ئەر-ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردىغان ئالتە تۈرلۈك ئالتۇن پىرىنسىپ
بىر ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشى ياكى بولماسلىقى شۇ ئائىلىنىڭ بىناكارلىرى بولغان ئەر–خوتۇننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا باغلىق. ئامېرىكا جىنسىيەت ئىلمىي مۇتەخەسىسى لىچىر سۇمان دوكتور ئامېرىكا جىنسىيەت تىببىي ئالىمى، پىسىخىكىلىق داۋالىغۇچى مايكېر يالۇن دوكتۇرنىڭ تەكلىپ بېرىشى بىلەن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى داۋالاش جەريانىدا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى خۇلاسىلەپ چىقتى، بۇلار ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق ئۆگىنىشكە تېگىشلىك دەپ قارالغان.
دەرھال رەت قىلىۋەتمەسلىك
كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ئادەتتە جىنسىي تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۆزلىگىدىن ئىنتىلىش ئارزۇسى بولمايدۇ، ئۇلار زۆرۈر بولغان سىيلاش، سۆيۈش ئارقىلىق ئاستا-ئاستا جىنسىي ئارزۇسىنى قوزغۇتىشقا مۇھتاج. شۇڭلاشقا، جۆرىڭىزنىڭ ئېھتىياجى بار ئەمما سىزگە خۇشياقمىغان ئەھۋالدا، ھەرگىز ئۇنى دەرھال رەت قىلىۋەتمەي، مۇناسىۋەت ئالدىدىكى تەييارلىق خىزمەتلەرگە سىزمۇ كىرىشىپ، ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ، شۇنداقلا جۆرىڭىزنىڭمۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇڭ.
ئىككىلا تەرەپ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق ئاندىن ئەر-ئايال تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئەر-ئايال مۇلايىملىق بىلەن ئىشنى باشلىغاندىن كېيىن گۈزەل ئەسلىمە بىلەن تۈگىتىش كېرەك. ئەگەر خالىمىسا: "كەچۈرۈڭ، بۈگۈن ئاخشام بولمايدۇ" دەپ ئۆزىنىڭ رايىنى بىلدۈرۈش زۆرۈر.
ئالدىن «تەييارلىق خىزمەت» لەر تولۇق ئىشلىنىش كېرەك
جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆپ ھاللاردا تەبىئىي ھالدا پەيدا بولۇشى تەسىرەك. ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي تۇرمۇش شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە ئۆزلىگىدىن باشلىنىدۇ، ئەمما ئاۋۋال چوقۇم ئەر-خوتۇنلارنىڭ يېقىنچىلىق مۇناسىۋېتىنى ياخشى ساقلاش كېرەك.
ئەگەر ئەر-خوتۇنلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەي، نورمال بولغان ئۇچرىشىش، قول تۇتۇشۇش، سۆيۈشۈش قاتارلىق رومانتىكىلىق ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسا، تەبىئىي جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشىدە گەپ يوق. ئەمما ئەر-ئايال "نامدا بار، ئەمەلدە يوق" "بىرئائىلە كىشىلىرى" مۇناسىۋېتىدە بولسا، ئۇنداقتا كۆڭۈللۈك جىنسىي تۇرمۇش ئۈچۈن ھەسسىلەپ تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
"جىنسىي تۇرمۇش پىلانى"نى تۈزۈش
كۆپلىگەن جىنسىيەت مۇتەخەسىسىلىرى ئەر-خوتۇنلارنىڭ "پىلانلىق جىنسىي تۇرمۇش لايىھىسى" ئۇلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ھاياتىي كۈچىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىسى بولغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك بولۇشىغا پايدىلىق دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇنداقتا سىز ئەر-ئايال جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشىڭىز ۋە سىناپ بېقىشقا تېگىشلىك ئويلىغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي تىزىملىككە كىرگۈزۈڭ، ئىككىلا تەرەپنىڭ تىزىملىكىنى سېلىشتۇرۇپ، ئورتاقلىقىنى تېپىپ چىقىپ، بىرلىكتە تىرىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغاندا ئاندىن تېخىمۇ مەنىلىك بولغان جىنسىي تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئۆزىنى كۈتۈشكە ماھىر بولۇش
قېنىپ ئۇخلاشقا ئادەتلىنىش، تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش، بېسىمنى يىنىكلىتىشنى بىلىش، كۆڭلىنى خوشال تۇتۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەر-خوتۇنلار جىنسىي تۇرمۇشنى ساقلاشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك.
كۈندۈزى خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ۋە ياكى ئۆي ئىشلىرى بىلەن ھەددىدىن زىيادە روھىي جەھەتتىن چارچاپ كەتكەن ئاياللارغا نىسبەتەن، ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي تۇرمۇش ئورۇنلىمىسا بولمايدىغان بىر شەكىلۋازلىقتەك بىلىنىدۇ. شۇڭا، دەم ئېلىش يېتەرلىك بولۇپ، روھىي جەھەتتىن ئازادىلىك ھېس قىلغاندا، ئاندىن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ لەززىتى بولىدۇ.
ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ماختاپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇش
خىزمەت، تۈگىمەس سورۇنلار، تېلېفون ئويناش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن كەچتە ناھايىتى كەچ ئۇخلىغاندا، يىللار ئۇزارغانسېرى، يوقىتىپ قويىدىغېنى ئەر-خوتۇنلۇق جىنسىي تۇرمۇشنىڭ سان ۋە سۈپىتى بولۇپلا قالماستىن، ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ماختايدىغان سۆزلەرمۇ خۇشياقماس بولۇپ قالىدۇ.
ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا مېھىر-مۇھەببەت چوڭقۇر بولغان، جىنسىي تۇيغۇ ئۇرغۇپ تۇرغان ھېسيات ناھايىتى مۇھىم. ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ماختاش، رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇش ھەرقانداق "كۈيلىتىش دورىسى"دىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ.
زىلۋا بەدەننى ساقلاش بىلەن بىرگە ئۆزىگە ئىشىنىش
ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان يېرى"تولغان كۆكسى" ۋە ياكى "كاسىسى"بولماستىن، بەلكى ئاياللارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى. ئەگەر ئاياللاردا ئۆزىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بولسىلا، ئۆز بەدىنىگە بولغان رازىمەنلىكىمۇ ياخشى بولۇپ، جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىمۇ تولۇق بولىدۇ.
ئەكسىنچە بولغاندا، قوساقلىرىنىڭ، كۆكسىلىرىنىڭ ساڭگىلاپ قالغان ھالەتلىرى كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ بىئارام بولۇپ، ئەر-ئايال بىرگە بولغاندىمۇ چىراق يورۇتۇشقا پېتىنالماي مەخپىي تۈگۈتۈش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.
شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى جىنسىيەت تىببىي ئىلىم جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسى مۇنداق دەيدۇ:
ئەر-ئايال جىنسىي تۇرمۇشتا مەسىلە كۆرۈلگەندە، ھەقىقىي نېگىزىنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش كېرەك. بەزى بىمارلار جىنسىي تۇرمۇشنى باشلاشتىلا مەسىلە بار، بەزىلىرىنىڭ جىنسىي ئارزۇنى چۈشىنىشىدە توسقۇنلۇق بار.