تور خۇمارى ئادەمنى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ
ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر 500 ئادەمنى كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئەلتە سائەت تورغا چىقارغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: «تور خۇمارى ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە زىيان سېلىپ، ئادەمنىڭ سەكتە ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، چۈنكى تەتقىقات نەتىجىسى تورغا تايىنىۋېلىش قانچە ئېغىرلاشسا، ئادەمنىڭ زۇكام ۋە يۇقۇچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا %30 يۇقىرى بولدىغانلىقىنى؛ توردىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇلاردا ئەنسىزلىك، جىددىيلىشىش قاتارلىق پېسخىكىلىق ئالامەتلەر پەيدا بولۇپ، سەكتە ۋە يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ھەسسىلەپ كۈچىيىدىغانلىقىنى دەلىللىدى».
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «جىددىي كەيپىيات بىلەن ئەركىن كەيپىيات ئۆزئارا ئالماشسا، بەدەندىكى پوستلاق ئالكوگۇلنىڭ سەۋىيەسىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل ھورمۇن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، تورغا خۇمار بولۇپ قالغانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى تازا كەڭ بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ ئۇيقۇسى قاچىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاماكا بىلەن ھاراققا بېرىلىپ كېتىدۇ، تەتتەربىيە پائالىيەتلىرىگىمۇ ئىنتايىن ئاز قاتنىشىدۇ، بۇ ئامىللار ئۇلارنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، يۈرەك تىقىلمىسى ۋە سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۈچەيتىدۇ».
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى