تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئالما شىركىتى iPhone غا زىيادە تايىنىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، گەرچە ئالما شىركىتى بۇ يىل ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەت ۋە مۇزىكا مۇلازىمىتى ئاز بولمىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شىركەت يەنىلا iPhone  كەسپىگە بارغانسېرى تايىنىپ قېلىۋېتىپتۇ.

ئالما شىركىتى 2007-يىلى بىرىنچى ئەۋلاد iPhone نى ئېلان قىلدى، بۈگۈنگە كۈنلۈكتە، يان تېلېفون كەسپى ئالما شىركىتى تىجارەت كىرىمىنىڭ 2/3 سىنى، پايدىسىنىڭ تەخمىنەن %50 نى ئىگىلىدى. ئالما شىركىتى تارىخىدا، ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر مەھسۇلات بۇ قەدەر يۇقىرى تىجارەت كىرىمى نىسبىتىگە ئېرىشىپ باقمىغان، گەرچە شىركەت ئۈزلۈكسىز يېڭى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ.

گەرچە يېڭى مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن iPhone نىڭ ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسى بولۇشتەك ئورنى ھېچقاچان ئۆزگىرىپ باقمىدى، ئەگەر ئۆزگىرىش بولدى دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇ خىل ئورنى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى، چۈنكى iPad نىڭ سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلىمەكتە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى بولسا ئۇنچە كۆپ خېرىدارلار توپى شەكىللەندۈرەلمىدى.

iPhone نىڭ پايدا كىرىمى جەھەتتىكى ئورنىنىڭ بۇ قەدەر مۇھىم بولۇپ قېلىشى، ئالمىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇكقا بېسىم ئېلىپ كەلدى، چۈنكى ئۇ چوقۇم iPhone نىڭ ئەڭ بازارلىق يان تېلېفون بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېقىنقى بىر قانچە ئايدا، ئالما شىركىتىنىڭ پاي باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، بۇ دەل مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ iPhone نىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشىسىدىن بولدى، بولۇپمۇ جۇڭگو بازىرىدا.

9-ئاينىڭ 4-كۈنى نيۇ يورك ئاكسىيە بازىرىدا ئالما پاي باھاسى %1.8 تۆۋەنلەپ، 110.37 دوللارغا چۈشۈپ قالدى. 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئالما شىركىتى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن iPhone نىڭ سېتىلىش مىقدارى مۆلچەرىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ، شىركەتنىڭ پاي باھاسى %16 تۆۋەنلىدى. ئالما شىركىتىنىڭ ئالدىنقى مالىيە پەسلىدە، iPhone نىڭ سېتىلىش سوممىسى 102 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، گۇگىل، Facebook ۋە Twitter نىڭ يىللىق ئومۇمىي تىجارەت كىرىمىدىن ئېشىپ كەتتى.

iPhone كەسپىنىڭ زادى قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلىشتە ئاپتوموبىل بازىرى بىر پايدىلىنىش بولالايدۇ. نۆۋەتتە، ئالما شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل بازىرىغا كىرىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىدۇ.

تەۋەككۈل مەبلەغ سېلىش شىركىتى ئاندىرسىن خوروۋىز (Andreessen-Horowitz) نىڭ ئانالىزچىسى بىنىدىك ئىۋانىس (Benedict Evans) نىڭ دېيىشىچە، مېرسىدىس بېنىز، BMW، ئاۋدى ۋە لېكساسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ يىللىق كىرىمى تەخمىنەن 220 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن، ھالبۇكى، iPhone نىڭ ئالدىنقى 12 ئايدىكى تىجارەت كىرىمى 146.6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.


ئەسلى مەنبەسى: سىنا تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز