تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپىنڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىش شەرت-شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا جەمئىيەتتە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىش ھەققىدە مۇنازىرە كۆتۈرۈلگەنىدى، 20-چېسلا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىشنى تېخى ئويلاشمىدى، قىسمەن رايونلاردا ئۇزارتىش پىلانىمۇ يوق.

  بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ «مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەجبۇرىيەت مائارىپى تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىما تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپە ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشتى، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ھەقىقىي مەنىدىكى ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولدى. لېكىن، دۆلىتىمىزدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋاقتى قىسقا، ئاساسى يەنىلا نىسبەتەن ئاجىز، رايونلار ئارا، شەھەر-يېزىلار ئارا، مەكتەپلەر ئارا پەرق يەنىلا بىر قەدەر روشەن. دۆلىتىمىز نوپۇسى كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يەنىلا چەكلىك، قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ھازىرقى باسقۇچتا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىش شارائىتى تېخى ھازىرلانمىدى. شۇڭا، «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2010 ~ 2020)»دە: 2020-يىلىغىچە، دۆلىتىمىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى پۇختىلاش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەڭكەش تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ئاساستا چىقىرىلغان مۇھىم قارار بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيە لۇشيەنىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

 

 

 مەنبە: ئۇزار تورى

 

 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز