مۇتەخەسسىسلەر 200 گە يېقىن ياش-ئۆسمۈرنى تور ئويۇنىغا خۇمار بولۇپ قېلىش بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: «ئادەم تور ئويۇنىغا خۇمار بولۇپ قالسا، ئۇلار چوڭ مېڭىسى زىيانغا ئۇچراپ دىققىتى چېچىلىش ۋە كونتروللۇقىنى يوقىتىش تەقدىرىگە دۇچار بولىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسى يەنە تور ئويۇنىغا خۇمار بولۇپ قالغان ئوغۇللارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىغا مەسئۇل پېشانە ياپراقچە پوستلاق قەۋىتى بىلەن چېكە تۇتاشقان يەرنىڭ ئارىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقىنى دەلىللىدى، بۇ خىل باغلىنىش ئادەمنى دىققىتىنى يىغالماس قىلىپ قويىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر يېن مۇنداق دېيىشتى:«بۇ خىل ئەھۋال يەنە ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، ئېلىشىپ قالغان، بېكىنىۋالىدىغان ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناچار كىشىلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ؛ بۇ قېتىمقى تەتقىقات ئەمەلىيەتتە تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېسىلىنىڭ چوڭ مېڭىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئېنىقلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بىز ئەمدى تورغا خۇمار بولۇپ قالغانلارنى تېخىمۇ ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىغا ئىگە بولدۇق».
»ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى