تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
چىش پاستىسىنىڭ رولى

▲ ساياھەتكە چىققاندا پاشا، كۇمۇتا، ھەرە قاتارلىق قۇرت - قوڭغۇزلار چېقىۋېلىپ بىئارام بولغاندا، چىش پاستىسىنى شۇ ئورۇنغا سۈركىسىڭىز، قىچىشىشنى توختىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.

    ▲ چىش پاستىسىنى ۋاقىتلىق جىددىي قۇتقۇزۇش دورىسى قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: سىرتلارغا چىققاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تېرىڭىز سۈرۈلۈپ كەتسە، جاراھەتلەنگەن جايغا چىش پاستىسى چاپسىڭىز ياللۇغ قايتۇرۇش، قاننى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

    ▲ بېشىڭىز ئاغرىسا، بېشىڭىز قايسا چېكىڭىزگە ئازراق چىش پاستىسى سۈرتۈۋالسىڭىز ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

    ▲ ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى تۈپەيلى بەدىنىڭىزگە ئىسسىقلىق ئۆرلەپ قالغاندا، چىش پاستىسىنى ئىسسىقلىق ئۆرلىگەن جايغا سۈركەپ، بىرئازدىن كېيىن يۇيۇۋېتىپ، ئۇدا بىر قانچە قېتىم داۋاملاشتۇرسىڭىز قىچىشىشنى توختىتىدۇ ھەم ئىسسىقلىقنى ساقايتىدۇ.

    ▲ قىش پەسلىدە پۇت - قول سوغۇقتىن ئۈششۈپ قالغاندا، ئۈششىگەن تېرىنى سويۇۋەتمەي تۇرۇپ، لاتىغا ئازراق چىش پاستىسىنى سىقىپ ئۈششۈكتىن قىزارغان جايغا سۈركەپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

    ▲ كۆيۈپ قالغان ئورۇنغا ئازراق چىش پاستىسى چاپسا ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.

    ▲ قولچىراغنى ئۇزاق ئىشلەتكەندە قولچىراغنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئەينىكى قارىداپ، نۇرى ئاجىزلاپ ياخشى يانمايدۇ. بۇنداق چاغدا قۇم قەغەزگە ئازراق چىش پاستىسى سىقىپ يەڭگىل سۈرتۈۋەتسە يورۇقى ئەسلىدىكىدەك بولىدۇ.

    ▲ سۇ جۈمىكىگە سۇ دۇغلىرى ئورناپ سۇ راۋان چۈشمەس بولۇپ قالسا، چىش پاستىسى بىلەن يۇيۇپ بەرسە، سۇ دۇغلىرىنى تازىلىغىلى بولىدۇ.

    ▲ دەزمالنىڭ ئاستى داتلىشىپ قالغاندا، چىش پاستىسىنى لاتا بىلەن سۈرتۈپ بەرسە دات ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ.

    ▲ كۈمۈش بۇيۇملارنى ئۇزاققىچە ئىشلەتمەي قويۇپ قويسا، ئۇنىڭ يۈزى ئوكسىدلىنىپ داتلىشىپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا چىش پاستىسى بىلەن سۈرتۈپ بەرسە ئەسلىدىكىدەك پارقىراق ھالىتىگە كېلىدۇ.

    ▲ بېلىق يۇيغاندىن كېيىن قولنى ئاۋۋال سوپۇن بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن ئازراق چىش پاستىسى بىلەن يۇيۇۋەتكەندە قولدىكى غەيرىي پۇراق يوقايدۇ.

    ▲ قول سائىتىنىڭ يۈزىدە داغ، سىزىقچىلار پەيدا بولۇپ قالسا، چىش پاستىسىنى سىقىپ، يۇمشاق لاتا بىلەن سۈرتۈپ بەرسە، داغ ۋە سىزىقچىلار يوقايدۇ.

    ▲ ئائىلىدە كىچىك بالىلار رەڭلىك موم قەلەم بىلەن پول، تام، كىرېسلولارنى بويىۋەتكەن ھۆل لاتىغا ئازراق چىش پاستىسى سىقىپ سۈرتۈۋەتسە، ئەسلىي ھالەتكە كېلىدۇ.

    ▲ يازدا كۆپ تەرلىگەچكە ياقا، يەڭ ئۇچى قاتارلىق جايلاردىكى تەر داغلىرى ئوڭاي چىقمايدۇ. بۇنداق چاغدا شۇ جايغا ئازراق چىش پاستىسى سۈركەپ ئۇۋۇلاپ يۇيسا تەر داغلىرىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

    ▲ چاقچۇق بۇيۇم ۋە ئىستاكانلاردىكى چاي داغلىرى، قەھۋە داغلىرى بار جايغا ئازراق چىش پاستىسى سۈركەپ قايتا - قايتا يۇيسا ئىستاكان، چاقچۇق بۇيۇملار ئۆز ھالىتىگە كېلىدۇ.

مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/30/content_483639.htm

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز