قىزلار چوقۇم كۆرۈڭلار ( ئوغۇللار ئىختىيارىڭلار
يوللانغان ۋاقىت: 2013-01-27
يوللىغۇچى: شىرئەلى
ئاۋاتلىقى: 2483 قېتىم كۆرۈلدى
قانداق قىلغاندا مۇھەببەتتىكى قەلب جاراھىتىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ 1.ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقنى،مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلماڭ. 2.ھېسسىياتنى تەڭشىيەلەيدىغان بولۇڭ،تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەڭ. 3.پۈتۈن ئۈمۈدىڭىزنى ئۇنىڭغڭلا باغلىۋەتمەڭ،ئازراق ئېھتىماللىق قويۇڭ،شۇندىلا تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچرىسىڭىزمۇ بەرداشلىق بېرەلەيسىز.دۇنيادا ئەر كىشى دېگەن كۆپ.بەلكىم سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ئوبدىنى ئۇچرىشى مۇمكىن. 4.ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا ئەرلەرنىڭ گېپىنى قىلماڭ. 5.ئۇ سىزنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۇرگىلى ئاپارغاندا ئۇنىڭ ئانىسىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ.ئۇنىڭ ئانىسىغا بولغان مۇ ئامىلىسى كەلگۈسىدىكى ئايالىغا بولغان مۇ ئامىلىسىدىن دېرەك بېرىدۇ. 6.ئامال بار توي قىلماي تۇرۇپ بىرگە ياشاشتىن ساقلىنىڭ.توي قىلماي تۇرۇپ بىرگە ياشاش كۆپىنچە قىز-يىگىتلەرنىڭ توي قىلىش پۇرسىتىنى ئازايتىۋېتىدۇ.بىرىنچىدىن،ئۇنى جەلپ قىلىدىغان سىرلىقلىقىڭىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىسىز.ئىككىنچىدىن،ئۇ توي قىلىپ زىممىسىگە يەتكۈچە يۈك ئارتىۋېلىشتىن ئەلۋەتتە توي قىلماي تۇرۇپ ئەر -خوتۇنلۇق تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى خالايدۇ-دە. قىزچاق،كاللىڭىزنى ئىشلىتىڭ. 7.يىگىتىڭىزنىڭ كەمچىلىكلىرىگە كېيڭن تۈزۈلۈپ قالار دەپ كۆز يۇمىۋەتمەڭ.يۈرۈۋاتقان چاغدىكى كەمچىلىكلەر تويدن كېيىن كۆپەيسە كۆپىيىدۇكى،ئازايمايدۇ.شۇڭا،ئۆزىڭىز قوبۇل قىلالمايدىغان ناچار ئادەتلىرىنى سەزسىڭىزبالدۇرراق قول ئۈزگىنىڭز تۈزۈك.توي قىلىپ بىر ئائىلىنى ،نارەسىدە بالىنى بەختسىز قىلغاندىن،توي قىلماي ئايرىلىپ كەتكەن مىڭ ئەلا.تويدىن كېيىن بىر كۆزىڭىزنى قىسسىڭىز قىسىڭكى،يۈرىۋاتقاندا ئككى كۆزىڭىز نى يوغان ئېچىڭ. 8.تەقى-تۇرقىغا،چىرايىغا بەك ئېسىلىۋالماڭ.ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئەر بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىغا،مىجەزىڭلارنىڭ كېلىشىدىغان-كېلىشمەيدىغانلىقىغا،ئەرلىك سالاپىتىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراڭ.قاملاشقان يىگىتىڭىزنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىشنى ئويلىماي ،ئۆزىڭىز پەخىرلەنگۈدەك ئىناق ئائىلە قۇرۇشنى ئويلىشىڭ. مەنبەسى: ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك مەخپىيە |
ئەسلى مەنبەسى: ئەلنەغمە تورى