ئادەم بەزىدە ئوزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خوشاللىقى ۋە ھاياجانلىنىشىنى كوڭلىنىڭ چوڭقۇرقېتىدا ساقلايدىكەن.ھەتتا خىيال ئىچىدە ئەللەيلىنىپ،ئاشۇ ئىشلاردىن تاتلىق خىياللاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەيلا قالىدىكەن.
تۇرمۇشۇمدا ھەرخىل ئىشلار ھەرخىل سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىمدە سۇكۈتكە چۆمۈپ ھەسرەت چېكىمەن،ھەم غەملەرگە پاتىمەن.شۇ چاغدا بىر جۈپ ئىللىق قولنىڭ بەخت ۋە مۇلايىملىق ئىچىدە ،قولۇمنى تۇتۇشىنى ئارزۇ قىلىپ كىتىمەن.
تۇرمۇش بەزىدە شۇنچىلىك گۈزەل شۇنچە ئىللق، بەزىدە شۇنچىلىك مۇدھىش شۇنچە سۆرۈن ،ئۇ بىرىمىزنى بەخت شادلىقىدا قاقاقلىتىپ كۈلدۇرسە،،برىممىزنى ئازاپلاپ زار_زار يىغلىتىدۇ.شۇ ئازاپلارنى پەقەت ئوتمۇشكە مەنسۇپ بولسىكەن دەيمەن.مەن ئۆتمۇش ئۇچۇن ئەمەس بەلكى گۇزەل ئەتە ئۇچۇن ياشىشىم كېرەك.
بۇ دۇنياغا قىز بۇلۇپ يارىلىش بىچارىلىك ئەمەسقۇ؟بەلكى زەئىپ ھىسياتنىڭ قۇلى بۇلۇپ ياشاش بىچارىلىك بۇلىشى مۇمكىن .بۇ ئازاپلىق ھىسيات تاڭغىچە ياكى ئەتىگىچە توختاپ قالسىكەن دەپ ئاللاھتىن تىلەيمەن.بۇنىڭ ئۇچۇن يىللار لازىم ئەمەس.ئەمما مىنىڭ بۇ قەلبىم ھاۋارايى ئەمەستە ...
قەلىپ تۇمانلىرىنى تارقىتىش،يۇرىكىمدىكى ئازاپلىرىمنى ئېرىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىم كېرەك.
ھەر قانچە گۇزەل جۇلالىنىپ تۇردىغان نەرسىلەرمۇ ۋاقىتلىق بولدىكەن.بەزى .ئاغرىق بەزى ئەسلىمىلەرنى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايمەن.مەن مۇشۇ دەقىقىدە پەقەت سېنى ئەسلەۋاتىمەن..بەلكىم بىر كۇنلەردە سەندىن ئايرىلىپ كىتىشىم مۇمكىن.بىراق مەن مۇھەببەت ۋە ئۇمىدىمنى،سېنىڭ يۈرىكىڭگە قالدۇرىمەن..........

.