كوماندا ئەزالىرى جىددىي مەشىق قىلماقتا
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى 1-ئاۋغۇستتىن 8-ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ياش-ئۆسمۈرلەر بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، 13-ئاۋغۇستتىن 20-ئاۋغۇستقىچە غۇلجىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يىللىق پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ B گورۇپپا 13 ياشلىقلارنىڭ مۇسابىقىسىگە جىددىي تەييارلىق قىلماقتا.