ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، كېچىچە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى بەلكىم بۇرۇن بىلگىنىمىزدىنمۇ چوڭقۇر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. شىۋېتسىيە ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كارولىنسىكا تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، پەقەت بىر كېچە ئۇخلىمىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى بىيولوگىيەلىك سائەتنى كونترول قىلىدىغان گېنىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار 15 نەپەر ساغلام ئەر پىدائىينى يىغىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىملىق تەجرىبىگە قاتناشتۇرغان، ھەر قېتىملىق تەجرىبىدە تەجرىبىخانىدا ئىككى ئاخشامنى ئۆتكۈزگەن، ئىككى قېتىملىق تەجرىبىنىڭ بىرىنچى ئاخشىمى بارلىق پىدائىيلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئۇخلىغان (8 سائەتتىن يۇقىرى). ئىككىنچى كۈنى ئاخشىمى، پىدائىيلار ياكى يەنە نورمال ئۇخلايدۇ، ياكى بىر كېچە ئۇخلىمايدۇ (لېكىن يەنىلا كارىۋاتتا ياتىدۇ). پىدائىيلارنىڭ بىر كېچە ئۇخلىماسلىقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قېنى ۋە توقۇلما ئەۋرىشكىسى يىغىلىدىكەن.
ئەۋرىشكىنى ئانالىز قىلىشتىن بايقىلىشىچە، بىر كېچە ئۇخلىمىغاندىن كېيىن، پىدائىيلارنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتىنىڭ تەڭشىكى ۋە ھەرىكىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ. يۈزەكى ئىرسىيەت پائالىيىتى كۆپىيىپ، گېننىڭ ئىپادىلەش سەۋىيەسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن. يۈزەكى ئىرسىيەت پائالىيىتى دېگەنلىك، DNA مولېكۇلاسى قايسى گېننىڭ ئىپادىلىنىشىنى، قايسى گېننىڭ ئىپادىلەنمەسلىكىنى تەڭشەشنى كۆرسىتىدىكەن.
لېكىن تەتقىقاتچى خادىملار بۇ خىل گېن ئۆزگىرىش ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.