يېزام ياتار ئايدەك سوزۇلۇپ
مۇھەممەدروزى ئابدۇقادىر
ئاددىي ئادەملەر
ھايات يۇلتۇزى سۆيەر گۈللەرنى،
يېيىلغان چۈشلىرى تۈزلەڭلىكلەرگە.
قەلبى كۈۋەجەر بىر ئېقىن كەبى
قانمىغان باغرى تاتلىق ئۈنلەرگە.
ھەيدەر ھارۋىسىنى تۇرقى خىيالچان،
مېۋىلىرىنى سۆيەر كۈن نۇرى.
ئارام ئالىدۇ ئېتىز قىرىدا،
ئىستەر مۇھەببەت بىغۇبار روھى.
بارار كۈنلەرگە نەقىشلەر ياساپ
سادالىرىنى ئاڭلايدۇ زېمىن.
يېشىل گىياھدەك يەلپۈنەر تۈزدە
سۆيەر غولىنى گاھى ئىزغىرىن.
قۇياش ئارتتى رومىلىنى قىپقىزىل
قۇياش ئارتتى رومىلىنى قىپقىزىل،
تەپتى يەرنىڭ خۇشاللىقى يۈزىگە.
سالقىن شامال ئېدىرلارنى كۈيلىدى،
سۆيدى شامال مىسكىنلەرنىڭ يۈزىگە.
جىگدىزاردا پورەكلىدى ئاق تومان،
چىغىرلارغا قوندى سانسىز چىكىم ئىز.
تۇرخۇنلارنىڭ ياندى قەلبى ئوت بولۇپ،
غۇر – غۇر شامال دالالارغا ياقتى يۈز.
قاشالانغان ھويلىلاردا مەستخۇشلۇق،
كېلىنلەرنىڭ يۈرىكىدىن ئاقتى نۇر.
ئەينىكىنى تۇتۇپ تۇردى كەڭ ئاسمان،
تەبىئەتتىن تېپىش ئۈچۈن كۆپ ھۇزۇر.
يېزام ياتار ئايدەك سوزۇلۇپ
سۇۋادانلار تۆكەر نەمخۇش كۈي،
چۆپلۈكلەردە تىترەيدۇ تۇيغۇ.
يېزام ياتار ئايدەك سوزۇلۇپ
ئاسمان بولغان يامغۇرلۇق چالغۇ.
چۈمۈلىلەر تارىخنىڭ يۈزى،
ئىزلىرىدىن يېيىلغان كۈنلەر.
قىزلار ئىشىك ئاچار قۇياشتەك
سىلكىنىدۇ گۈل بولۇپ باغلار.
قوللىرىنى سونار بىر بالا،
يېزىقىنى تونۇيدۇ يۈرەك.
پەرىشتە بار ئۈجمە دەرىخى
مۇھەببەتتىن ئاچىدۇ پورەك.