Note 3 كە يېڭىدىن قىزىل ۋە ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭ قوشۇلماقچى
نۆۋەتتە Note 3 نىڭ قارا، ئاق ۋە ھال رەڭدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭگى بار ، ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ يانفۇنغا يەنە يېڭىدىن قىزىل ۋە ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭ قوشۇلماقچى .
قىزىل رەڭلىك Note 3
GSMArena نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا قىزىل رەڭلىك Note 3 كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى بازارغا سېلىنىدىكەن ، ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭ نۇسخىسى بولسا قىزىل رەڭلىك Note 3 بازارغا سېلىنىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بازارغا سېلىنىدىكەن . ئىگلىنىشچە بۇ ئىككى خىل نۇسخىسى پۈتۈن يەرشارىدا بازارغا سېلىنىدۇ .
ئەتىرگۈل ئالتۇن رەڭلىك Note 3
سەپلىمە جەھەتتە Note 3 كە 5.7 سۇڭلۇق 1080p لىق ئېكران ، 2.3GHz لىق گاۋتوڭ شىياۋ لوڭ 800 تۆت يادرولۇق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ، 3GB ئىچكى ساقلىغۇچ ، 32/64GB سىغىم كارتىسى قوللىنىلغان بولۇپ ، كېيىنكىسىگە 13 مىليون پېكسىللىق كامېرا بېشى سەپلەنگەن ، 4K لىق سىن كۆرۈنۈشىنى قوللايدۇ ، Android 4.3 سېستىمىسى ئىجرا بولىدۇ . بۇنىڭدىن سىرت باتارىيەسىنىڭ سىغىمى 3200 مىللىئامپېر .