تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سۆگەتنىڭ شىپالىق رولنى بىلەمسىز ؟

  سۆگەت ھەممىمىزگە تونۇشلۇق، تىبابەتچىلىكتە ئۇنىڭ يىلتىزىدىن تارتىپ تاكى مېۋىسىگىچە قىممەتلىك دورا ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.
سۆگەت شېخى: كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدۇ. ئىششىقنى ياندۇرۇپ، سىفلىس قاتارلىق جىنسىي كېسەللىكلەرگە ، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا، 120 گىرام سۆگەت شېخىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، كۈندە بىر قېتىمدىن ئون كۈننى بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. سۆگەت شېخىنى يەنە شېكەر سېلىپ قاينىتىپ، قىيام قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە، ئارتېرىيە قېتىشىش خاراكتىرلىك يۈرەك كېسەللىكىگە شىپا بولىدۇ.
سۆگەت يوپۇرمىقى: سۆگەت يوپۇرمىقىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ئىستىمال قىلغاندا، چېچەكنىڭ سىرتقا تېپىشىگە ياردىمى بولىدۇ، سىفلىس، چىش ئاغرىقى، سۈت بېزى ياللۇغى قاتارلىقلارغىمۇ شىپا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سۆگەت يوپۇرمىقىدىن مەلھەم ياساپ كۆيگەن ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. سۆگەتنىڭ يۇمران يوپۇرمىقىدىن پايدىلىنىپ بوغۇز ئىشىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ.
سۆگەت قوۋزىقى: ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدۇ. قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە، سېرىقلىق كېسىلى ۋە تۈرلۈك جاھىل خاراكتېرلىك جىسىي كېسەللىكلەرگە داۋا بولىدۇ. قوۋزىقىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كۈيۈك ئورنىغا چېپىپ بەرسە، تېز مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۆگەت گۈلى: سۆگەت گۈلىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلغاندا، سېرىق كېسەلگە شىپا بولىدۇ. سۆگەت گۈلىنى ئېزىپ ئالتە گىرامدىن ئىستىمال قىلغاندا، قان تۈكۈرۈش، قانلىق تەرەت، ھەيىز توختاپ قېلىش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ.
سۆگەت يىلتىزى: سۇلۇق ئىششىق، سىفلىس، سېرىق كېسەلگە، رېماتىزىم ۋە تۈرلۈك كۆيۈكلەرنى داۋالشتىكى ياخشى دورا.
سۆگەت مېۋىسى: قان سەپرا، تېرىنىڭ تۈرلۈك زەخمە سەۋەبلىك قانىشىغا، رېماتىزىم خاراكتېرلىك تىز ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.


شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز