بىر دەريا بويىدا ،بىر تەرەپتە ئېيىق بىر تەرەپتە تۇشقان بىللە ياشايدىكەن .ئۇلار گەرچە دەريادىن ئۆتۈپ بىللە تۇرمىسىمۇ ، كۇندە ئەھۋال سورىشىپ شۇنداق ئىناق ياشايدىكەن ،
بىر كۈنى توشقاننىڭ قورسىقىغا جىن كىرىپ ، كۈندە ئېيىققا خۇشامەت قىلامدىم ، ئۇنى تازا بىر جىلە قىلايچۇ دەپ ئويلاپ ئەتىسى ئەتىگەندە ،-ھەي ئېيىق -دەپ قاتتىق توۋلاپتۇ .
ئېيىق توشقانغا بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ، دەپ يۇگرەپ چىقىپ ،-ھە نېمە بولدۇڭ -دەپ سورىسا :
- توشقان -ئاچاڭنى ئالايمۇ؟-دەپتۇ .
ئېيىقنىڭ شۇنداق ئاچىغى كىلىپتۇ ،بىراق ئۆزىنى بېسىۋېلىپ خەپ دەپلا ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ، ئەتىسى ئەتىگەن توشقان يەنە -ھەي ئېيىق- دەپ ۋاقىراپتۇ،ئېيىق يەنە يۈگىرەپ چىقسا ،توشقان -ئاچاڭنى ئالايمۇ ؟-دەپتۇ بۇ چاغدا ئېيىقنىڭ دەھشەت ئاچىغى كىلىپ، توشقاننىڭ ئەدىۋىنى بەرمەكچى بولۇپتۇ. ۋە كېچىسى ئېيىق ئۇخلىماستىن ،دەريانىڭ باش تەرىپىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، توشقاننىڭ ئۇۋىسى يېنىدا ماراپ يېتىپتۇ ،ئەتىسى ئەتىگەن توشقان ئۇۋىسىدىن چىقىپلا -ھەي ئېيىق -دەپ ۋاقىراپتۇ،ئېيىق -نېمە دەيسەن- ؟دەپلا لۆممىدە بىر چىقىپتىكەن ،توشقان ئېيىقنى كۇرۇپلا غال غال تىترىگىنىچە،-بىر ئاچام بار ئىدى ئالامسەن ؟-دېگۈدەك .