تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قانداق قىلغاندا ئىلمىي ئۇسۇلدا بوي ئېگىزلىكىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟

بەيدۇ تورى ئۇچۇرى : نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بوي ئېگىزلىكى مەسلىسىدە بېشىنى قاتۇرۇپ يۈرۈيدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلىپ ئىلمىي ئۇسۇلدا بوي ئېگىزلىكىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ 

(1) كىشىلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىلەن مۇئەييەن مۇناسىۋىتى بار بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تۈرلۈك ئامىللارنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ (مەسلەن: تۇرمۇش ئادىتى،مۇھىت قاتارلىقلار).

(2) بويىڭىزنىڭ ئېگىز بولۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان ئۇيقۇ تولىمۇ مۇھىم! كۈندە چوقۇم تولۇق بولغان ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، يەن ئاز بولغاندىمۇ 8 سائەتتىن كەم بولماسقى كېرەك، ئەمما بەك كۆپ ئۇخلىۋىتىشكىمۇ بولمايدۇ، ۋاقتىدا ئۇخلاش، شۇنداقلا بالدۇر يېتىپ بالدۇر قوپۇش كېرەك،

(3) يېتەرلىك بولغان ئوزۇقلۇق بولۇشى كېرەك. كالتىسىي بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش شۇنداقلا ھەرخىل ۋېتامىن، گۆش، كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىپ بېرىش كېرەك.

(4) كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بېرىش، بولۇپمۇ سەكرەش تۈرىدىكى تەنھەرىكەتلەر (مەسلەن ئارقان سەكرەش، ۋاسكىتبول ئويناش دېگەندەكلەر)بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنىش. ئەڭ ياخشىسى ھەر ھەپتىدە 3 قېتىمدىن 5 قېتىمغىچە تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك. 

(5) دائىم بېلىنى ئىگىۋېلىپ، دۈمچەكتەك قىياپەتتە يۈرۈشتىن ساقلىنىش. ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش، مەسىلەن يول ماڭغاندا بېشىنى كۆتۈرۈپ، گەۋدىسىنى رۇسلاپ مېڭىش دېگەندەك.

(6) ئادەم بەدىنىنى غىدىقلايدىغان ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش، بۇ بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، تەن ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

(7) ياخشى، ئاكتىپ بولغان كەيپىياتمۇ مەلۇم دەرىجىدە بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى: ھەرگىزمۇ ھورمون تۈردىكى دورىلارنى يىمەسلىك كېرەك، بۇ  بىخەتەر بولمايلا قالماي ھېچقانداق كاپالەتكىمۇ ئىگە ئەمەس.




ئەسلى مەنبەسى: jingyan.baidu.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز