كۆپلىگەن ئائىلىلەردە قىزىلگۈل يېغى، ئاغرىق توختىتىش چاپلىقى قاتارلىق تاشقى يارا دورىلىرى ساقلىنىدۇ. پۇتنى قايرىۋالغاندا دورا توغرا ئىشلىتىلمىسە، ئاغرىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ئۇنداقتا پۇتنى قايرىۋالغاندا قايسى خىل دورىنى ئىشلىتىش كېرەك؟
ناۋادا قايرىۋالغان ئورۇندا كۆرۈنەرلىك ئىششىش ۋە قاتتىق ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلمىسە، يارىلانغان ئورۇننى ھەرىكەتلەندۈرمەي، يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا قىزىلگۈل يېغىنى زەخىملەنگەن ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە بولىدۇ. ناۋادا قىزىلگۈل يېغى سۈركەپ 24 سائەتتىن كېيىن يەنە ئىششىش ۋە ئاغرىش ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر بولسا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.