چۈنكى ئانا قالدى ئۇنتۇلۇپ……
مەرھابا مەمەت دىلئۇز
ئايەم ئەمەس ،ئايەم كەلسىمۇ،
چوڭ كىچىككە ھېيتلىق بەرسىمۇ،
دىلغا ئايەم گۈللەر تەرسىمۇ،
〈نېچۈن؟〉دېسەڭ ھەيرانە بولۇپ،
چۈنكى ئانا قالدى ئۇنتۇلۇپ.
ھەسرەتلىنەر ئىشىك غىچىرلاپ،
قۇشقاچلارمۇ مىسكىن ۋىچىرلاپ،
ناخشا ئېيتماس ياپراق پىچىرلاپ،
〈نېچۈن؟〉دېسەڭ ھەيرانە بولۇپ،
چۈنكى ئانا قالدى ئۇنتۇلۇپ.
ياڭرىمايدۇ تېلفوننىڭ ئۈنى،
تەنھالىقتا كۈنى ھەم تۈنى،
بولماس ئاڭا كۆڭۈل پۈتۈنى،
〈نېچۈن؟〉دېسەڭ ھەيرانە بولۇپ،
چۈنكى ئانا قالدى ئۇنتۇلۇپ.
كۆزلىرىدىن قۇرىمايدۇ ياش،
ئېزەر دىلنى ھىجران ئاتلىق تاش،
تېتىمايدۇ تىلغا ياكى ئاش،
〈نېچۈن؟〉دېسەڭ ھەيرانە بولۇپ،
چۈنكى ئانا قالدى ئۇنتۇلۇپ.
تەلمۈرىدۇ ئىشىككە كۆزى،
كېلەرمۇ دەپ 《بەخت》 يۇلتۇزى،
غازاڭ كەبى سۇلىدۇ يۈزى،
〈نېچۈن؟〉دېسەڭ ھەيرانە بولۇپ،
چۈنكى ئانا قالدى ئۇنتۇلۇپ.
〈نېچۈن؟〉لەردە ئاقىسەن شۇنداق،
كىرسەڭ ئەگەر ئانا ئۆيىگە.
سالماس بولدى بالىلار قۇلاق،
سېغىنىشنىڭ مىسكىن كۈيىگە.
دېمىسەممۇ چۆكتۈڭ نەچچە رەت،
يۈرىكىنىڭ زەرداپ سۈيىگە،
〈نېچۈن؟〉دېمە ئەمدى ھەيران بوپ،
چۈنكى ئانا قالدى ئۇنتۇلۇپ!……