ئىتالىيەلىك تەتقىقاتچىلار يەتتە ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان 169 ئاغرىق بالىنى ئىختىيارىي ھالدا ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ داۋالىغان، 1–گۇرۇپپىدىكى بالىلارنى داۋالاش داۋامىدا بالىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىش تەدبىرىنى قوللانمىغان، 2–گۇرۇپپىدىكى بالىلار ئانىسىنىڭ پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا كېسەلدىن ساقايغان، 3–گۇرۇپپىدىكى بالىلار داۋالىنىش داۋامىدا توختىماي كارتون فىلىم كۆرگەن. نەتىجىدە 1–گۇرۇپپىدىكى بالىلاردا ئاغرىش سەزگۈسى 3–گۇرۇپپىدىكى كارتون فىلىمى كۆرگەنلەرنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولغان؛ 2–گۇرۇپپىدىكى بالىلاردا ئاغرىش سەزگۈسى گەرچە 1–گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭكىدەك ئېغىر بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن كارتون فىلىمى كۆرگەن بالىلارنىڭكىدىن خېلىلا كۈچلۈك بولغان.
نېمىشقا مۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ؟ تەتقىقاتچىلەر بۇ سۇئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: بۇ پۈتۈنلەي ئاغرىق بالىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىش تەدبىرى بەرگەن. نەتىجىدە، داۋالاش داۋامىدا بالىلار چوقۇم قورقىدۇ، ئاغرىق ھېس قىلىدۇ ۋە كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ، شۇڭا دوختۇر ۋە سېستىرالار چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ دىققىتىنى چېچىش تەدبىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك . بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ يېنىدا ئاتا–ئانىلارنى تۇرغۇزۇش، داۋالاش ئۆيىگە تېلېۋىزور ئورنىتىپ كارتون فىلىملىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي بېرىش، ئەڭ ياخشىسى كومېدىيەلىك فىلىملەرنى قويۇش ياخشى چارە.