توردا خادىم قوبۇل قىلىش ئەمەلىي خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشىنىڭ ئورنىنى ئالامدۇ؟
شىنخۇا تورى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلقى باھار بايرىمىدىن كېيىن خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشىنىڭ ئاۋات مەزگىلى يېتىپ كەلگەن بولۇپ، گۇاڭجۇ ئىختىساسلىقلار بازىرى مۇلازىمەت مەركىزىدە 26 مەيدان خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشى، جەنۇبىي رايون ئىختىساسلىقلار بازىرىدا 121 مەيدان خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ يىلقى ئەنئەنىۋى خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشىدا خادىم قوبۇل قىلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال سۇپىسى قۇرۇلغان بولۇپ، «نەق مەيدان خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشى+ئەپ دېتالى+تور+ئۈندىدار سۇپىسى» قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى ئارقىلىق خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە تېخىمۇ كەڭ بولغان ئىزدەش يولى ھازىرلاپ بېرىلگەن.
خەلق تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېچىلغان «ئىنتېرنېت+ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاساسىي تېما قىلىنغان مۇھاكىمە مۇنبىرى ۋە 2-نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمىھال مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى» دا ،توردا خادىم قوبۇل قىلىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، شىئەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4-يىللىق سەي (蔡) فامىلىلىك ئوقۇغۇچىسىنىڭ مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇشىچە، توردىكى خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، بۇ خىل خىزمەت ئىزدەش ئەندىزىسى 90-يىلدىن كېيىنكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر 7-ئايدىن بۇيان 230 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ،توردا خادىم قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، 7 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا 50 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق تەكلىپنامىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يوللىغان، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار تەرجىمىھالى كارخانىلارغا يوللانغان.
ئېچىلىش مۇراسىمى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، توردا خادىم قوبۇل قىلىش، ئالىي مەكتەپ بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۈچ تەرەپنىڭ مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىكەن. مەكتەپ بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەم كۈچى، مالىيە تەننەرخىنى ئەنئەنىۋى ھالەتتىكى خادىم قوبۇل قىلىشقا قارىغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىكەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەقەت تەرجىمىھالىنى توردا يوللىسا، نەچچە ئون مىڭ كارخانىنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشىغا قاتنىشالايدىكەن. كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر ۋاقىت ھەر جايدا بىۋاسىتە ھالدا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن يۈز تۇرانە كېلىشىش شارائىتى ھازىرلىنىشتىن سىرت، يەنە مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى باغلاش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ روشەن ئەۋزەللىكى بار ئىكەن.