تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللار كېسەل كۆرسىتىشتە كۆرۈلىدىغان يەتتە خىل ناتوغرا ئادەت

بىرىنچى، بەدەن تەكشۈرتۈپ تۇرماسلىق. بەزى ئاياللار مەندە ھېچقانداق كېسەل يوق، بەدەن تەكشۈرتۈشىمنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قاراپ، ئادەتتە، يېنىك كېسەللەر كۆرۈلۈپ تۇرسىمۇ ياكى ئائىلىسىنىڭ مەلۇم كېسەل تارىخى بولسىمۇ بەدەن تەكشۈرتمەيدۇ.

    ئىككىنچى، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنمەسلىك. بەزى ئاياللار مەندە چوڭ كېسەل يوق، دوختۇرغا كۆرۈنمىسەممۇ، ئازراق دورا يېسەم ئاستا – ئاستا ساقىيىپ كېتىمەن، دەپ قارايدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى كېسىلى ئېغىرلاپ يەنە كەينىگە تارتسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىلا دوختۇرخانىغا بارىدۇ.

    ئۈچىنچى، ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىش. بەزى ئاياللار چوڭ چاتاق يوق، شۇنداقلا دۇختۇرغا كۆرۈنۈپ قويساملا كۇپايە، دەپ قارايدۇ. كېسەل كۆرسەتكەندە مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بارمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشىگە ئۇلارنىڭ كېسىلىم ئېغىر ئەمەس، كىچىك دوختۇرخانىغا بېرىپ نەچچە بوتۇلكا ئاسما ئاستۇرۇۋەتسەم ياكى دورىخانىدىن ئازراق دورا ئېلىپ يېسەملا مەسىلە ھەل بولىدۇ، دەپ قارىغانلىقى سەۋەب بولىدۇ.

    تۆتىنچى، دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن بۇرۇن قالايمىقان ئوزۇقلىنىش. بەزى ئاياللار ئازراق بىر نېمە يېۋالسا ھېچ گەپ بولماس، دەپ قاراپ، دوختۇرغا كۆرۈنىدىغان كۈنى پىگمېنت تەركىبلىك يېمەكلىكنى يېۋالىدۇ – دە، تىلىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دوختۇر توغرا دىياگنوز قويالمايدۇ. دوختۇرخانىغا بېرىشتىن بۇرۇن ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ياكى غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدىغانلىقىغىمۇ دىققەت قىلمايدۇ.

    بەشىنچى، دوختۇرنى كۆپ ئالماشتۇرۇش. بەزى ئاياللار بۇ دوختۇرنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەستەك قىلىدۇ، دەپ قاراپ، باشقا بىرسىگە كۆرۈنىدۇ. ياخشىسى بىر دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، شۇ دوختۇر بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇناسىۋەت ئورناتسا، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان شۇ دوختۇردىن مەسلىھەت سورىسا، دوختۇر ئاغرىقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرالايدۇ، بەزى ئاياللار بۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلمايدۇ.

    ئالتىنچى، كېسىلىنى يوشۇرۇش. بەزى ئاياللار دوختۇرنىڭ ئالدىغىمۇ ياسىنىپ بارىدۇ. دوختۇرنىڭ ئالدىغا گىرىم بىلەن بارسا دوختۇرنىڭ نورمال كېسەل كۆرۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. يۈزگە سۈركەلگەن گىرىم بۇيۇملىرى كېسەل ئەھۋالىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولماس قىلىپ قويىدۇ. بەزى ئاياللار چىرايلىق كۆرۈنىمەن، دەپ بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇ.

    يەتتىنچى، ھەيز مەزگىلىدە كېسەل كۆرسەتكىلى بېرىش. بەزى ئاياللار بىئارم بولغاندا دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ. ھەيز كۆرۈش ئالدىدا ئاياللاردا بەل سىقىراپ ئاغرىش، پۇت ئىشىش، كۆز ئاغرىشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ ئالامەتلەر سۆرەلمە داس بوشلۇقى يەللىكى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالامىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي يولنى تەكشۈرگىلى بولمايدۇ، سۈيدۈك قان ئارىلاش كېلىدىغان بولغاچقا، سۈيدۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىر يېتىدۇ. جىددىي كېسەل كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا بۇ مەزگىلدە، ياخشىسى، دوختۇرغا كۆرۈنمەسلىك كېرەك.


ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/23/content_482576.htm

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز