تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ بالاغىتى - ئانىلىقتۇر


    گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنسانلارنىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتى. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇلار تارىختىن بېرى گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى، دەپ قارىلىپ كەلدى. ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ھاياسى ۋە نۇمۇسىدا جۇلالىنىپ چاقناپ تۇرىدۇ بۇنداق پەزىلەتكە ئىگە بولغان ئاياللار دائىم ئەدەپ ۋە تەرتىپنى ئۆزىگە يار قىلىدۇ. ۋاپا ۋە ساداقەت بىلەن ئائىلىنى روناق تاپقۇزۇشنى، ئائىلىدىكى گۈللىنىشنىڭ سەۋەپچىسى بولۇشنى ئىزدەيدۇ. تۇرمۇشنى قانائەت ۋە غەيرەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆز كەمتەرلىكى بىلەن قەدىر- قىممەتكە ئېرىشىدۇ. پەزىلىتى بىلەن ئەۋلادلارنى تەربىيىلەيدۇ. كىشىلەرگە ئىلھام بېرىدۇ. ئۇلار ئاياللىقنى بىر بۈيۈك سەنئەت، دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ.

    ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ بالاغىتى - ئانىلىقتۇر. ئانىلىقنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭغا پەرزەنتكە بولغان چەكسىز مىھىر - مۇھەببىتى ۋە تەربىيىسىدە كۆرۈلىدۇ ناۋادا ئۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ھاياتىغا ھەقىقىي قىزىقسا، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلسە، ئانىلىق سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ قىممىتى مۆلچەرلىگۈسىزدۇر. ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانى ئۇلۇغ بىر كەشپىياتنى تاماملاش جەريانىدۇر.

    ئەمەلىيەتتە ئاياللىق-بىر گۈزەل سەنئەت. ئانىلىق-بىر بۈيۈك ئىجادىيەت.

    ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىق ۋە ئانىلىق گۈزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بىلىم ئىگىلەش ئارقىلىق، ئۆز گۈزەللىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بىلىم گۈزەللىكنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/19/content_489808.htm

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز