تەرخەمەك ئىسىتمىنى قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ھۆللۈكنى ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، جىگەر بىلەن ئۆتتىكى ھۆل ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ. كۈندە كەچلىك تاماقتىن، بىر سائەتتىن كېيىن بىر تال تەرخەمەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆت ئاغرىقى پەسىيىدۇ، بىر ئايدىن كېيىن ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، ئەمما، تەرخەمەكنىڭ تەبئىيىتى سوغۇق بولغاچقا، قورساقنى ئاغرىتىپ، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئاشقازىنىنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلەر ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/13/content_487674.htm