۆتكۈر ھالدىكى گۇمانىي نەزەرلەردىن ساقىت بولالمىدىم. يېنىمدىكى ساۋاقدىشىم:«بىزلەر كوچىدا ۋەلىسىپىتتىن يېقىلىپ چۈشكەن ئادەمگە ئىچ ئاغرىتىپ، بېرىپلا ئۇنى يۆلەيمىز، ئەمما شاڭخەيدە يىقىلىپ چۈشكەن ئادەمنى كىشىلەر ئاسانلىقچە يۆلىمەيدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن، ئاشۇ كىشىنى يۆلىسە كېلىپ چىقىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتنى ئويلايدۇ. ئەگەر ئۆزى قىلغان ئاشۇ ياردەم ئۆزىگە ئىقتىسادىي ھەم باشقا جەھەتتە بالا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتسە ئاندىن يۆلەيدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئېڭىمىزدا يىقىلغان ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئويىلا بولىدۇ، ئاقىۋەتنى ئويلىمايمىز» دېدى. بۇ توغرا ئېيتىلغان گەپتەك قىلاتتى. بۇ يەرگە كېلىپ ئاچچىقىم كەلگەن يېرى، كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقسام كۆپلىگەن شاڭخەيلىكلەرنىڭ ئالۋاستىنى كۆرگەندەك سومكىلىرىنى قولىغا ئېلىپ چىڭ قۇچاقلىغىنىچە مەندىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى بولدى. بۇ ئەھۋالغا قاراپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم. ئىلگىرى :«ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلارنى خۇددى سىگانلاردەك ھەممىسىنى ئوغرى دەپ قارايدۇ» دېگەننى ئاڭلىغان ئىدىم. مانا ئەمدى بۇ گەپلەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىۋاتاتتى. شۇڭا كوچىدا ماڭسام، خۇددى بىرى مېنى تۇتۇۋېلىپلا «ئوغرى!» دەپ جار سالىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپمۇ قالدىم. ھەي، ئوبرازىمىزنى نېمە قىلىۋالدۇق-ھە!...
7. بۇ مەكتەپتىكى تەنھا ئوقۇغۇچى
شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدەك چوڭ بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار، دەپ پەرەز قىلغان ئىدۇق. ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان ئاشخانىسىدا بىزدىن باشقا بىرمۇ ئۇيغۇرنى كۆرەلمىدۇق. چېكىسىگە «مۇسۇلمان ئاشخانىسى» دەپ يېزىلغان ئاشخانىنىڭ ئىچىگە ھەربىر كىرگىنىمدە بىرەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۇچرىتىپ قالىمەنغۇ، دېگەن ئۈمىد بىلەن ئەتراپقا نەزەر سالاتتىم. ئەمما ئۇيغۇر سىياق بىرەرسىنىمۇ ئۇچرىتالمايتتىم. بىر كۈنى ئاشخانىغا كىرىپ كېلىشىمگىلا ئىگىز بوي، يارىشىملىق مايسا بۇرۇت قويۇۋالغان تىپىك ئۇيغۇر چىراي بىر يىگىت كۈلۈمسىرەپ قولىنى سۇنغىنىچە ئالدىمغا كەلدى. ھاياجېنىمنى تەستە بېسىپ قىزغىن كۆرۈشۈپ، پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئەنۋەر ئىسىملىك بۇ يىگىت دەرۋەقە مۇشۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.
ئۇيغۇرغا بولغان مۇھتاجلىق ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئەنۋەر بىلەن ئىككىمىزنى خۇددى قېرىنداشلاردەك ئۆتىدىغان، ھال- مۇڭ بولۇشىدىغان قىلىپ قويدى. ئۇنىڭ ئوچۇق- يۇرۇق، مەردانە خاراكتېرىگە قاراپ، بىرەر زەردارنىڭ بالىسى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن، كىچىككىنە بېشىغا چۈشكەن ھايات دوقاللىرىدىكى ئەگرى- توقاي كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا بولسا، ئىختىيارسىز ھالدا بۇ ئىرادىلىك يىگىتكە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم.
ئۇ ئەسلى مەن ئويلىغاندەك زەردار ئائىلىسىدە ئەمەس، بەلكى ئاقسۇدىكى ئاددىي بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغانىكەن. ئېسىنى بىلگىنىدە ئانىسى ئۇنى- بۇنى ئېلىپ- سېتىش بىلەن ناھايىتى جاپالىق ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ بۇ ئائىلىنى بېقىپ كەلگەنىكەن. ئەنۋەر مەكتەپتە تىرىشىپ ئوقۇپ ھەممە بالىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپتۇ. ئاشۇنداق ئەقىللىق بىر بالا ئاپىسىنىڭ تارتىۋاتقان جاپالىرىغا چىداپ تۇرالىسۇنمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئەنۋەر مەكتەپتىن يانسىلا گازىر- پۇرچاققا ئوخشاش ئۇششاق نەرسىلەرنى ئېلىپ ساتىدىغان كىچىك ئوقەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ، قىلىپ باقمىغان «تىجارىتى» قالماپتۇ. مەكتىپىدە ئۇنى ساۋاقداشلىرى «شەرق سودىگىرى» دەپ زاڭلىق قىلسىمۇ، تىجارەتتە قانچە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىمۇ ئاپىسىنىڭ جاپالىرىنى ئويلىسىلا ھەممىنى ئۇنتۇپ ئىشلەپ كېتىدىكەن. ئەمما ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئۆيدىكىلىرىنى خاتىرجەم قىلىدىغان يېرى- ئۇ يەنىلا دەرستە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا بولۇپ ھەمىشە مۇكاپات ئېلىپ مېڭىپتۇ. بۇ ئادەت ئۇنىڭغا مۇشۇ شاڭخەيگىچە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ. ئەنۋەردىن «ئوقۇش بىلەن ئىشلەش بىر- بىرىگە توسقۇنلۇق قىلمامدۇ؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:«باشقىلار ئەلۋەتتە شۇنداق ئويلايدۇ. ئەمما مەن ئۆگەنگەندە قاتتىق بېرىلىپ ئۆگىنەتتىم، ئىشلەشنى بولسا دەم ئېلىش، دەپ بىلەتتىم. چۈنكى بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ، كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ سېتىپ، جاپالىق ئىشلىگەندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىسىز، تاپقان پايدىڭىز ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىۋېتىدۇ. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتەلىگىنىمنى ئويلىسام، ئەلۋەتتە ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاننىڭ ئۈستىگە بىرخىل بەخت ھېس قىلىمەن- دە! بۇ يەردە ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىنى ئويلاپ ئولتۇرسىڭىز ھېچ ئىش قىلمىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ۋىجدانغا خىلاپ ئىش بولمىسىلا ئەنسىرەشنىڭ، باشقىلارنىڭ بىرنېمە دېيىشىدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ھالال ئەمگەك ھەرگىزمۇ نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس. سىز ئىشلەپ باقمىغان بولسىڭىز بۇ خىل تۇيغۇنى ھېس قىلالمايسىز، ئەلۋەتتە. توغرا، بىز قىلغان ئازراق ئىشىمىز بىلەن ھال ئېيتىشقا، ۋايساشقا بېرىلىپ كېتىپ، بىر ئىشقا ھەممە ھاياتىي كۈچىمىز بىلەن كىرىشەلمەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر «قىلغىلى ئىش يوق، تەرەت قىلغىلى ئارام يوق» ئۆتۈپ كېتىمىز. كىچىك ۋاقتىمدىلا يېتىلگەن ئاشۇ مىجەز مېنىڭ بۇ يەردىمۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىرتەرەپتىن ئىشلىشىمگە تۈرتكە بولدى، شۇڭا شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى باكلىق سۇ توشۇيمەن، يېقىندا يەنە كۇتۇپخانىدىن ئىش تاپتىم، ئەمدى ئانچە ئۇزۇنغا بارمايلا بانكىنىڭ قەرزىنى قايتۇرىۋېتەرمەن، دېگەن ئۈمىدىم بار،- دېدى ئۇ جۇشقۇن ۋە خوشال بىر قىياپەتتە. توغرا، ياخشى ئوقۇغانلار ئەگەر، مەن ئەلاچى بولۇپ ئوقۇدۇم، مۇشۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئىش، دەپ بىلسىمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ھاللىق ئائىلىلەرنىڭ «بەگزادە»لىرىگە يارىشىدۇ، ئەنۋەرگىمۇ يارىشىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋىلايەت بويىچە بىرىنچى بولۇپ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتۈپتۇ. يەنە ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەملىكەت ئىچىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان مۇشۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتۈپتۇ. شۇنداق بولغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۆزىدىن پەخىرلەنسە، باشقا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدەك «ئەمدى پىلسىراتتىن ئۆتۈپ بولدۇق، ئوينىساق بولىدۇ.» دەپ، ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ئويناش پەيتى دەپ بىلسە بولىدۇ. ئەمما ئەنۋەر ئۇنداق قىلماپتۇ. چۈنكى شۇنداق قىلسا ئۆزىنىڭ ئاشۇ جاپاكەش ۋە مېھرىبان ئانىسىغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆيىدىكىلىرىنى سىقىپ، گاڭسا- جىسا قىلىۋەتكەننىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ ئادەمىيلىكىنىمۇ پايخان قىلىدىغانلىقىنى ئۇ چۈشىنىپ يېتىپتۇ. شۇنداق، ئەقىل دېگەن ھەقىقەتنى چۈشىنىشتە ئەسقاتمىسا، ئۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇپتۇ- يۇ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندە زور ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچ كەپتۇ. «ئوقۇمايمەن» دەپمۇ بېقىپتۇ. ئەمما «مەيلى، قانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ چىداپ چوقۇم ئوقۇتىمەن» دەپتۇ جاپاكەش، قەيسەر ئانا. قولۇم-قوشنا، ئەل- يۇرتمۇ قاراپ تۇرماپتۇ. ھۆكۈمەتمۇ ياردەم قىپتۇ. ئەمما ساڭزا يېگىلى ھەمىشە ھېيت بولۇۋەرمىگىنىدەك، بۇ ياردەملەرمۇ ھەمىشە بولۇۋەرمەپتۇ. ئەقىللىق ئەنۋەر يەنە ئۆيدىكىلەرگە ئارتۇق ئېغىرلىق سالماسلىق ئۈچۈن بانكىدىن قەرز ئاپتۇ. ئۇنى جاسارەتكە تولدۇرۇپ ئىچىنى ئىسسىق قىلىدىغان بىر ئىش، يۇرتداشلىرى سەي-كۆكتات ئالماقچى بولسا ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بىلگەچكە ھەممىسى دېگۈدەك ئەنۋەرنىڭ ئانىسىدىن ئالىدىكەن. شۇڭا ئانىسىنىڭ سودىسىمۇ ياخشىكەن. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇپ، ھازىرقى زامان فىزىكىسىنى ئۆگىنىۋاتقان ئەنۋەر كەلگۈسىدە چوقۇم يۇرتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇشنى ئويلاۋېتىپتۇ. ياخشى نەتىجە چوقۇم ئىرادىلىكلەرنىڭ قولىدا. ئەنۋەرنىڭ ئىشەنچ بىلەن تولغان كۆزلىرى بۇنىڭ يىراق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ھازىر ئەنۋەر ئىنىستىتۇت بويىچە بىرىنچى بولالمىسىمۇ ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇپ كېلىۋېتىپتۇ. شۇنچە يىراق يۇرتتىن كېلىپ، ئىستېمال ۋە ئىقتىسادىي سەۋىيەسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولغان بۇ شەھەردە، بايلارنىڭ بالىلىرىلا ئوقۇيالايدىغان مۇشۇنداق بىر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆزى يالغۇز مۇشۇنداق تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇشنىڭ ئۆزىنى مۆجىزە دېمەي تۇرالايمىزمۇ؟ ھەممە تەرەپتىن مەنسىتمەسلىك نەزەرىدە قاراپ تۇرغان كۆزلەر ئارىسىدا تىرىشچانلىق بىلەن ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق ئوقۇۋاتقان بۇ يىگىتكە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالايمىزمۇ؟ يۇرتىمىزدىن يىلدا بەش مىڭ ئوقۇغۇچى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولسىلا ھەقلىق ئوقۇيدۇ. بەلكىم تۇرمۇش سەۋىيەسى ئەنۋەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدىغان بالىلارمۇ كۆپتۇر، ئەمما ھەممىسى ئاشۇنداق ئىرادە بىلەن ئوقۇپ ھەم ئىشلەپ كېتەلەرمۇ؟
ياشاپ كەت، ئىرادىلىك يىگىت. چوقۇم نەتىجە قازىنىشقا تىرىشقىن! ئەتراپىڭدىكىلەرمۇ بىلىپ قالسۇن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇھتاجلىقتا قالدىم، دەپلا خەقلەرنىڭ يانچۇقىغا قولىنى ئۇزارتمايدىغانلارنىڭ، ھالال تەرى بىلەن ئىشلەيدىغانلارنىڭ، مۇشۇنداق نۇقتىلىق يەردە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ، يەنە كېلىپ ئەڭ ياخشى ئوقۇۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ قوي. بولسا ئۆز كەسپىڭدە نەتىجە قازىنىپ ئۆزۈڭنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىڭنى، ئۇيغۇرنىڭ ئاجىز ئەمەسلىكىنى ھەممىگە بىلدۈرۈپ قوي.
8. نەمۇنىلىك ساقچى ئىستىلى
شاڭخەي شەھرىدە ساقچىلارنىڭ ئوبراز قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ھەممىلا جايدا قىزغىن ۋە ئىللىق مۇئامىلە بىلەن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ساقچىلارنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. نېمىشقىكىن، ئەزەلدىن ساقچى دېسە كۆز ئالدىمغا ئەپتى بەكلا سۈرلۈك، ھەيۋە بىلەنلا جان باقىدىغان، ئاللىقانداق جىنايەت بىلەن بىر كىملەرنى تۇتۇۋالسا قاتتىق ئۇرىۋېتىدىغان، يۇۋاشلارنى تازا سېلىپ، ئازراق بىرنېمە سۈڭگۈتىۋەتكەننى قانات ئاستىغا ئالىدىغان نائەھلىلەر كېلەتتى (ئەلۋەتتە بۇنداقلار، ساقچىلارغا نومۇس كەلتۈرىدىغان ئايرىم ساندىكى ساقچىلاردۇر). بۇ يەردە مەيلى مەكتەپ، دوختۇرخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ساقچىلار بولسۇن، مەيلى بازاردىكى ساقچىلار بولسۇن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ يول كۆرسىتىۋاتقان ساقچىلارنىلا كۆردۈم. چەت ناھىيە، يېزىلاردىكى بەزى ساقچىلارنىڭ قوپاللىقىنى، سەۋىيەسىز ھالدا پالتىنىڭ بىسىنى ئىشلىتەلمەي، چۇلدىسىنى ئىشلىتىدىغانلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلگەن بولغاچقا، بەلكى ئاشۇ ۋەقەنىڭ شاھىدى بولۇپ قالمىغان بولسام، بۇ يازمامدا ساقچى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىش خىيالىممۇ يوق ئىدى.
بىر كۈنى ئەمدىلا دەرستىن تارقاپ دەرۋازا ئالدىغا كېلىشىمىزگىلا بىر كىشىنىڭ بىر ساقچىنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھېلىقى ساقچىنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىۋاتقانلىقىنى، باشقا ساقچىلارنىڭ ئۇ كىشىنى توسۇپ بولالماي قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدۇق.
- ھە، كۆرۈپ قويدۇق، شاڭخەي دېگەن بۇ يەردە ساقچىنىمۇ ئۇرىدىكەن، ساقچى بولسىمۇ ئاتىمىز!- دېدى غۇلجىلىق ساۋاقدىشىمىز قايسى بىر ئىتوتتىكى جۈملىنى تەكرارلاپ. توغرا، ھەممىمىزنىڭ خىيالىدا ساقچى دېگەن ئادەم ئۇراتتى، تاياق يېمەيتتى. ئەمما غۇلجىلىق ساۋاقدىشىمىزنىڭ بۇ چاقچىقىدىن ساقچىلارمۇ تاياق يېيىشى كېرەك، دېگەن مەنا چىقمايتتى، بەلكى ئاۋۇ ساقچىنىڭ ماجرادىن ئەتەي ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقىنىغا مەسلىكى كېلىپ شۇنداق دېگەنىدى. شىنجاڭدىكى بىكارلىق ئويۇن كۆرىدىغان ئادىتىمىز بويىچە دەرھال ئۇلارنىڭ جېدىلى بولۇۋاتقان يەرگە ئۇلاشتۇق. ئەسلىدە ساقچى ئۇ ئادەمنىڭ كىنىشكىسىز قاتناش ھەيدەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تەربىيە قىلسا، ھېلىقى كىشى تەتۈرلۈك قىلىپ، قەستەن جېدەل قىلىپ، ساقچىنى قوغلاپتۇ. ئۇ يەن